|
چۈشلىرىمگە مىھمان بۇلۇپ كەت
گۈلپىيە ھادى لەيلى
چۈشلىرىمگە مىھمان بۇلۇپ كەت ،
تەشنالىقتىن بىر چىنە ئېلىپ.
ئەلەملەرنى داغدا قۇيۇپ كەت ,
ۋىسال ئۈچۈن بىر پەدە چېلىپ .
چۈشلىرىمگە مىھمان بۇلۇپ كەت,
تۇيدۇرماستىن ھىلالغا تۈندە .
سېغىنشتىن مەي بولۇپ كېچە,
يۇلتۇزلارمۇ قالسۇن ھەسەتتە .
چۈشلىرىمگە مىھمان بۇلۇپ كەت ,
ھىجران قالسۇن ئەقلىدىن ئېزىپ.
يۈرسە بەخىت ئېھ ,,,ئاشۇ ئاخشام ,
ئېتىكىگە گۈللەرنى تېرىپ....
چۈشلىرىمگە مىھمان بۇلۇپ كەت,
كۆڭۈل ھۇجرام تۆشەكلىرىدە ,
تاڭ ئاتمىسۇن كېچە ئەقلى لال ,
بىھۇش خىيال گىرۋەكىرىدە,
چۈشلىرىمگە مىھمان بۇلۇپ كەت ,
قۇنۇپ قالسۇن شۇ كېچە ۋىسال.
تۈن پەرىسى پىنھان قوينىدا,
تاتلىق سىرلار بولغىچە ئىزھار....
2016يىل20-مارت ئاۋات
|
|