يېڭى چۆچەك
ئەنۋەر جۇلا
تېكىنلەرنى ساياقلىق كوچىسىغا باشلىغان،
قىزلارنىڭ كۆزى ئەمەسمۇ چۆچەكلەردە...
بىزمۇ دەسلەپ قىزلارنىڭ كۆزىگە كۆيگەن،
سۆيگۈ ھېكايىلىرىمىزدىن پۈتۈلەر قىسسە ...
قىزىل ئىشتانلىق بىر قىز ئۆتتى كوچىدىن،
ياشلىق جەزىبىسى جىرىڭلاپ تۆكۈلۈپ.
ئەستىلىك كۆلچەكلىرىم چالغىنىپ كەتتى،
چىرايلىق كۆزلىرىگە بىر قاراپ سېلىپ...
ۋاي، بىر مەن ئەمەس بويۇن تولغاپ قارىغان،
كەم دېگەندە ئون ئەركەكنى قىلدى سەراسىم.
ئەجەپكى، قىز كۆزىدىن مەڭدىگەن بولسام،
ئالامان ساغرىسىغا كۆز ئەتتى تەسلىم.
2016-يىل 22-مارت، چۈش.
|