يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 419|ئىنكاس: 5

ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى جۇلاسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر خەتتاتلىقى جۇلاسى
照片 255.jpg
          2016- يىللىق نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان ئېسىل خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتنىڭ 31- نۆۋەتلىك ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى (شەنبە)ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنىدىكى خۇڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا تەنتەنىلىك ھالدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىننى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ لوقمان ھەكىم بىئو تېخنىكا چەكلىك شىركىتى باشقۇرغان بۇلۇپ، يىغىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان ئەپەندى، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مەمۇرىيەت ئەزاسى،ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك گۈزەل سەنئەت ئۇستازى،دوكتۇر نىياز كېرىم شەرقى ئەپەندى قاتارلىق يولداشلار مۇھىم سۆز قىلدى.باشلىنىش مۇراسىمىدىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى نورۇز بايرىمىغا بېغىشلانغان ئېسىل خەتتاتلىق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆرۈپ مىللىتىمىزنىڭ يېزىق بايلىقلىرىدىن زور ئىستېتىك زوققا ئىگە بولدى،ھەم بۇ مەدەنىيەت بايلىقلىرىنى ياراتقان سەنئەتكارلارغا بولغان ھۈرمىتى ھەسسىلەپ ئاشتى. چۈشتىن كېيىن مەخسۇس خەتتاتلىق مۇھاكىمە پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ياسىن مۇخبول ، مۇھەممەت ئىسمايىل ، ئىمىنجان ئابدۇرېھىم قاتارلىق يولداشلار ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر خەتتاتلىقىغا ئائىت قىممەتلىك تەتقىقات پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.20- مارت چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- ئوتتۇرا مەكتەپتە خەتتاتلىقنى مەكتەپكە ، ئوقۇغۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈش  پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى، خەتتاتلار نەق مەيداندا ماھارەت كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى يىغىن جۇڭخۇا مىللىي مەدەنىيتىنىڭ مىراسى خەتتاتلىققا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئەجداتلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ ، خەتتاتلىقتىن ئىبارەت ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ مەنىۋىي بايلىقىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۈرۈشتىكى ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولدى، ھەر بىر يىغىن قاتناشقۇچىلىرى چۇڭقۇر تەسىرات ۋە ھاسىلاتلارغا ئىگە بولدى.ھەممىمىزگە مەلۇم يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەتتاتلىق ئىشلىرىمىزنىڭ تەسىرى ۋە تەرەققىياتى يۇقىرى بولماقتا .ئىشىنىمىزكى بۇ قېتىمقى ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى خەتتاتلىق ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ گۇللەندۈرۈش ، دۇنياغا يۈزلەندۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغۇسى!
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 60 قا يېقىن خەتتاتنىڭ 100پارچىدىن ئارتۇق ھۆسىن خەت ئەسىرى قويۇلغان بۇلۇپ كۆرگەزمە 23- مارتقىچە داۋاملىشىدۇ.
تۇرسۇن ئەكرەم خەۋىرى، فوتۇسى
照片 251.jpg
照片 260.jpg
照片 265.jpg
照片 267.jpg
照片 171.jpg
照片 232.jpg
照片 241.jpg
照片 288.jpg
照片 291.jpg
照片 296.jpg
照片 303.jpg



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-23 20:11:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ دىيارىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن .
تۇرسۇن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر !

ۋاقتى: 2016-3-23 22:38:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    خەتتاتلىق ئاجايىپ بىر سەنئەت، ئۇنىڭدا يېزىق، تىل، مەزمۇن، ھېسسىيات، شەكىل ۋە قويۇق ئىستېتىك تەقدىم بار. دەرۋەقە، ئۇيغۇر خەتتاتلىق سەنئىتىنىڭ مۇشۇنچىلىك ئىلمىيلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرلۈپ، مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ھەممىمىز سۆيۈنگىدەك ئىش.

ۋاقتى: 2016-3-24 10:07:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ شەيدالىرى ۋە پېشىۋالىرى    سىزلەرنىڭ خاسىيەتلىك ۋە مۇبارەك قولىڭىزلەردىن پۈتۈپ چىققان دوپپاسىمان ھۆسنخەتلەر ئارمانلىق قەلبلەرنى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدۈرمەكتە.

ۋاقتى: 2016-3-24 13:09:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئانا تىلنىڭ قەدىر-قىممىتى  گۈزەل خەتتاتلىق سەنئىتى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ...بارلىق خەتتات قېرىنداشلىرىمنىڭ  ئەجرىگە قۇت تىلەيمەن...!

ۋاقتى: 2016-3-24 19:37:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر خەتتاتلىق، گۈزەل-سەنئەت بايلىقىمىزنىڭ مەڭگۈ جۇلالاپ نۇر چېچىپ تۇرىشىغا تىلەكداشمەن. خەتتاتلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش