قال مۇھەببەت
يەھيا يۇسۇف
قال مۇھەببەت
مەن كېتەي يىراق-يىراقلارغا،
تويدى كۆڭلۈم شۇ پىراقلارغا.
قال مۇھەببەت
تاشلاپ كېتەي سېنى ئارقامغا،
مەپتۇن قىلما ساختا ئارمانغا.
قال مۇھەببەت
ساختا گۈل بىرلە قېلىپ قال،
پىغانىمنى ئېلىپ چىرىپ قال.
قال مۇھەببەت
رەزىللىكتە تىكەن بولۇپ قال،
زەھەر بىلەن ئارمان توقۇپ قال.
قال مۇھەببەت
دېڭىزلارغا قاراپ كېتەيمەن،
چەكسىزلىككە تاراپ كېتەيمەن.
قال مۇھەببەت
قال -قال ئۇزاق، مەندىن ھەم يىراق،
كىتابىڭنى پۈتەرمەن بىراق.
قال مۇھەببەت
جەسىتىڭنى تاشلاپ كېتەرمەن،
بۈگۈن سەندىن دادلاپ كېتەرمەن.
قال مۇھەببەت
قالغىن جانان بىرلە ئارقامدا،
ئىزىڭ قالدى كۆڭۈل يارامدا.
قال مۇھەببەت
يالغان بولۇپ ۋەيران بولۇپ قال،
تىكەنلەرگە سۇلتان بولۇپ قال.
قال مۇھەببەت
يىلتىزىڭنى ئىزلەپ كېتەيمەن،
بۈگۈنىڭدىن قاخشاپ كېتەرمەن.
2016-يىل23-مارت
|