ئات چاپتۇرۇپ كېرەر ئوغلۇم نورۇزغا
نۇرتېكىن
قۇياش بىلەن ئويغانماقتا ئۈمدىلەر،
يېشىل ئىرا بېسىپ كىرگەچ يۈرەككە.
قۇرۇپ كەتكەن تۇمۇرلادا تاشقىنلار،
جىلۋىسىنى بېرىپ نۇرۇز چېچەككە.
دىللار ئارا كەڭ يېيىلغان يايلاقتا،
بوي تارتىشار قىزلار ئۈچۈن تۆت قۇلاق.
ئېتىزلارنىڭ چاك-چاك بولغان لېۋىدە،
كۆز ئاچىدۇ كۈلۈپ ياتقان مىڭ بۇلاق.
مەجنۇن تالنى ئارتىۋالغان جانان قىز،
شاماللارغا ئەركىلەيدۇ ناز قىلىپ.
قۇشلار تىلى راسلاپ چىققان بەزمىدە،
موقامچىلار ئولتۇرىدۇ ساز چېلىپ.
تاغلارنىڭمۇ ئاپئاق ساقال- چاچلىرى،
رەڭ تۈزەيدۇ تارىم دەريا بويىدا.
قۇياش بولۇپ كۈلۈپ چىققار مومايمۇ،
پورەكلىگەچ گۈللەر بوۋاي قولىدا.
ئاياللارنىڭ قازىنىدا توققۇز دان،
يېڭى ھايات چىللاپ كېلەر ھەر ئۆيگە.
ھۆرمەت بىلەن بېقىشماقتا بارچە جان،
تەڭ قېرىغان ، تەڭ ياشتىكى كۈن، تۈنگە.
ئاڭلانماقتا تۇلپارلارنىڭ كىشنىشى،
مېنى باشلاپ يىراقتىكى ئوغۇزغا.
يېڭى يىلنىڭ بەيگىسىدە يەڭ تۈرۈپ،
ئات چاپتۇرۇپ كېرەر ئوغلۇم نورۇزغا.
|