نورۇزنامە
ئىبراھىم ئەلى ھەكىمى
گۈل بۇلۇپ،گۈل-گۈل بولۇپ ۋاھ ! خۇشچىراي ئاچتىڭ نورۇز،
بار جاھانغا ئۇز ئېھتىرام ، نۇر- مېھىر چاچتىڭ نورۇز.
جىرىڭ-جىرىڭ قار- مۇز ئېرىپ ، ئەگىز سۇلىرىڭ ئاي – ھاي ،
چېھرىڭ كۈمۈش دەريا بولۇپ ، باغ -ۋاران ئاچتىڭ نورۇز .
زېمىن –تۇپراق قېنىپ ئۇخلاپ ، ئويغاندى ناز ئۇيقىدىن ،
قايناق ئېتىز كەڭ باغرىغا ، گۈلخانلار ياقتىڭ نورۇز.
ئاققۇ – ئۆردەك ، غاز – تۇرنىلار ئۇسۇل ئويناپ كېلىشتى ،
مەرھابا ! دەپ ساما ئەيلەپ ، ساز – مۇقام چالدىڭ نورۇز .
ئوماق ئوغۇل چالدى پۇشتەك ، بىغۇبار پاك قىزلارغا ،
قىرىق بىر تال چەشتەڭگىنى، چېچىغا ئاستىڭ نورۇز .
ھۆرى يەڭلىغ كېپىنەكلەر قوندى شاپتۇل بەرگىگە ،
پىچىرلىشىپ لەۋ سۆيۈشتى خويمۇ ياراشتىڭ نورۇز .
ئۆستەڭ بويى يالپۇز ھىدى ، كۈلۈپ چىقتى ئۈچ قۇلاق ،
سېرىن گۈللەر چاچتى پۇراق ، زوق – ھوزۇر ئالدىڭ نورۇز .
ئاشىق – مەشۇق قىز- يىگىتلەر تىراكتۇرنى سايرىتىپ ،
كۆك يىيىشىپ ، كۆز بېقىشسا ،ئاي بولۇپ باقتىڭ نورۇز .
ئاقىل بوۋام نەۋرۇز ئاتاپ ، كۆك قوچقارنى سويۇشتى ،
نەۋرۇز ئېشى شىپالىق دەپ ، جىق ئىشىك قاقتىڭ نورۇز .
ئاقباش مومام توققۇز داننى ، شاھانە ئاش دەپ ئەتتى ،
كۆك ئېشىنى ئاسمان دېدى ، ۆكۆ تۇمار ئاستىڭ نورۇز .
ئۆيدە مەشرەپ ، سەھرادا توي ، چېلىش ، ئوغلاق ، ئېلەڭگۈچ ،
ھەممە ياندا نەغمە – ناۋا ، قىياندەك تاشتىڭ نورۇز .
سابا ئەيلەپ قەھ – قەھ ئۇرۇپ ،بۇلبۇل قۇشلىرىڭ مەسخۇش ،
ھەي دىبان قىش زىمىستاننى يۇلتۇزدەك ياندىڭ نورۇز .
مەغرىپى – مەشرىق تامانغا ، قۇت مۇبارەك ئەيلىدىڭ ،
كۆك قازاندا كۆك چۆچىرە ، كۆك گۆھەر يايدىڭ نورۇز .
ئوسما قاشلىق ، چېچەن چوكان ، قىر بېشىدا پەرۋانە ،
گاھ ئاش ئۇسار ، گاھ قاش ئاتار ،قاقاھلاپ قاندىڭ نورۇز .
زەم – زەم بۇلاق ، نەۋرۇز بۇلاق تەۋەرۈك قالغان مىراس ،
ئەۋلادلارغا گۈل سوغا دەپ ، زەر پۈتۈك يازدىڭ نورۇز .
سېنى دېھقان كۈچ – مادارى ، تاغ – تاغ كەبى ئاچقاي دەپ ،
كۆك ئېشىڭدىن كەۋسەر ئېتىپ ، بال كەبى تامدىڭ نورۇز .
كېچەلمىدىم ، كېچەلمەيمەن ، نەۋرۇز ئاش ، چۆچىرىدىن ،
ھەكىمگە تا مەڭگۈلۈك كۆيۈك ئوت سالدىڭ نورۇز .
|