يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 9

ئەركىن داۋۇت ئوغۇز: ئۈچ مۇسەللەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەركىن داۋۇت ئوغۇز

ئۈچ مۇسەللەس

                          ئىۋەتىپتۇ

باھارقىز سېغىنىپ دىلدىن ماڭا گۈل،خەت ئىۋەتىپتۇ،
گۆھەردەك نۇرلىنىپ رەت-رەت بەخت،نۇسرەت ئىۋەتىپتۇ،
جۇدۇننى سۈرتوقاي ئەيلەپ ئېسىل خىسلەت ئىۋەتىپتۇ.

قىلىپ جىلۋە نازاكەتلىك ھەسەن-ھۈسەنلىرى كۈلگەن،
بۇلۇتلار باغرىنى تىلغاپ تالاي ئاققۇلىرى يۈرگەن،
ھاياجان قوزغىتىپ قايناق ئېسىل سۈرەت ئىۋەتىپتۇ.

زېمىننى كۈلدۈرۈپ قەھ،قەھ سۇۋاداننى قىلىپ ھەيران،
قۇرۇپ قالغان گىياھلارنىڭ ۋۇجۇدىغا بېغىشلاپ جان،
تېشىپ ئىلھامى دەريادەك گويا ھەركەت ئىۋەتىپتۇ،

ئېتىزلارنى ياشارتىپ ئۇز سۈزۈك ئاسمان سىياقىدا،
كۆيۈپ ھەر تاڭ يانار تاغدەك مۇھەببەت ئىشتىياقىدا،
قىلىپ كۆڭلىنى زەپ كەڭرى ھوسۇل،بەركەت ئىۋەتىپتۇ.

ھېرىپ قالماي سەھەر،ئاخشام كىزىپ تاغۇ قىيالارنى،
لېۋىدە چاقنىتىپ يارنىڭ ئاجايىپ نۇر-زىيالارنى،
ئانا يۇرتۇمنى ياد ئەيلەپ سالام،سۆھبەت ئىۋەتىپتۇ.

چىكىپ كۆزنەك،چىكىپ باغۇ ۋارانلارنىڭ ئىتەكىنى،
يىنىك سىپاپ ھاياجاندا قوغۇن،تاۋۇز پىلەكىنى،
كىشىنى قالدۇرۇپ ھاڭ تاڭ مىھىر-شەپقەت ئىۋەتىپتۇ.

تىلىغا كىرگۈزۈپ تۇز،تەم چۈشىدە كۈيچى بۇلبۇلنىڭ،
قولىغا سۇ بىرىپ تەمكىن رىۋايەت پىرى سۇمبۇلنىڭ،
تاۋار كۆرپە سېلىپ ھەريان گويا ھۆرمەت ئىۋەتىپتۇ.

تۇتۇپ دوستلارغا جام،جامدا مۇھەببەتنىڭ شارابىنى،
گويا شادلاندۇرۇپ توزدەك كۆڭۈللەرنىڭ ئارامىنى،
نورۇزلۇق بەزمىگە چىللاپ باغاق،رىغبەت ئىۋەتىپتۇ.

                              كۈلدى

گۈزەل تاڭ ۋەسلىگە قانماي يىگىت قىزغا بېقىپ كۈلدى،
ئۇنىڭ چوغدەك لىۋىگە لەۋ جېنى يايراپ يېقىپ كۈلدى
ھاياجان ياشلىرى كۆزدە گويا مونچاق ئېقىپ كۈلدى.

گۈزەللىكنى قىلىپ كۆرەك ئېچىلغاندا چېچەك-چوكان،
قۇچاقىغا ئانا يۇرتنىڭ چېچىلغاندا چېچەك چوكان،
ياساپ ئۆركەش تومۇردا قان تۈمەن بۇلبۇل قېنىپ كۈلدى.

مۇھەببەت ئوتلىرى لاۋ-لاۋ كۆيۈپ يۇمران يۈرەكلەردە،
ئۈمۈدنىڭ نۇرلىرى چاقناپ ئېسىل مارجان،بىزەكلەردە،
كۆڭۈل ئاسمانىدا بىردىن تۈمەن خىل رەڭ يېنىپ كۈلدى

چىكىپ تەمبۇر مۇھەببەتنىڭ بېغى ئىچرە جانان قىزلار،
تونۇرنىڭ دەپتىدەك خۇددى كۆيەك ئوتى يامان قىزلار،
ھايات ھېكمەتلىرىنى ئۇز قوشاق-كۈيگە قېتىپ كۈلدى.

گۈلۈستاندا تالاي قۇشلار تىنىم تاپماي ئۇچۇشقاندا،
قىزىل گۈلگە بولۇپ مۇشتاق يەنە بەزمە قۇرۇشقاندا،
بولۇپ ھەيران سۈزۈك سۇلار يىراقلارغا ئېقىپ كۈلدى.

قاماللاپ تۈلكىنى بۈركۈت سۈزۈك كۆككە تىكىلگەندە،
ئوپۇقنىڭ مەڭزىنى بويلاپ نەقىش،گۈللەر چىكىلگەندە،
تۇتۇلماي ئۆزىنى قويچى چىمەنزاردا يېتىپ كۈلدى.

چېپىپ كەتمەننى ئۈنتۈنسىز چۆلىستاندا ھېرىپ قالماي،
ئەجىرسىز نازۇ نېممەتكە كۆزىنىڭ قىرىنى سالماي،
ياۋاش دېھقان ھالال ئەمگەك مېۋىسىنى تېتىپ كۈلدى.
                    كۆرۈپ كەلدىم


ئانا يۇرتۇم گۈزەل چوپان جامالىڭنى كۆرۈپ كەلدىم،
ئوغاقتەك قاشىنى زەپ ئۇز ئاتارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم،
قەلب رىشتىنى قەلبىمگە چاتارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

قىلىپ مېھمان مېنى رەت-رەت كېچە-كۈندۈز قۇچاقىدا،
ئوتۇندەك كۆيۈشۈپ لاۋ-لاۋ مۇھەببەتنىڭ ئوچاقىدا،
قوياشتەك نۇرىنى تاڭدا چاچارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

ئۈرۈكلەر گۈللىگەن باغنى،گويا خەنجەت كەبى تاغنى،
ھاۋاسى ساپ سۈيى ئەلۋەك ئېتىز-قىرى يېشىل چاغنى،
چېلىپ دۇتار قوشاق-كۈيگە قاتارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

قىلىپ جىلۋە پەرىشتىدەك گۈلۈستاندا كۈلۈپ باققان،
ھەسەل بىلەن يۇغۇرغاندەك سۆزى ماڭا ئەجەپ ياققان،
يۈزىدە نۇر،كۆزىدە ئوت يانارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

ئېسىل كىمخاپ يېپىنغان يايلىقىڭدا ئوينىغان تاينى،
قېشىدا يۇلتۇزى چاقناپ خىجىل قىلغان تولۇن ئاينى،
مىنىپ ھەريان شامالدەك تىز چاپارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

قاناتىنى قېقىپ كۆكتە يىراقلارغا تىكىلگەن ئۇز،
گۈزەللىكتىن ئېلىپ ھوزۇر يۈرەكلەرى چېكىلگەن ئۇز،
ھاياجاندا سېلىپ ساما ئۇچارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

بىرىپ جان چالما-كىسەككە ئۈمۈد ئىچرە كۈلۈپ باققان،
ھالال ئەمگەك مېۋەسىنىڭ شىرىن تەمىگە لەۋ ياققان،
ئىشىدا ھەر قاچان شەرەپ قۇچارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

چىرايلاردا خۇشاللىق جىلۋىسى ئويناپ ھۆكۈم سۈرگەن،
كۆيۈشكەن تاڭ شەپەقىدەك كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈرگەن،
قىزىل گۈلدەك ئەجەپ خۇشبۇي باھارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم.

جىمىرلاپ خۇددى يۇلتۇزدەك شېخىدا ئالما،نەشپىتنىڭ،
جۇلاسى بىرلە ھەر تاڭدا كۆزىنى چاقنىتىپ يارنىڭ،
ۋۇجۇدىدىن شىرىن شەربەت تامارىڭنى كۆرۈپ كەلدىم

باھا سۆز

شىرىن-شېرىن...  ۋاقتى: 2016-3-24 10:23 AM
سالام، مۇئەللىم، مۇشۇ گەپ توغرىمۇ؟ ئىۋەتىپتۇ،...  ۋاقتى: 2016-3-24 05:43 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-22 13:37:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوخشىغان شېرىن مۇسەللەستەك مۇسەللەسلەردىن شائىرنىڭ بەدئىي بالاغىتىنى كۆرۈپ ئاپىرىن ئوقۇدۇم....

ۋاقتى: 2016-3-23 22:14:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

قاناتلىق شوخ شاماللاردىن نىگارىم خەت ئەۋەتىپتۇ،
سېلىپ خەتنىڭ ئاراسىغا يېڭى سۈرەت ئەۋەتىپتۇ.
————————— توختىمۇھەممەد تۇردى غەزەللىرىدىن ئۈزۈندە.

ۋاقتى: 2016-3-24 05:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي شېئىر دېگەن مانا مۇشۇنداق بولىدۇ...ئاپىرىن مۇئەللىم، قۇرۇق گەپ بىلەن ھەقىقىي شېئىرنىڭ پەرقىنى ياكى « تېپىشماق»لار بىلەن مۇكەممەل روشەنلىككە ئىگە بولغان شېئىرلارنىڭ  پەرقىنى ئەقىللىق ئوقۇرمەنلەر بىر قاراپلا ھېس قىلالايدۇ. شائىر بولماق ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بولۇپمۇ يۈرەككە تەگكۈدەك بىرنەچچە پارچە شېئىر يېزىپ، شائىر دەپ ئاتىلىپ، ئەلنىڭ دىلىدىكى ھۆرمەت تەختىدىن مۇبارەك ئورۇن ئالماق...بىزگە ئايانكى، بۇ شېئىرىي تۈرلەردە شېئىر يازالايدىغانلار ساناقلىقلا قالدى. ئەمما قۇرۇق پوپاڭ سالىدىغانلار ھەم شۇنىڭ بىلەن شەھەر ئالىدىغانلار چۆل خوخىسىدەكلا سانسىزدۇر. مەنمۇ زوق ئالدىم...ھەم ئۈمىدلەندىم. ئۇستازلىق سالاھىيەت بىلەن ئۆلگە كۆرسەتكەنلىرىگە تەشەككۈرلەر ياغقاي! ئامەتلىك بولغايلا!

ۋاقتى: 2016-4-12 11:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھۇزۇر ئالدىم ئىچىپ ئۈچ جام،ئۇغۇز سۇنغان مۇسەللەستىن،
دېدىمكى، چىقمىسۇن  مەڭگۈ  تەۋەررۈك  نامىلەر  ئەستىن !

ۋاقتى: 2016-4-12 15:21:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخشام ئىچكەن ئاۋاتنىڭ جا مۇسەللىسىدىن ياخشىراق تۇرامدۇ نىمە!  ياخشى يېزىپسىز، مۇئەللىم.

ۋاقتى: 2016-4-12 15:30:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلار بالاغەتكە يېتىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش