كەلدى نۇرۇز ،كەلدى نەۋ باھار
ھەمدۇللا مەمەت ئېزىز
كەلدى نۇرۇز ،كەلدى نەۋ باھار ،
شاد - خۇشاللىق ھەممىگە بوپ يار.
نەغمە - ناۋا ياڭرىدى ھەريان ،
شوخ پەدىگە ئۇرۇلغاندا تار .
ھەممە يەردە قاينىدى ساما ،
كۈلكە -چاقچاق ، قىززىق ئويۇنلا.
يۇرت -يۇرتلاردا تەڭلا باشلاندى ،
نۇرۇز كۈيلەپ نەغمە ھەم ناۋا .
دىھقانلارمۇ بېيىشنى كۆزلەپ ،
ئېتىزلارغا مېڭىشتى يۈزلەپ .
تىرىلغۇغا كىرىشتى تىز -تىز ،
قېن -قېنىغا پاتمايلا سۆزلەپ.
بىخ سۈرۈشكە باشلىدى مايسا ،
دەل- دەرەخ ھەم بارچە گۈل -گىياھ.
يىشىل توندىن بېزەندى ئەتراپ ،
سۈت ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ ئاستا .
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21كۈنى
|