نورۇزغا ناقىس بىر بايان
ئەرافات ئابدۇرۇسۇل
گۈزەل تاڭ ۋەسلىدە بىزگە باھارىم يەتتى دىدارلىق.
بوغۇلغان ئاشىقى بولبۇل ئۇزاتتى گۈلگە ئىزھارلىق.
ماكان نە نورۇزى ھالدا، زامان نە ئۇشبۇ تىمسالدا؟
تالاشقاي پەيتى نورۇزدىن يەنە كىم كاتتا ئىلغارلىق ؟
ياراشقاي كۆككە ئاق مەخمەل، زېمىنغا ياپيىشىل كەڭلىك،
ياراشقاي ئەرگە جەسسۇرلۇق، ياراشقاي قىزغا دىلدارلىق.
قازان قاينايكەن سەكسەن خۇرۇچتا، تارقىتىپ ئەپسۇن،
تېمىم مەيزاپتىكى سۆيگۈ تاپۇر دىللاردا بىسيارلىق.
قوشۇپ باش راسلىدى ئالەم تىرىكلىك ھەققىدە تەلقىن،
مۇھەببەت مۆھرىدىن سەيياھ يەنە كۆرمەيدۇ دىشۋارلىق.
گۈزەللىك ئىشقىدىن ئەسلى ئەزەللىك ئىلتىپات تاپمىش،
گۈزەللىك تاپمايىن ئىنسان، تاپۇر ئەل ئىچرە ئىنكارلىق.
تەسەددۇق جان ، تېلەپ بىر جاي ئۆمۈرلۈك پەسلى نۇرۇزدىن،
نە ئارمان يوقسا جىسمىمغا شۇ تۇيغۇ،مەيلى بىمارلىق.
نە چارە شائىرىڭ ناقىس چالالماس ئىزغىرىن بىر كۈي،
مۇراد شۇ يەتسە مەنزۇرغا كۈتۈپ زەر تاڭنى بىدارلىق!
2016-يىلى3-ئاينىڭ21-كۈنى