يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3937|ئىنكاس: 1

سەبۇرى: نورۇز قەسىدىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نورۇز قەسىدىسى

ئۆمەر ئوسمان سەبۇرى

نورۇز- پەسىلەرنىڭ سەردارى، يېڭى بىر يىلنىڭ، يېڭى بىر باھارنىڭ، يېڭى ئۈمىد ۋە ئارمانلارنىڭ بىشارىتى. نورۇز- ئۆملۈكنىڭ، مېھرىبانلىقنىڭ، خۇشاللىقنىڭ ۋە بەخت-سائادەتنىڭ سىمۋولى، نورۇز-غەيرەت شىجائىتى ئۇرغۇپ تۇرغان قەلبلەرنىڭ يېڭى مۇۋەپىقىيەتلەر ئۈچۈن تاشلايدىغان خەيرلىك ۋە جەسۇر قەدىمىنىڭ مۇقەددىمىسى.
مۇقەددەس نورۇزنىڭ خاسىيىتى بىلەن ئانا تەبىئەت، يېڭى ھاياتلىقنىڭ شېرىن مەۋسۈمىگە قۇچاق ئاچىدۇ، زېمىستان قىشنىڭ مۇدھىش جۇدۇنلىرىدىن ھالسىرىغان جىمى جانلىقلار باھارنىڭ ئاتەشتەك تەپتى ھەم ھوزۇر بەخش مەيىن شاماللىرىنىڭ خاسىيىتى بىلەن قايتىدىن جانلىنىپ، ھاياتى كۈچكە تولىدۇ. خاسىيەتلىك نورۇز ئۆز كارامىتى بىلەن زېمىنغا جان، تەبىئەتكە گۈزەللىك، دىللارغا خۇشاللىق بەخىش ئېتىدۇ.
نورۇز –ئەجدادلار ئۇدۇمىنىڭ ئەۋلادلار جىسمىدا قايتىدىن ئەكس ئېتىشى، تارىخنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنلىرىدا مەۋج ئۇرغان روھىيەت دۇردانىلىرىنىڭ مەسۇم قەلبلەردىكى يارقىن جۇلاسى، نورۇز بىپايان تارىم ۋادىسى، سېھىرلىك تەكلىماكان قۇچىقىدىكى ئەقىللەرنى لال قىلىدىغان ھېكمەت ۋە مۆجىزىلەرنىڭ كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان مۇڭلۇق ناخشىلاردا، جەسۇرلۇق ۋە غەيۇرلۇق بالقىپ تۇرىدىغان ئوتلۇق كۆزلەردە  ئەكس ئېتىشى. نورۇز- بەستىدىن كۈچ-قۇۋۋەت ئۇرغۇپ تۇرىدىغان قاۋۇل يىگىتلەرنىڭ مەردانە ئېلىشىشلىرىدا، ھۆسىن-لاتاپەتتە كامالەتكە يەتكەن پەرى سۈپەت نازۇك قىزلارنىڭ لەرزان ئۇسسۇللىرىدا، ئەر قانىتى دەپ تەرپلىنىدىغان بەيگە ئاتلىرىنىڭ ئۇچقۇر تۇياقلىرىدىمۇ، ئۆزىنىڭ خاسىيىتىنى نامايان قىلىدۇ.
نورۇز –سەبىيلەرنىڭ تاتلىق كۈلكىلىرىدە، شائىر-غەزەلخانلارنىڭ ۋايىغا يەتكەن نەزمە-قەسىدىلىرىدە، خىزىر سۈپەت ئاتىلارنىڭ، مېھرى دەريا ئانىلارنىڭ ئىللىق تەبەسسۈملىرىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
ئېھ نورۇز- بۈگۈن سەن ئىلىنىڭ گۈزەل يايلاقلىرىنى، قەشقەرنىڭ ئانارلىق باغلىرىنى، خوتەننىڭ قاشتىشى كانى بولغان ئىللىق قۇچىقىنى پاكلىق، سەمىمىيلىك، گۈزەللىككە تويۇنغان گۈزەل تارىم، زەرەپشان ۋادىسىنى، بۇ پايانسىز زېمىندا مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغلىرىنى بېھىساب شاد خوراملىققا چۆمدۈردۈڭ.
ئېھ نورۇز- سەن بىزنىڭ ئىپتىخارىمىز؛ سەن بىزنىڭ ئىلھام بۇلىقىمىز؛ سەن بىزنىڭ تۈمەنمىڭ يىللاردىمۇ كونارمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەزىز مېھمىنىمىز.
مەن ساڭا تەلپۈنىمەن، سېنىڭ مۇبارەك قەدىمىڭگە قەلىب گۈلشەنىمدىكى بېھىساپ گۈل- غۈنچىلاردىن پايانداز سالىمەن. سەن بەخىش ئەتكەن ئالەمچە خۇشاللىقنى ئانا زىمىنغا، مىليۇنلىغان ئاتەش قەلىبلەرگە چاچقۇ قىلىپ چاچىمەن.

ئاپتور: يەكەن ناھىيلىك رادىئو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا

باھا سۆز

پەسىلەرنىڭ-پەسىللەرنىڭ...  ۋاقتى: 2016-3-22 12:10 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش