ئىناقلىقتىن بارچە ئادەم كۆكلەيدىكەن
ئازادجان ئىبراھىم
ئېناقلىقتىن بارچە ئادەم كۆكلەيدىكەن
ھەسەتخورلار ياخشىلارنى كۆرەلمەيدۇ،
شۇڭا ئۇلار خوشال-خۇرام يۈرەلمەيدۇ.
ئېناق ئېجىل ئۆتمىگەچكە ئاۋام بىلەن،
ھايات پەيزىن ئۆزگىلەردەك سۈرەلمەيدۇ.
ئەپ ئۆتۈڭلارئاۋام بىلەن ئۇرۇشماڭلار،
ئۆزگىلەرنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشماڭلار.
ھەممە يەردە لىللا بولۇپ ھەقنى ھەق دەپ،
ئۆزگىلەرگە كۆپ ئىللىقلىق بېغىشلاڭلار.
ئېناقلىقتىن ھەممە ئادەم سۆيىنىدۇ،
ياخشى ئادەم ئۆزگىلەرگە كۈيىنىدۇ.
ناباپلىرى بۇزۇپ دائىم ئېناقلىقنى،
ھەممە يەردە ئەلگە يامان كۆرىنىدۇ.
پەزىلەتلىك ئادەم ئەلنى سۆكمەيدىكەن،
ئىناۋەتنى،ئابىرويىنى تۆكمەيدىكەن.
ئەلگە ئاپەت بولىدىكەن ئېناقسىزلىق،
ئېناقلىقتىن بارچە ئادەم كۆكلەيدىكەن.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى
|