نورۇز بۈگۈن
ئۆمەر ئوسمان سەبۇرى
قىلماقتا جەۋلان نەۋ باھار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن،
ھەر ياققا پۈركۈپ خۇش ئىپار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
پۇركەندى دىللار سۆيگۈگە، ئويغاندى ھېسلار ئۆزگىچە،
شادلىققا چۆمدى بۇ دىيار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
سۈتتەك ئاقارغان سۈبھىدە، كۈندەكلا چولپان پارلىدى،
قەلبىمدە قوزغاپ ئىپتىخار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
كۆكتە جۇلالاپ زەر قۇياش، زۇلمەتنى ھەم ئەگدۈردى باش،
شادلاندى دىل بىئىختىيار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
گۈلگۈن شەپەقتىن نۇر ئېمىپ، گۈلدەك ياساندى كەڭ دالا،
گۈلدىنمۇ ئارتۇق بىغۇبار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
قار-مۇز ئېرىپ ئەگىز بولۇپ، ئاقتى گويا شەربەت كەبى
ئالدى ھۇزۇر ئەنجۈر، ئانار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
شوخ قىيغىتار تاغدا كېيىك، باغلاردا بۇلبۇل شادىمان،
شادلىق كۈيىنى ياڭرىتار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
پۇركەپ ۋەتەن بوستانىنى ئۆملۈك، ئىناقلىق گۈلىگە،
خەلقىمنى ئەيلەپ بەختىيار، كەلدى مانا نورۇز بۈگۈن.
(ئاپتور : يەكەن رادىيو- تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا مۇھەررىر)