يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 954|ئىنكاس: 8

تۇردى قەييۇم: رومان بولسا مۇنداق بولسا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
       رومان بولسا مۇنداق بولسا   
         
           تۇردى قەييۇم

  تۈركىيە يازغۇچىسى سەردار ئۆزكاننىڭ « ھايات نۇرلانغاندا » رومانى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرپىدىن 2015-يىل 9- ئايدا نەشىر قىلىنىپ ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. بۇ روماننى ئاتاقلىق تەرجىمان مۇنارجان توختاخۇن تەرجىمە قىلغان.
مەن سەردار ئۆزكاننىڭ « غايىپ گۈل » رومانىنى ئوقۇپ ئاپتۇرنىڭ يېڭى بىر باش تېمىنى ئىنتايىن گۈزەل تىل تەسۋېرلىرى ئارقىلىق ئىپادىلەپ بەرگەنلىكىدىن ئاجايىپ بىر تەسىراتقا ئىگە بولغان بولسام، بۇ يىل ئۇنىڭ بۇ  ئىككىنجى رومانىنى ئوقۇپ تېخىمۇ يۈكسەك ئۈمۈدۋارلىق ۋە مىھرى -مۇھەببەت قوينىغا چۈمۈلدۈم. تەرجىمىگە ئاساسەن ئوقۇپ چىققان بۇ روماننىڭ ئالاھىدىلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۆۋەندىكىدەك ھېس قىلدىم.
بىرىنجى ، روماننىڭ باش تېمىسى كونا تېما ئىچىدىكى يېڭى تېما مېھرى- مۇھەببەت بولۇپ ، مېھرى- مۇھەببەتنىڭ ئىچكى مەنىسى ئۆزگىچە بايان ئۇسۇلى بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىلگەن.
ھەممىمىزگە مەلۇم ، مېھرى- مۇھەببەت تېمىسى دۇنياۋى تېما شۇنداقلا ، قەدىمدىن ھازىرغىچە كۆپلىگەن يازغۇچىلار، شائىرلار بايان قىلىۋاتقان ، ئۇنىڭ ئىچكى ماھىيتىنى ئېچىپ بىرىشكە ئۇرۇنىۋاتقان تېما. مەڭگۈ يېزىپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان كەڭ تېما.
تۈركىيە يازغۇچىسى سەردار ئۆزكان بۇ روماندا ئەنە شۇنداق مەڭگۈ تۈگۈمەيدىغان تېمىنى ئاجايىپ ماھارەت بىلەن تۈپ يېلدىزىدىن كۆرسىتىپ بىرىشكە تىرىشقان.    روماندا بالا ئومۇ بىلەن قىران ئومۇدىن ئىبارەت ئىككى پېرسۇناژنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ئىككى لىنىيە بۇيچە بايان قىلىنىپ ئاخىرى بىر لىنىيەگە ،بىر تېمىغا مەركەزلەشكەن. قىران ئومۇ بالا ئومۇغا ئايلىنىپ كېتىدۇ ۋە دېلفېننىڭ كۆزىنى ماكان قىلغان ئەۋلىيانى كۆرىدۇ. ئېنىقراق ئېيتقاندا مېھرى- مۇھەببەتنى كۆرىدۇ. بالا ئومۇ ۋە قىران ئومۇلارنىڭ ھېكايىسى ، ئۇلانىڭ ئاققۇ ئومۇ، سۇپەرىسى، ئۆلۈم پەرىشتىسى ، تاشلار بىلەن پاراڭلاشقان بوۋاي ۋە قوللىرى قىزىل بۇيالغان مۇماي بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى ھەم ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھېكايە، رىۋايەتلەردىن  ئىنساننىڭ بەخىت-سائادىتى، نۇرلىنىشى ئۈچۈن مېھرى-مۇھەببەت بولمىسا بولمايدىغانلىقى، بۇ مېھرى - مۇھەببەت قانداقدۇر ئېغىزدىكى مېھرى- مۇھەببەت بولماستىن، شەكسىز چىن مىھىرى- مۇھەببەت بولۇش كېرەكلىكى يۇرتۇلغان.
قانداق نەرسە، قانداق ئادەم بولىدىكەن ئۇنىڭغا مېھرى- مۇھەببەت بەرگەندىلا ئۇنىڭ بىلەن ئوي –خىيالدا، پىكىر-تەسەۋۋۇردا،جاپا-مۇشاقەتتە، راھەت-پاراغەتتە ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمدە بىر تەن، بىر بىر جان بولالىغاندا ھاياتنىڭ نۇرلىنىشقا  قاراپ  ماڭىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئىچكى ماھىيەتنى يۇرۇتقان. ئاپتۇر « مېھرى –مۇھەببەت نۇرنىڭ مەنبەسى، ھايات نۇرلانغاندا بىز مەڭگۈ ئايرىلمايمىز» دەپ، مېھرى- مۇھەببەتنىڭ ھاياتلىقىنىڭ بىر دەستۇرى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئىككىنجى، روماندا ئاپتۇر  ۋەقەلىكىنى گىرەلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ئۇسۇلى بىلەن قاتلاممۇ قاتلام ئىچكىرلەپ ۋەقەلىكنى يۇقۇرى پەللىگە كۆتەرگەن. باش تېمىنى يۇرتۇپ بىرىشتە بالا ئومۇ ۋە قىران ئومۇلارنىڭ ئىزدىنىش يوللىرىدىكى ۋەقەلىكنى ماكان ۋە زامان چەكلىمىسىدىن ھالقىتىپ بىردەم ئۇ دۇنيادىكى ئىشلارنى،بىردەم ئىنسان يارلىشتىن بۇرۇنقى ۋەقەلەرنى، بىردەم ئەۋلىيالار ھەققىدىكى ھېكايلارنى ، بىر دەم بۇ دۇنيادىكى رېئاللىقنى، يەنە بىردەم كەلگۈسىدىكى كېلىچەكنى تەسۋىرلەپ، بايان قىلىش ئۇسۇلىدا ئۆزگىچە خاسلىق ياراتقان. بۇ جەھەتتە يازغۇچىنىڭ ماھارىتىگە ئاپرىن!
ئۈچۈنجى، روماندا مېھرى- مۇھەببەت، ھاياتلىق، ئۆلۈم ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەر پەلسەپىۋى  يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن. بىز روماننى ئوقۇغان ۋاقتىمىزدا مۇنداق مۇھاكىمىلەرنى ئۇچۇرىتىمىز.«  ئاققۇنىڭ دېيىشچە ھارقانداق ئادەمنىڭ قەلبىدە ‹ مەنمەنچى ئالۋاستى› بولىدىكەن .ئۇ ئۆزىنى دۇنيادا بىر چاغلايدىغان ئالۋاستى ئىكەن. بەزى ‹ مەنمەنچى ئالۋاستى› تىلار بەك يامان ئىكەن.ئۇ ئالۋاستى ئۆزىنى ھېچكىمگە تەڭ قىلمايدىكەن. ھەممە نەرسە مېنىڭ ئىلكىمدە بولۇش كېرەك دەپ قارايدىكەن » ،« بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى مۇھەببەت ئۈزۈكسىز چوڭقۇرلاپ بېرىشى كېرەك. قەلبىمىزدىكى ‹ مەنمەنچى ئالۋاستى› نى بويسۇندۇرۇپ بولغۇچە ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى كىرەك. بىر بىرنى ياخشى كۆردىغان ئىككى ئادەم بىر ئادەمگە ئايلىنالايدۇ. بىزنىڭ مۇھەببىتىمىز شۇنداق بولۇش كېرەك. دوستلار بىر- بىرى ئۈچۈن سىنئەينەك»
بىز روماننى تەپسىلى ئوقۇپ يوقارقى مۇھاكىمىلەر ئىچىدىكى ئىچكى پىكىرلەرنى تەھلىل قىلساق تېخىمۇ ياخشى ئۇچۇر، تەسەۋۋۇرلارغا ئىگە بولىمىز.
يۇقارقى مۇھاكىمىلەر قىران ئومۇ بىلەن ئۆلۈم پەرىشتىسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى دېئالوگلاردا تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. ئۆلۈم پەرىشتىسى: « ــ كۆڭلۇمنى ئەڭ يېرىم قىلىدىغىنى مەن بىلەن ئۇچرىشىش پەيتى كىلىپ قالغاندا ‹ ئەگەر ئۇ كەلمىگەن بولسا نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە!›دەپ ئويلايدۇ. لېكىن تۇرمۇشتا ئىنسانلار مېنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىمنى ئازراق بولسىمۇ ھېس قىلىپ تۇرغان بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا قايسى نەرسىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى،  قايسى نەرسىلەرنىڭ دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ئاسان پەرىقلەندۈرەلىگەن بولاتتى» دەيدۇ. قىران ئومۇ قايسى نەرسىلەر ئەڭ مۇھىم؟  دېگەندە ئۆلۈم پەرىشتىسى: «كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا غايىپ بولۇپ كەتمەيدىغان نەرسىلەر ھەقىقى مۇھىم » دەپ جاۋاپ بىېرىدۇ. قىران ئومۇ «  سىز بەك شەپقەتسىز ئىكەنسىز» دېگەندە، ئۆلۈم پەرىشتىسى مۇنداق دەيدۇ: « مەن ئۆز خىزمىتىمنى ياقتۇرىمەن. كىشىلەر ماڭا دىققىتىنى بۇرىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مەن يەنىلا مېنىڭ مەۋجۇتلىقىم ئەڭ ياخشى سېگىنال دەپ قارايمەن. كاللىسىنى ئشلىتىپ باققان ئادەملەر بىلەلەيدۇ. ئەگەر مەن مەۋجۇت بولمىسام ‹ مەنمەتچى ئالۋاستى› ( ئىنسان قەلبىدىكى)  پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىدۇ. غالۋاراپ تېرىسىگە پاتماي قالغان مەنمەنچىلىك تېخىمۇ يوغىناپ ، خۇدانىڭ سانىنى بىردىن ئالتە مىليارتقا كۆپەيتىۋېتىدۇ» ـ دەيدۇ.
روماننىڭ ئاخىردا يەنە مۇنداق مۇھاكىمىلەر ئۇچرايدۇ.« سەن ئائىلەڭدىكىلەرگە، ساۋاقداشلىرىڭغا ، مۇئەللىملەرگە يەنە چايكىلارغا، دېڭىزغا، دېڭىز شامىلىغا ...پۈتۈن مېھرى مۇھەببىتىڭنى بېرىشىڭ كېرەك. سېنىڭ مېھرى- مۇھەببىتىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىگە ئەمەس،قەلبىدىكى نۇرغا تەئەللۇق ... مەيلى قانداق ئادەم ،قانداق نەرسە بولسۇن ھەممىگە مېھرى – مۇھەببەت بېرىشى كېرەك. مېھرى مۇھەببەت بېرىپ ، جاۋاپ تەلەپ قىلماسلىقنىڭ ئۆزى ئەڭ چوڭ مۆجىزە. شۇنداق قىلالىساڭلار قانداقتۇر مۆجىزلەردىن ئۈمۈد كۈتۈشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى خۇدانىڭ ئۆزى مېھرى- مۇھەببەتتۇر»  بۇ بايان ۋە مۇھاكىمىلەر بىزگە ھاياتنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈشتىن مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە، دۇنيا ئىشلىرىدىن ۋايساپ ئۆلۈۋېلىشتىن ئۆلىۋالماسلىققا،يېگانە ياشاشتىن دوستانە ياشاشقا،غەزەپلىنىشتىن مۇھەببەتلىنىشكە يۈزلىنىپ ياشاشقا ئىلھام ۋە ئۈمۈد بېغىشلايدۇ.
ئومۇمەن  سەردار ئۆزكان « ھايات نۇرلانغاندا » دېگەن بۇ رومانى ئارقىلىق ھاياتلىقنىڭ تۇرلۇك تۈمەن سۇئاللىرىغا ئىجادى ئوبرازلىق تەپەككۈر، پەلساپىۋى ھېكايە، پىكىرلەر ئارقىلىق جاۋاپ بەرگەن. يۇقارقىلار مېنىڭ دەسلەپكى يۈزەكى قاراشلىرىم. ئەسەر توغرىسىدا ئىنچىكە پىكىر يۈرگۈزگەندە تېخىمۇ چۇڭقۇر ھايات ھەقىقەتلىرى چۇلالىغۇسى.رومان بولسا مۇنداق بولسا 。。。


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-22 00:46:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر مۇشۇ ئوبزور بىلەن بىللە،ئاۋۇ باش سۈرەت ئورنىدىكى قوغۇننى مۇنبەردىكىلەرگە بىر تىلىمدىن پىچىپ بەرگەن بولسىڭىززە....قوغۇندىن تىلىمىز، ئوبزوردىن دىلىمىز قوش لەززەت ئالاركەن .

بۇ روماننى ئوقۇمىغان ئىدىم .ئوبزورنى ئوقىغاندىن كېيىن بۇ روماننى ئوقۇپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى . رەھمەت سىزگە.  قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-22 10:45:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئارقىلىق ياخشى بىر كىتاپنى تورداشلارغا تەۋسىيە قىلغىنىڭىزدىن خوش بولدۇم.بۇ روماننى ئوقۇپ بېقىش ئىستىكى قوزغالدى مەندە.

ۋاقتى: 2016-3-22 13:18:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ روماننى مەنمۇ سېتىۋالغان. راستىنلا سىمۋۇللۇق مەنىگە تويۇنغان ياخشى رومانكەن. خۇددى كىچىكرەك كەلگەن ئېسىل مەرۋايىتتەك.

ۋاقتى: 2016-3-22 13:46:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلباھار ئەخمەتنىڭ "كۆك بۇلاق" دەپ بىر رومانى بار، ئۇمۇ ياخشى چىققان رومانلارنىڭ بىرى.

ۋاقتى: 2016-3-23 23:56:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىڭىزنى كۆرۈپ مەندىمۇ ئۇ رۇماننى ئوقۇش ئىستىگى قوزغالدى.
قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي .

ۋاقتى: 2016-3-24 00:04:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرغۇن مىجىت يوللىغان ۋاقتى  2016-3-22 01:46 PM
گۇلباھار ئەخمەتنىڭ "كۆك بۇلاق" دەپ بىر رومانى بار، ئۇمۇ ...

قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىگە تەسىر قىلغان، ياخشى كىتابلار ھەققىدە مۇشۇنداق ئۇچۇر بەرسە ۋاقتىمىزنى شۇ ياخشى كىتابلارغا ھەركۈنى ئازمۇنچە سەرىپ قىلساق ئەھمىيەتلىك ئىش بولاتتى.

ۋاقتى: 2016-3-27 14:12:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غايىب گۈل ھەقىقەتەن ئىسىل رومان ،مەن نەچچە كۈنگىچە بىر خىل بولۇپ قالغان ئوقۇپ بولۇپ ! بۇ روماننىمۇ ئوقۇش نىسىپ بولغاي !

ۋاقتى: 2016-4-8 10:11:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىت بۇ روماننى ئوقۇغان بولساق پارىڭىمىز تۈگىمەس ئىدى ھە !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش