يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 454|ئىنكاس: 2

خەنجەر: دەرۋازا، ۋەتەن، جەڭچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                           دەرۋازا، ۋەتەن ۋە جەڭچى
                 −ئېزىز نۇرنىڭ «دەرۋازىۋەن» ناملىق ھېكايىسى ھەققىدە مۇلاھىزە
                                                      ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر
ئۇ قارىماققا ھېچكىمنىڭ نەزىرى چۈشمەيدىغان ئاددىي ئادەم، لېكىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئاجايىپ بۈيۈكلۈك، ئاجايىپ ئۇلۇغلۇق بالقىپ تۇرىدۇ. بىز «ئازاپلىق مەۋجۇدىيەت ئىچىدە ياشاپ كېلىۋاتقان» بولسىمۇ، ئەمما «نى-نى ئىشلارنى قىلشنى ئويلايدىغان، دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە ئىشەنچىسى بار» بۇ ئادەمنىڭ خاراكتېرىدىن ئىختىيارسىز سۆيۈنۈپ كېتىمىز، ۋۇجۇدىمىزنى ئىللىق ھاياجان ئۆز ئىلكىگە ئالىدۇ. شۇنداق، ئۇ بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە پەقەت «قوغۇنلۇقنىڭ قارانچۇقى» دەپ قارىلىدىغان ئاددىي بىر دەرۋازىۋەن بولسىمۇ، لېكىن دەرۋازىنى «ئائىلىسىنىڭ بىر قىسىمى» دەپ قارايدىغان ئۇلۇغ ئادەم. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئالىيجاناپ روھ تاڭ قۇياشىدەك بالقىپ تۇرىدۇ. بۇ روھ بىزنى چەكسىز سۆيۈندۇرىدۇ، ئىپتىخارلاندۇرىدۇ. بۇ روھ بىزنى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىشقا ئۈندەيدۇ.
«دەرۋازىۋەن» («تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2010-يىللىق1-سانىدا ئېلان قىلىنغان ھېكايە) دىكى ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كەچۈرىدىغان، ئىش ئورنىنى (دەرۋازىغا قاراشنى) قەدىرلەيدىغان، «دۇنيادىكى جاھان تەۋرەتكۈچى شەخىسلەردەك ئىنسانىيەت تەقدىرىنى ئۆزگەرتەلىگۈدەك چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايدىغان» بۇ ئادەم دەرۋازىغا، دەرۋازىدىن كىرىپ-چىقىۋاتقان كىشىلەرگە چەكسىز مۇھەببەت بىلەن قارايدۇ. ئۇنىڭ  نەزىرىدە دەرۋازا ۋەتىنى، ئۇنىڭدىن كىرىپ-چىقىۋاتقانلار خەلقى ئىدى. ئۇ بۇلارنى جېنىدىن ئەزىز كۆرەتتى. بۇلارغا قاراپ كۆڭلى ئېچىلىپ قالاتتى. شۇنداق، «بۇ بىنالار، بۇكىشىلەر ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى بىر بايلىق ئىدى». ئۇ بۇ «بايلىقلىرى» ئۈچۈن ھەرۋاقىت ئۆزىنى قۇربان قىلىشقا تەييار ئىدى. ھەمىشە بۇ «بايلىقلىرى» غا ھەۋەس بىلەن قارايتتى، «بەزىدە يالغۇز قالغانلىرىدا، دەرۋازىنىڭ رېشاتكىلىرىنى تۇتۇپ تۇرغۇسى، ئۇنى سىلىغۇسى، قۇچاقلىغۇسى، نېمىلەرنىدۇر دېگۈسى كېلەتتى». دەرۋازىنى «ئىش ئورنۇم، رىزقىم!» دەپ بىلىدىغان بۇ ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىز كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىكنى، خەلىقپەرۋەرلىكنى چۈشىنىپ يېتەلەيمىز. شۇنداق، ئۇ ئاغىزىدا «ۋەتەن، خەلق» دەپ شوئار توۋلاپ قۇيۇپ ئىچىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشنى خالىمايدىغان، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىشنى ئويلىمايدىغان، ھەتتا ۋەتەن ۋە خەلقنى مۇناپىقلارچە تاشلاپ چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنىڭ ئالدىدا  شۇنداق نۇرانە، شۇنداق قەيسەر جەڭچى سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بۇلىدۇ. دەرۋازىنى «ۋەتىنىم»، ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ-چىقىۋاتقانلارنى «خەلقىم» دەپ ئۇلۇغ بىلىدىغان بۇ قەيسەر جەڭچى چۈشىدىمۇ ئاشۇ دەرۋازىنى چۈشەيدۇ، ھەتتا خوتۇنى بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان شېرىن دەملەردىمۇ پۈتۈن ئوي-خىيالى، ئەس-يادى ئاشۇ دەرۋازىدا−ۋەتىنىدە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ روھىدىن بالقىپ چىققان بۇنداق ئالىيجاناپ روھتىن بىز ئىش ئورنىنى قەدىرلىمەي قاخشاپلا يۈرىدىغان، ھەدېسە باشلىقلارنى قارغاپ تىللايدىغان، ئۆز كەسپىگە، خىزمىتىگە ئۆزىنى بېغىشلاشنى خالىمايدىغان بىر قىسىم كىشلەرنىڭ چاكىنا ھالىتىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز ۋە ئۇلارغا لەنەت ئوقۇيمىز. دەرۋازىۋەننىڭ ئالىيجاناپ روھىدىن قەلبىمىز ئىللىق سېزىمگە ئىگە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ ئاشۇ ئاددىي، ئەمما نۇرانە سېيماسىدىن بالقىپ چىققان ئاجايىپ روھتىن قەلبىمىزدە ئىشەنچ ۋە ئۈمىدنىڭ يالقۇنلۇق شولىسى ئەكىس ئېتىدۇ. ئۆزىنى بېغىشلاش روھى ۋە يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق پەزىلىتىگە ئىگە بولغان، ئۆز خىزمىتىدىن خوشاللىق ئىزدىيەلەيدىغان بۇ ئاددىي كىشىگە ھۆرمەت بىلەن قارىغۇمىز، قاداق باسقان قوللىرىنى چەكسىز مۇھەببەت بىلەن چىڭ تۇتقىمىز كېلىدۇ. گەرچە ئۇ ھەربىي فورما كىيىپ قوراللىق ھالەتتە دەرۋازىغا قارىمىسىمۇ، ئۇنىڭ دەرۋازىنى «مېنىڭ بايلىقىم، مېنىڭ ئۈمىدىم، مېنىڭ يۈرىكىم»دەپ بىلىشلىرىدىن، ئۇنىڭ ئىچىگە ھەرقانداق يات ئادەمنى كىرگۈزمەي ئامان ساقلاشلىرىدىن بىز ئۇنى «باتۇر جەڭچى»، «ۋەتەنپەرۋەر ئەزىمەت» دەپ ئېيتالايمىز. ئۇنىڭ بۇ خىل پەزىلىتى ئالدىدا «تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغان» بىر قىسىم نامەرد، ئېتىقادسىز، ساداقەتسىز كىشىلەر كۆز ئالدىمىزدا ئىنتايىن بەتبەشىرە، يىرگىنىشلىك سىياقتا ئەكس ئېتىدۇ.
ھېكايىدە دەرۋازا ۋەتەنگە، دەرۋازىۋەن ۋەتەنپەرۋەر جەڭچىگە سىمۋول قىلىنغان. «دەرۋازا، قورۇقتام ئالدىدىكى رېشاتكىلار، ئېگىز بىنا، توختىتىپ قۇيۇلغان ماشىنىلار ئاپئاق قار ئاستىدا قالغانىدى، ئەمما بۇ نەرسىلەر يەنىلا ئۇنىڭ بايلىقى ئىدى، شۇ چاغقىچە ئۇ بۇ نەرسىلەرگە تارتىشىپ، بۇ نەرسىلەرگە مەلىكە بۇلۇپ ياشاپ كەلگەنىدى. ئۇ بىر چاغلاردا  ئاستا بېرىپ قولىغا سۈپۈرگىنى ئالدى-دە، بۇ قۇمۇش سۈپۈرگە بىلەن مەيدانلارنى، دەرۋازىنىڭ ئالدى-كەينىنى، ماشىنىلارنىڭ ئۈستىنى، قورۇقتام ۋە رېشاتكىلارنى بىر قۇر سۈپۈرۈپ چىقتى. ئاندىن بۇ نەرسىلەرگە قاراپ مەمنۇن بولغان ھالدا غالىبلارچە كۈلۈپ قويدى». شۇنداق، ئۇ دەرۋازىنى «ئائىلەم، ۋەتىنىم» دەپ بىلىدۇ، جىسمىنى، روھىنى ئۇنىڭغا ئاتايدۇ. مەيلى تومۇز ئىسسقتا بولسۇن ياكى قەھىرىتان سوغۇقتا بولسۇن، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنى ۋەتەننىڭ مۇقەددەس چېگراسىنى قوغداۋاتقان باتۇر جەڭچىدەك ھېس قىلىدۇ، دەرۋازىنى، شۇنداقلا دەرۋازا ئىچىدىكى پۈتۈن «بايلىقلىرى» نى−بىنالارنى، ماشىنىلارنى، رېشاتكىلارنى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى قوغدايدۇ، ئۇلار ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىشتىن قورقمايدۇ. دېمەك، ئۇ دەرۋازا ئىچىدىكى ئاشۇ «بايلىقلىرى» ئالدىدا ئۆزىنى ئىنتايىن بەختلىك ھېسابلايدۇ. بۇ نېمىدېگەن ئالىيجاناپ روھ-ھە! ئەگەر ھەممىمىزدە ئاشۇنداق روھ، ئاشۇنداق قەلب بولسا ئىدى، كەلگۈسىمىز ئۈستىدە كۆپ باش قاتۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايتتى.
ھېكايىدىكى دەرۋازىۋەن ئاددىي ئادەم، لېكىن ئۇ كۆز ئالدىمىزدا ئۇلۇغلۇقنىڭ، بۈيۈكلۈكنىڭ نۇرانە مەشئىلىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان گىگانت ئادەم سۈپىتىدە نامايان بۇلىدۇ. كىشنى تېخىمۇ سۆيۈندۈرىدىغىنى شۇكى، ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى−خوتۇنى، بالسى، مۈشۈكى دەرۋازىنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ، قوغدايدۇ. مانا بۇ ھېكايىدىكى ئەڭ ئىسىل روھ، ئەڭ ئىسىل پەزىلەت! بىر ئائىلە ئەمەلىيەتتە بىر ۋەتەن دېمەكتۇر. بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دەرۋازىدىن ئىبارەت ۋەتەننى قوغدىشى ھەرقانداق بىر ئوقۇرمەننى قاتتىق تەسىرلەندۈرمەي، چوڭقۇر ئويلاندۇرماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئاپتۇر بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئىدىيە ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى بۇ خىل ئورتاقلىقى  ئارقىلىق ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىكى بارلىق كىشىلەرنى ۋەتەننى سۆيۈشكە، ئۇنى جان تىكىپ قوغداشقا چاقىرغان. مانا بۇ نۇقتا مەزكۇر ھېكايىنىڭ ئالغان سۈرگەن تۈپ ئىدىيىسى.
ھېكايىدە بىز سۆيۈنۈپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدىغان تەرەپلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇنىڭ بىرى، دەرۋازىۋەن دادىسى قالدۇرۇپ كەتكەن «بۇ يەر... بىزنىڭ كىندىك قېنىمىز تۆكۈلگەن مەھەللە، ئوبدان قوغدىغىن...» دېگەن بىر پارچە يازمىنى چىڭ سىقىمدىغان پېتى جان ئۈزىدۇ، ئۇ بۇ يازمىلارنى ئۆز كۆز قارچۇغىدىنمۇ ئارتۇق كۆرۈپ ساقلاپ كەلگەن، قوغداپ كەلگەن ئىدى. چۈنكى بۇ يازمىلارغا دادىسىنىڭ ئەقىدىسى، ئۈمىدى سىڭدۈرۈلگەندىن باشقا، ئۇنىڭدا يەنە ئۆزىنىڭ دادىسىغا، دادىسىنىڭ ئەقىدىسىگە بولغان سادىقلىق، ۋارىسلىق قىلىش ئىدىيىسىمۇ مۇجەسسەملىشىپ كەتكەن، شۇنداقلا بۇ يازمىلاردا يەنە دەرۋازىۋەننىڭ ئوغلىدىن−ئەۋلادلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئارزۇلىرىمۇ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن. مانا مۇشۇنداق چەكسىز ئۈمىد ۋە ئارزۇ بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ كەتكەن بۇ مۇقەددەس تەۋەررۈك  نەرسە ئەسەرنىڭ  ئاخىرىدا ئۆز ئىگىسىنى تاپالايدۇ. «ئۇنىڭ ئوغلى ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئاتىسىنىڭ شۇ چىڭ تۇتۇۋالغان يازمىلىرىنى قولىدىن بوشىتىپ ئاستاغىنە ئالدى...». بۇنىڭدىن بىز ۋەتەنپەرۋەرلىكتىن ئىبارەت ئالىيجاناپ ئەقىدىنىڭ ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملىشىدىغانلىقىغا بولغان ئۈمىد ۋە ئىشەنچنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمىز ھەمدە ئاپتورنىڭ بۇنداق ئاخىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلىدىن سۆيۈنىمىز.   دېمەك، «دەرۋازىۋەن» بىزگە ۋەتەننى قانداق قوغداشنى، خەلىقنى قانداق سۆيۈشنى، ئىش ئورنىنى قانداق قەدىرلەشنى، خىزمەتتىن قانداق خوشاللىق ئىزدەشنى ئۆگەتكەن قىممەتلىك دەرسلىك  بولالايدۇ، دېسەك قىلچە مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-22 11:04:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ئارقىلىق ھېكاينىڭ قىممىتىنى بىر بالداق تۆۋەنلىتىۋېتىپىسىز ...  80- يىلاردىكى ئۇسۇلنى ھېلمۇ بازارغا سېلۋاتقانلار  ئارىمىزدا كۆپ ئىكەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-23 18:54:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالە ئارقىلىق ھېكاينىڭ قىممىتىنى بىر بالداق تۆۋەنلىتىۋېتىپىسىز ...  80- يىلاردىكى ئۇسۇلنى ھېلمۇ بازارغا سېلۋاتقانلار  ئارىمىزدا كۆپ ئىكەن



قېنى، ئەمدى بىز سىزنىڭ نادىر ماقالىڭىز ئارقىلىق ھېكايىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈش تالانتىڭىزنى بىر كۆرۈپ باقايلىچۇ... قارىغاندا سىز 2050-يىللاردىكى تېخى ھېچكىم بايقىمىغان ئۇسۇل بىلەن يازىدىغاندەك تۇرىسىز...
بىزمۇ يېزىپ باقتۇق، سىزمۇ يېزىپ بېقىڭ، ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى ئۆزگىچە...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش