يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 242|ئىنكاس: 0

تۇرسۇنجان ھەسەن: سىزگە قانداق خۇتۇن لازىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۇرسۇنجان ھەسەن

سىزگە قانداق خۇتۇن لازىم؟
(ھېكايە)
يەنە تۆتىمىز «شىپايى مۇسەللەسخانا»سىغا يىغىلدۇق. ھەممىزنىڭ يېشى 50تىن ئاشقانغا قارىماي، ياشلىقىمىزدىكى شوقلۇقىمىزنى يوقاتمىغان ئىدۇق. ھەپتىدە بىر بۇ جايغا جەم بولۇپ كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزنى، ئېيتقان-ئاڭلىغانلىرىمىزنى، قولغا كەلتۈرگەن شەرەب-نەتىجىلىرىمىزنى، ئۇچرىغان كۆڭۈلسىزلىكلىرىمىزنى، ئېرىشكەن ۋە قولدىن بېرىپ قويغان نەرسىلىرىمىز ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇراتتۇق. ئەجدادلىرىمىزدىن «دورا» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن، زامانىمىزغا كەلگەنگەندە تۈرلۈك خۇرۇچلارنىڭ ئارلاشمىسىدىن ياسىلىپ «مۇسەللەس» دەپ ئاتىلىپ قالغان ئىچىملىكتىن بىر نەچچە كېلونى ئەكىلىۋېلىپ، بەكمۇ زورلىشىپ كەتمەي، مەست بولغۇچە ئىچىشەتتۇق.
تۆتىمىز ئوتتۇرا مەكتەپتىن تارتىپ ئوتتۇرا تېخىنىكومغىچە بىر سىنىپتا، بىر كەپسپتە ئوقۇغان بولساقمۇ خىزمەت تەقسىماتىمىز ئوخشاش بولماي، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەتلىك يوللارنى بېسىپ ناھىيە بازىرىغا يۆتكىلىپ كېلىۋالغان ئىدۇق. ھەممىمىز بىر يىل ئىچىدە توي قىلىپ ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ، ئىككىمىز نەۋرە كۆرۈپمۇ ئۆلگۈرگەن ئىدۇق. پەقەن ئەسقەرنىڭ نىكاھدىن تەلىيى كەلمەي 30 نەچچە يىلدىن بىرى بويتاق ياشاپ كېلىۋاتاتتى. ھەر قېتىم مۇشۇنداق بىر يەرگە جەم بولغاندا ئەسقەرگە لايىق تۇنۇشتۇراتتۇق. ئەشقەر بىلەن توي قىلىشنى خالايدىغان چوكانلارمۇ خىلى بار ئىدى، ئەمما، ئەسقەر ئۈندىمەي يۈرەتتى.
ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بوغالتىرى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان مەھمۇت تەشەببۇسكارلىق بىلەن گەپ باشلايتتى:
-ئەسقەر ئاداش، بىر ئادەم ئۆلۈپ كەتسىمۇ، ئۈچ نەرىزىسىنى، يەتتە نەزىرىسىنى، قىرقى نەزىرىسىنى، يىل نەرىرىسىنى بېرىمىز. مەرھۇمنىمۇ ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كېتىمىز. سىز تۇنجى مۇھەببىتىڭىزگە بەك ئۇزۇن قارىلىق تۇتۇپ كەتتىڭىز، قىزىڭىزمۇ 18 ياشقا كىرىپ قالدى، بارلىق كۆڭۈلنى ئاغرىتىدىغان كەچمىشلەرنى ئۇنتۇپ كەتسىڭىز بولاتتى.
ئەسقەر ئۇلۇغ بىر تىنىۋالغاندىن كېيىن، قولىدىكى مۇسەللەسنى «خوش!»مۇ دېمەي ئىچىۋەتتى ۋە:
-ئاغىينىلەر، ئىسنىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلىدۇ، كېسەلنىڭ دەردىنى دورا بىلىدۇ. مەن ئۇنىڭغا شۇنچە ئەقىدە قىلغان، شۇنچە ئىشەنگەن، شۇنچىلىك قەدىرلەپ سۆيگەن تۇرسام...
-ئاغىينىلەر، ھەر قېتىم مۇشۇ گەپنى قىلىپ ئەسقەرنىڭ دىلىغا ئازار بېرىمىز، ئەسقەر ئەقىدىسى بىلەن ياشۋاتقان ئادەم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ سۆيگەن ئايال كۆز ئالدىدا تۇرسا، باشقىسىغا كۆڭلى تارتامدۇ؟
-مەھمۇت دۇتتارىڭنى قولۇڭغا ئالە، ئىلى پەدىسىگە بىر نەچچىنى چالە، سادىر پالۋاننىڭ ناخشىلىرىنى سېغىنىپ قالدى كىشى.
-مەن چالاي ئەمىسە، جىق ئادەم بولمىغاندىكىن پاراڭ سالماي ئولتۇرۇپ ئاڭلاڭلار، ئاۋازىڭلارنى ماسلاشتۇرالىساڭلار مەن بىلەن بىللە قوشۇلۇپ ناخشا توۋلاڭلار.
-كىم پاراڭ سالسا، جازاسىغا بىر رومكا ئىچىدۇ، مانا لىقلاپ قۇيۇپ قويدۇم-دېدىم-مەن تولىمۇ ھاياجانلىنىپ.
مەھمۇت سادىر پالۋان ناخشلىرىدىن، داۋۇتجان ناسىر ناخشىلىرىغىچە؛ ئۆمەرجان ئالىم ناخشىلىرىدىن ئەنۋەر ھاكىم ناخشىلىرىچە؛ نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن مۇزىكىلىرىدىن «چىمبۇلاق»قىچە ئاجايىپ يوقۇرى ماھارەت بىلەن چېلىپ چىقتى. سورۇننىڭ كەيپىياتى قايتىدىن جانلىنىپ كەتتى. ھەپتىلىك ھاردۇقىمىز بىراقلا چىققاندەك بولۇپ يىنىكلەپ قالدۇق.
مەن مۇسەللەس قۇيۇشنى تۇخۇم ئۇيۇنى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئېلىپ باردىم. مېنىڭ تۇخۇمۇم ھەر ھالدا بىر نەچچە تۇخۇمنى پاخشى قىلىشقا يارىدى. كىمنىڭ تۇخۇمى پاخشى بولسا، شۇ مۇسەللەس ئىچەتتى. قېرىشقاندەك ئەسقەر كىم بىلەن تۇخۇم سالسا، ئۇنىڭ تۇخۇمى پاخشى بولۇپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئالىمغا بولۇپ بېرەتتى:
-ئەسقەر ئاداش، ئەقىدەڭلار ھەر قانچە چىڭ، ئىشەنچىڭلار ھەر قانچە يوقۇرى بولسىمۇ، تۇخۇمىڭلار كېرەككە كەلمىسە بىكار. خوراز نوچى بولغاچقا نەچچە ئون مىكياننى كەينىگە سېلىپ، گىدىيىپ ماڭىدۇ، سىلىگىمۇ خوراز تۇخۇمى لازىم بولۇپ قالدىغۇ دەيمەن؟
-ئالىم ئاداش،بىز ھەممىمىز قىيامەتلىك ئاغىينە، تۇخۇمنى مىكيان تۇغىدۇ، ئەسقەر تۇغمايدۇ، تۇخۇمنى مىكيان تۇغىدۇ، خوراز تۇغمايدۇ. ئەسقەرنىڭ زىتىغا تەگمەي، باشقا گەپلەرنى قىلىپ ئولتۇرمامدۇق؟
-ئۇسسۇل ئويناپسىلەر ئاغىينىلەر، دولان مەشرەپ-مۇقاملىرىغا بىر نەچچە پەدە چالاي-دېدى مەھمۇت قولىغا دۇتتارنى قايتىدىن ئېلىپ.
بىز ھەممىمىز بىر-بىرىمىزنى ئۇسسۇلغا تارتىشىپ سورۇنغا چۈشۈپ كەتتتۇق. قۇلاقلىرىغىچە قىزىرىپ كەتكەن ئەسقەر خۇشياقا-خۇشياقماس ئويناپ مۇزىكا تۈگىشىگىلا جايىغا كېلىپ ئولتۇرۋالدى.
-ئاغىينىلەر، ھازىرقى دەۋرىمىزدە ياخشى قىزلار، ياخشى چوكانلار، ياخشى ئاياللار بەك كۆپ، ئەسقەر ئالىمەن دېسىلا، بىزنىڭ مەكتەپتىلا بىر نەچچىسى بار-دېدى مەھمۇت قىزىرغان كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ.
ـ مېنى خۇتۇن ئېلىشقا، ئائىلە قۇرۇشقا، مەسئۇلىيەتچان ئادەم بولۇشقا زورلىغۇچە مۇسەللەسلىرىڭلارنى ئىچسەڭلار بولمامدۇ، ھەر قېتىم ئولتۇرۇش قىلغاندا ھەممىڭلارنىڭ جېدىلى مەن بىلەنلا قالىدۇ. ماڭا ئوقۇتقۇچىنى، دۆلەت مەمۇرىنى، ساقچىنى، سوتچىنى، سودىگەرنى، ئارتىسنى، مودا خانقىزلارنى سايە قىلىپ بولدىڭلار. مېنىڭ كۆڭلۈم ئۇلارغا چۈشمىسە مەن قانداق قىلىمەن.
-ئاغىينىلەر، ئەسقەرنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان، روھىنى چۈشۈرىدىغان، كەيپىياتىنى ئۇچۇرىدىغان، جاراھىتىنى تاتىلاپ يارا قىلىدىغان ئىشنى قىلغۇچە، بىر نۆۋەتتتىن ئىچىشمەيلىمۇ دېدىم مەن رومكىنى قولۇمغا ئېلىپ.
رومكا ئاينىلىپ ئەسقەرگە كەلگەندە غېرىپ تۇيغۇلارغا چۆمۈلۈپ كەتكەن ئەسقەر سۆزلىرىنى يەنە مۇنداق باشلىدى:
-ئوقۇش، خىزمەت، ئەمەل-مەنسەپنى دەپ ھەممىدىن ئايرىلىپ قالدىم. ئۆزۈمدىن كەتتى، ئاغىينىلەر، ئۆزۈمدىن كەتتى. ئىككى يىل ئوقۇپ كېلەمسىز دېسە، ئەرشى-ئەلاغا بارىدىغاندەك خۇشال بولۇپ ئوقۇشقا كېتىپتىمەن. مەن ئوقۇشۇمنى پۈتتۈرۈپ كەلگۈچە، ئايالىمنى يولدىن چىقىرىپ بوپتۇ. مەن ئەقىدە قىلغان ئايال جانان چېنىسىگە ئوماچ ئۇسسۇپ ئىچىپتۇ...
-ئەسقەر ئاداش، ئۆزۈڭلارنى كەمسۇندۇرماڭلار، كونىلاردا: «ئايال دېگەن ئۆچكە يېغى» دېگەن گەپ بار. سىلەر ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگۈچە بىزمۇ ئايالىڭلارنى توسۇپ بولالمىدۇق، سىزنى تاشلاپمۇ ئالاھىدە ياخشى كۈن كۆرۈپ كەتمىدى...ئۈچ نىكاھلىق بولۇپ ئولتۇرۇپ قالدى...
-ئەسقەر سىزمۇ قىزىق ئادەم جۇمۇ. قولىڭىزدا ھۇقۇقنىڭ چوڭى بار، ئىقتىسادىڭىزمۇ ئالاھىدە ياخشى...مانا سورۇنىمىزدىلا ئەمەس ناھىيەمىزدىمۇ تۆتنىڭ بىرى، شۇنداق بولغاندىكىن، كۆزىڭىزنى يۇمۇپلا خۇتۇندىن بىرنى ئېلىپ، ئۆيىڭىزنى تۇتۇۋالمامسىز دەيمەن؟ نېمە كەپتۇ سىزگە ئۆزىڭىزنى قىيناپ.
-ئەسقەرنىڭ كۆڭلىگە پۈكىنى چوقۇم بار. ئۇ بىزنىڭ ئائىلىگە نەزەر سېلىۋاتامدىكىن دەيمەن، چۈنكى، بىزنىڭ ئۆيدە «ئۈچ تەۋەررۈك قىز» بار-دەپ گەپ باشلىدى ئالىم.
ئەسقەر ئالىمغا قىزىقسىنىپ بىر قاراپ قويدى-دە:
-ئالىم ئاداش، شۇ «ئۈچ قىز»ىڭدىن بىرىنى ماڭا بېرىدىغان ئوخشىمامسەن؟ ئاغىينىلەر گۇۋاھ بولسۇن، سەنلا بېرىدىغان بولساڭ، جان كەتسىمۇ بىرىنى ئالىمەن.
-ئەكىلە قولۇڭنى، گېپىڭدىن يېنىۋالمايسەن جۇمۇ، ئەگەر سۆزىڭدىن يېنىۋالىدىغان بولساڭ، ئەرلەر قاتارىدىن، بولۇپمۇ بىزدەك ئەزىمەت ئەرلەر قاتارىدىن ئىسىمىڭنى ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن.
-چوقۇم ئالىمەن، ئالمىسام يۇرتنى تاشلاپ، ساياق بولۇپ چىقىپ كېتىمەن. ياڭالئاياغ تەكلىماكان چۆللۈكىنى كېزىپ چىقىمەن.
-راستمىكەن، ئاغنىيىلەر، ئەسقەر ئۇزۇندىن بىرى بىزنىڭ جەمەتىمىزگە نەزەر تاشلاپ كېلىۋاتقان، بىر تۆمۈرلەر جەمەتى ھەرقانداق جاھىل ماگنېتلارنىمۇ ئۆزىمىزگە تارتىپ تۇرىمىز. گەپنىڭ بېشى چىقا-چىقمايلا، ئەسقەرنىڭ بېشى ئايلىنىپ، بىز تەرەپكە ئىنتىلىۋاتىدۇ.
-ئالىم ئاداش، ھەممىمىز تەڭشىلىپ قالغىلى تۇردۇق، ئېغىزىمىزىدن گېپىمىز چۈشۈپ قالغىلى تۇردى، قىزلىرىڭنى چاپسانراق تۇنۇشتۇرە، ياراپ قالسا مەن بىرنى ئېلىپ تاشلاپ قوياي-دېدىم-مەن.
-ئېلىپ تاشلاپ قۇيىدىغان ئوغلاق تېرىسى ئەمەس، ئۇ دېگەن تىنىقى بار ئادەم، ئالغىڭىز بولسىمۇ سىزگە ھەرگىز بەرمەيمەن. سىزدەك تاياقچى ئەرگە تەككەن خۇتۇننىڭ كۈنى نېمە بولماقچى؟
-تاياق يېسىمۇ مەن بىلەن بىر ئوبدان ئۆي تۇتىۋاتىدۇ، كىر-قاتلىرىمنى يۇيۇپ، ئاش-تاماقلىرىمنى ئېتىپ بېرىۋاتىدۇ. قانداق قىلىمەن: «ئادەم بۇ دۇنياغا كەيىپى بىلەن، ھايۋان ئەيىبى بىلەن يارىتىلىپتۇ» مېنىڭ ئەيىپىم شۇ ئۇرۇش...
-ئاغىينىلەر يوقىلاڭ گەپنى تاللاشقىچە، ھەممەيلەن ئەسقەرنىڭ غېمىنى يەيلى، ئەسقەر ئاران بىر ئايال كىشىگە، بولۇپمۇ تۆمۈرلەر جەمەتىگە ئاياللارغا قىزىقىپ قالغاندا...
-ئالىم ئاداش، ئالاي دېسەم زۇۋانىڭنى ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتىغۇ؟ سېنىڭ قىزلىرىڭدىن بىرنى ئالغىنىم ئالغان، ماڭا ساقلاپ قويغان تەۋەررۈك قىزلىرىڭ كىمكەركىن؟-ئەسقەرنىڭ تىلى خىلى ئۇزىراشقا باشلىغان ئىدى.
-ئاغىينىلەر ئەيىبكە بۇيرىمايسىلەر، ئەسقەر ئاران بىر ئىمانغا كەلگەندە پەيتنى قولدىن بىرىپ قويماي. تەۋەررۈك قىزلارنىڭ ئەڭ چوڭى جەمەتىمىزنىڭ پەرىشتىسى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش چولپىنى، مېنىڭ چوڭ ئاپام بولىدۇ. بۇ يىل 107 ياشقا كىردى. چوڭ دادامدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا 50 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، مۇشۇ كۈنگىچە بىر ئەر كىشىنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقماي، ئۆيىگە ئەركەك چىۋىن قوندۇرۇپ باقماي ياشاپ كەلدى. مانا ھازىرمۇ تېنى ساغلام، ھەرىكەتلىرى چاققان، تائەت-ئىبادەتلىرى جايىدا، تۇرمۇشتا ئارتۇقچە تەلىپى يوق، چاقلىق ھارۋىغا سېلىپ شەھەر ئايلاندۇرۇپ قويساڭ يۈرىكى يايراپ كېتىدۇ.
-بۇ ھەقىقەتەن تەۋەررۈك قىزكەن، بۇ قىزنىڭ ئۆمۈرىنى تېخىمۇ ئۇزۇن قىلسۇن، يامان كۆزدىن، قۇرۇق سۆزدىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، مۇبادا ئەسقەر بۇ قىزغا ئويلىنىۋالسا ئىككى ئالەملىك ساۋاپقا، ھەددى-ھېسابسىز روھى بايلىققا، تۈگىمەس تەسەللى ۋە ئۇلۇغ ھېكمەتكە ئېرىشكۈدەك...-دېدى مەخمۇت.
-ئىككىنچىسى مېنىڭ ئاپام، 92 ياشقا كىردى، 4 ئوغۇل، 6 قىزنى قاتارغا قوشتى، مەكتەپلەردە ئوقۇتتتى، خىزمەتلەرگە ئورونلاشتۇرى، نەۋرىلەرنى بېقىپ ئانىلىق مېھرى-مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يەتكۈزدى. دادام رەھمەتلىكتىن ئايرىلىپ تەنھا ياشاۋاتقىنىغا 20 نەچچە يىلدىن ئاشتى. سالامەتلىكى ئالاھىدە ياخشى، قولۇم-قوشنىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىپ تۇرىدۇ، كېيىم-كېچەككە، زىببۇ-زىننەتكە، كورىيەنىڭ، تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياتېرىلىرىغا ئالاھىدە قىزىقىدۇ. ئانامغا قارىغاندا تەلىپى بىر قەدەر يوقۇرى، دۇبەي قاتارلىق جايلارغا ساياھەتكە بېرىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.
ئالىم راست گەپ قىلىۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئانىسى 100 ياشلاردىن ئاشقىلى خىلى بولغان مۇنەججىم، ھۆرمەتكە سازاۋەر پەرىشتە سۈپەت ئايال ئىدى. ئاپىسى ئائىلە ئايالى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئۇستا تىككۈچى، نەچچە يۈزلىگەن شاگىرتلارنى تەربىيەلەپ قاتارغا قوشقان دوككار ھۈنەرۋەن ئىدى. سەمىمىي گەپ ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ھەممىمىز بىردەم جىمىپ كەتتۇق. 100 ياشلاردىن ئاشقان ئانىمىزمۇ، 92 ياشقا كىرگەن ئاپىمىزمۇ ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا بار ئىدى.
-قىزلارنىڭ ئۈچىنچىسى، مېنىڭ قىزىم، چوڭ ئاپامنىڭ ئەۋرىسى، ئاپامنىڭ نەۋرىسى، مېنىڭ يۈرەك پارەم. بۇ يىل 22 ياشقا كىردى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ مەمۇرلۇق ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ قىز زامانىمىزدىكى تىپىك مودا قىز. كىيىم-كېچەككە، يىمەك-ئىچمەككە، تۇرمۇشقا ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە بولغان تەلىپى ناھايىتى يوقۇرى. بۇ قىزغا ئېرىشسىڭىز بەختىڭىزنىڭ كەلگىنى شۇ...ماشىنا ئېلىپ بېرىسىز، داچا سېلىپ بېرىسىز، كارتىسىغا يېتەرلىك پۇل ئۇرۇپ بېرىسىز...قىزلىرىم بولامدىكەن، ئەسقەر بىر نېمە دېمەمسىز؟
-قىزلىرىڭىز بىر-بىرىدىن سەر خىلكەن، ئەمما، ماڭا مۇناسىپ كېلىدىغان بىرسىمۇ يوقكەن. بۇ يېشىمدا ئانىڭىزنى ئالسام بولمايدۇ، قېرى خۇتۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ بولالمايمەن، ئاپىڭىزنى  تېخىمۇ ئالالمىغۇدەكمەن، مەن ئەمدىلا 50تىن ئاشتىم، ئاپىڭىز 90 نەچچە ياشقا كىرىپ قاپتۇ، قىزىڭىز قىزىمدىن ئازراقلا چوڭكەن...مەن ياش قىزلارنىڭ خىلى ئەمەس...
-بۇ دېلو ئەجەپ مۇرەككەپلىشىپ كەتتا؟ ئەسقەر خۇتۇن ئېلىشقا ئاران قىزىققان چاغدا...-دەپ گەپكە ئارىلاشتى، سورۇن باشلانغاندىن تارتىپ نۆۋىتى كەلسە ئىچىپ، كۈلگىسى كەلسە كۈلۈپ ئولتۇرغان ئادىل.
ئالىم خىلى تەڭشىلىپ قالغان بولسا كېرەك، شىرەگە قاتتىق بىرنى ئۇردى، شىرەدىكى چەينەك، پىيالە، ئېشىپ قالغان تۇخۇ گۆشى، ئوغلاق گۆشى، ئارىلاشمىلار، ئىچىملىك قوتىلىرى ئاسمانغا ئۇچۇپ چىقىپ، يەرگە پەرىشان يېىنىپ چۈشتى، سورۇن ئاخىرلاشتى. كۆزلىرى قان قۇيغاندەك قىزىرىپ، چىرايلىرى تاتىرىپ، گەپ-سۆزلىرى قولاشماي قالغان ئالىم ئەسقەرنىڭ ياقىدىن كاپلا قىلىپ ئالدىدە:
-سىزگە قانداق خۇتۇن لازىم؟- دېدى ئالىم، ئەسقەرنى ئۆزىگە قاتتىق تارتىپ تۇرۇپ. ئارىغا چۈشۈپ ئايرىۋالدۇق. «شىپايى مۇسەللەسخانا»نىڭ مۇسەللەسلىرى ئۆز كۈچىنى بىزگە ئاخىرقى قېتىم راۋرۇس   كۆرسىتىپ قويدى. شۇنىڭدىن باشلاپ قايتا جەم بولمىدۇق...

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش