مېۋە
سەرداھى
1
نازغىماقتا
ئىسسىق ئاۋازىدا كۈيچى قۇشلارنىڭ
يۈرىكىمدەك گۈلگۈن چېچەكلەر.
ئۆزۈمگە قايتىش ئۈچۈن چىقتىم ئۆزۈمدىن
چوغدۇر ئىستەكلەر.
2
بىر يۇتۇم سۇدەك ئاياللار
ھاياتنىڭ لەززىتىنى ئېسىمگە سالار.
ئات ئىدىم!
كىشنەپ قىيقاس-سۈرەنلەر ئىچرە
ئارغامچىسىنى ئۈزگىلىۋاتقان…
3
كۈن ۋە تۈن
سائەت تىلىدا تۇرار ساڭگىلاپ
ھېلىقى مېۋىدەك. خاتا يىيىلگەن…!
2016.03.21
|