مەرھابا نورۇز
شىرزات ئادىلجان ھۈكەر
ئەگىز ياساپ ئاقتى قار سۈيى،
دومىلىتىپ باھار ھىدىنى.
يىراق قىردىن پۇرايدۇ بېدە،
ئىزدىگەندەك نورۇز قىزىنى.
بىخ سۈرۈپتۇ يېشىل مايسىلار،
يۇرتۇمدىكى توپا ئۈستىدە.
قارلىغاچلار ئۇۋا ياساپتۇ،
پىشايۋانلىق لەمپە تۆپىگە.
ئىسقىرىتىپ نورۇز شامىلى،
مۇھەببەتنى تەڭ ئېلىپ كەلدى.
تاغ-جىرادىن ياڭرىغان ناخشا،
قىز-يىگىتكە كۈچ-قۇۋەت بەردى.
كۆز قىسىدۇ چېچەكلەر باغدا،
كېپىنەكنى توۋلاپ يېنىغا.
تومۇرلارغا سىڭگەن شۇ نوزۇر،
ئېقىپ تۇردى ئۇيغۇر قېنىدا.
كەلگىن نورۇز مەرھابا كەلگىن،
يوللىرىڭغا سالدۇق پايانداز.
قىشتىن كېيىن كەڭ قۇچاق ئېچىپ،
سېغىنىدۇ سېنى ئەتىياز.
2016-يىل 21-مارت، ئۈرۈمچى
|