نورۇز سۆيگۈسى:
يۈسۈپجان بارات جەۋھىرى
قۇتلۇق بايرام –نورۇز كەلدى،
كۈلدى يۈرەكلەر.
مەپتۇن قىلار ھەر كىشىنى ،
گۈللەر-چېچەكلەر.
سۆيۈپ ئۆتسە چىرايلارنى ،
ئىللىق شاماللار.
يېشىللىقتىن كۈي تارىتار،
سۆگەتلەر-تاللار.
باھار چىللاپ چىقتى قوياش،
كۈلدى ئانا يەر.
دېھقان دادام ئېتىزلىققا ،
ماڭدى تاڭ سەھەر.
ئەجداتلىرىم ‹‹نورۇز›› قويغان ،
يىلنىڭ بېشىنى.
زەپ ئوخشاتقان بوۋاي-موماي،
‹‹نورۇز››ئېشىنى.
..كۈن››بىلەن ‹‹تۈن››تەڭلەشكەن چاغ،
‹‹نورۇز›› بايرىمى.
ھەممە ياقتا قىزىپ كىتەر ،
شادلىق قاينىمى.
‹‹نورۇز›› كەلسە باغدا قۇشلار،
كۈي تۆكەر تاتلىق.
يېشىللىقتىن كۈلەر ئالەم،
كۈلەر ھاياتلىق.
مەجنۇنتالدىن چاچ ياسىسا ،
بۈدرە چاچ قىزلار.
‹‹نورۇز››ئۈچۈن چاچقۇ چاچار،
ياقۇت يۇلتۇزلار.
بوۋاي-موماي چېھرىدە نۇر،
پەيزى باشقىچە.
ساما سالار يەتتە ياشتىن،
يەتمىش ياشقىچە.
شوخ بالىلار ياساپ چىقتى ،
تال چىۋىقتىن ئات.
بەيگە سالسا تار كىلىدۇ،
ھەتتا كائىنات.
قىز-يىگىتلەر ‹‹نورۇز›› ئۈچۈن ،
تىزدى گۈلدەستە.
ئىشقا چۈشتى يىل بېشىدا ،
ھەممە بەس-بەستە.
|