نورۇزنامە
ئابلىكىم ئابلەت مىرزابەگ
ھاۋا ئىللىپ كەلدى نورۇز كۈلدى جاھان،
خۇشاللىقتىن ھاياتلىقتا يايرىدى جان .
ئەگىز ئاقتى ئىرىقلاردا شىلدىرلىشىپ ،
ئويغانماقتا قۇرۇت-قوڭغۇز مىدىرلىشىپ .
نەغمە-ناۋا قاينىماقتا ئېتىزلاردا ،
جود-شىۋىرغان ئۇچۇپ كەتتى يىراقلارغا .
ئىشەك-ھارۋا ،كەتمەن-تاغار بەك ئالدىراش،
تىرىقچىلىق ئىشى بىلەن قىرى ۋە ياش .
نوروز بولدى مول-ھوسۇللۇق يىلنىڭ بىشى ،
ھويلا-ئارام تازلاندى ئېچى-تىشى .
<<كۆك مەشرىپى>>قايناپ كەتتى جاي-جايلاردا،
<<نوروز ئېشى>>ھازىرلاندى مىھمانلارغا .
ئۇزتۇپ قويدۇق كونا يىلنى قىيالماستىن ،
ياش قوشۇلدى يېشىمىزغا بىز تۇيماستىن .
ئۆمىد بىلەن باقتۇق ھەممە ئالدىمىزغا ،
بەركەت تىلەپ يىڭى يىللىق ئېشىمىزغا .
ئۇششاق باللار كۆك تىرىشىپ ئويناپ يۇرەر،
ئويۇن قايناپ خۇشاللىقنىڭ پەيزى سۈرەر .
قىز-چوكانلار قىزىل گۈلدەك ياسىنىپ ئۇز ،
بىر-بىرىگە بەخىت تىلەپ قالدۇرۇپ سۆز .
بەيگە بەردى يىگتلەرگە كۈچ -جاسارەت ،
ۋۇجۇدىدىن تارىماقتا كۆپ ھارارەت .
سالقىن شامال ئۇرۇلماقتا دىماقلارغا ،
شاد خوراملىق پەيدا بولدى زىناقلاردا .
قەلبىمىزدىن نورۇز ئۇچۇن پۇتتۇق نەزمە ،
چىللىماقتا ئانا تۇپراق راسلاپ بەزمە .
قول تۇتۇشۇپ ئۆتەيلى بىز ئىجىل-ئىناق،
يىلتىزى چىڭ خازان بولماس بارچە ياپراق .
ئېشىمىزنى تىز باشلايلى بۇ نورۇزدىن ،
ئىخلاس بىلەن ئاقتۇرۇپ تەر جان توموردىن .
ئىلگىرلەيلى ئالدىمىزغا خۇشال-خورام ،
بەرسۇن مەدەت نورۇز ئۆزى قۇتلۇق بايرام .
ئاپتۇر : گۈما ناھىيە قوشتاغ يىزا ئىسمسلاتوققوز يىللىق ئىزچىل تۇزۇمدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى
|