يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 333|ئىنكاس: 8

ئىبراھىمجان تاش: غەزەللەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        غەزەللەر

ئىبراھىمجان تاش

                                                1
ساماندەك سارغىيىپ ساقلاپ سىنى سۆيمەك سائادەتمۇ؟،        
پىراق  پەيلىمنى پايمانلار پۇچەك پۇرسەت پاراغەتمۇ؟.؟

باھادىرلىق بايانلاردىن بوۋامنىڭ بەستىنى بىلدىم،
تېنىم تۈڭلۈكىگە تەلۋە تۈتۈن توشتى تالاپەتمۇ؟.

نىدايىم نەرىسى ناغرا نىگار ناخۇشلىغىم نەدە؟،
شاراپ شەيدالىقى شەيتان شالاپلاتقان شاراپەتمۇ؟.

خىيانەتلەر خاتاسىدىن خاراپتۇر خانىلەر خامۇش،
قەدەھلەر قان قۇسۇپ قالدى قارا قەلبىم قاباھەتمۇ؟.

مىھىرلىك مەنزىلىم مەيدە مۇساپىر مەست، مۇھەببەتسىز،
جاھان جەۋلانىدا جانىمنى جازالاتقان جاراھەتمۇ؟.

تۈمەن تەننازىدا تاشنى تالاقلاپ تالىدى تەقدىر،
رىۋايەت رەھناماسىدا رەزىللىكلەر راپاۋەتمۇ؟.

                                        2

چۈشۈم چاقنايدۇ چەرخىمدە چايان چاقماقتا چەنداننى،
مازاقلار  مەيدىگە مۇشلاپ مامات مەيداندا مەرداننى.

نادانلار نەپسى نەشتەردەك نۇمۇسنىڭ نالىسى نامرات،
پاراغەت پەسلى پەرياتلىق پەلەك پوملايدۇ پەرماننى.

ئۆلۈم ئۆكسۈيدۇ ئۆتمۈشكە ئۆمۈر ئۆتكەندە ئۆتەڭدىن،
غادايغان غەپلىتى-غىلمان غاجايدۇ غارى-غەلياننى.

دىمەك دۇنيا داۋاسىز دەرتكە دۈشمەنلەر دىدىقاتقان،
دوزاخ دەرگاھىدا دەريا  داۋاملاشتۇردى دەۋراننى.

يانارمەن يالقۇنۇم يەكسان يېشىڭ يامغۇرىدا يارىم،
بەدەللەر بەرمىكىم بەرھەق بىلەر بولسام باياۋاننى.

مەلىكەم مىھرىڭگە مەڭگۈ مىسال مەجنۇنى مۇھتاجمەن،
ئەمەس ئەپسانە ئەتەمدىن ئەلەم ئەۋجىتتى ئەپغاننى.

تۇمانلىق تاڭدا تەنھا مەن تېخى تاش تاپمىدى تەدبىر،
زالالەت زەخمىسىدە زەپىران زىھنىم زەھەرلەيدۇ زىمىستاننى.

                                        3

پەلەك پەرمانلىرىڭ پەيلى پىكىر پەسلىم پاخاللاشتى.
ئازاپ ئاتلىق ئاداۋەتلەر ئارامىم ئاھىدىن ئاشتى.

نادان نەرقىمگە نەغمەڭنىڭ نىداسى نەيلەيىن ناخۇش،
سىرىم سەتھىدە سەۋرەڭنىڭ سۈزۈك سەھىرى سالاملاشتى.

يۈرەك يىلتىزلىدى يارىم يېنىمدا يوق يەنە يارماق،
يانارغا يوللىرىم يانتۇ  يارام ياپىر!...  يامانلاشتى.

قازاندەك قاينىغان قەلبىم قېتىدا قاپقارا قانلار،
چىدامىم چەرخىگە چاچراپ  چىمەن چاچىمگە چاپلاشتى.

مۇڭۇم مەرغۇللىرىدەك ماڭدى مايماق مەپىلەر مەنسىز،
باياۋان بىرلە باغرىمنى بېسىپ بوينۇمنى باغلاشتى.

تاياققا تاڭدى تاش تەقدىر تىلەك-تەلەيلىرىم تەتۈر،
جاراھەتلىك جاھانغا جان جۇدۇنلاردەك جاۋاپلاشتى.

                                        4

ماتانەت مىھرى مەڭگۈلۈك مۇھەببەتلەرنى مۇڭلاتتى،
تاماخور، تەلۋە-تەتۈرلەر تامامى تەننى توڭلاتتى.

تۈنەيمەن تاڭنى توۋلاپ تۇپرىقىم تىترەيدۇ تەنەمدىن،
ساتارىم سىھرىدە سۆيگۈم سىنى سەيلەمدە سويلاتتى.

سەھەر سۈرەتلىرىدە سۇبھىنىڭ سۇلغۇن سىماسى ساپ،
ئوڭۇم ئورماندا ئويناقلاپ  ئوماق ئوبرازنى ئويلاتتى.

قادالما قامىتىم قاسراق-قاداقلاردىن قۇتۇلماقتا،
باھار بەرقىمنى بەرمەستىن بوغۇپ باغرىمنى بوزلاتتى.

ئازاپلىق ئاھلىرىم ئاجىز ئانام ئالەمگە ئاڭلاتقان،
پاراغەت پەسلى پەيمانلىق پىغانىمغا پىچاق پاتتى.

شىراق شەھرىدە شەيتانلار شاپائەت شاھىدۇر شۇدەم،
تۈمەن تۈرلۈك تالاپەتلەر تەلەپتە تاشنى تاۋلاتتى.  



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 00:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر بىر مىسرانى سانائىل ھەرپىيلىك قىلىپ يازماق خېلى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.
قۇتلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-21 00:50:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ، سانائىل ھەرپلىك غەزەللەر ھەقىقەتەنمۇ ئىسىل چىقىپتۇ. تەپەككۇرنىڭ يۇقىرى پەللىسى نامايان بوپتۇ. قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولغاي.

ۋاقتى: 2016-3-21 00:58:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق ياخشى تېمىنى يوللىغان نەزەر دوستىمىزنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-3-21 09:47:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانائىل ھەرپىيلىك غەزىلىڭىزنى ئوقۇپ سۆيۈندۈم!

بۇ مىسرا ئۇزۇن چىقىپ قالغاندەك ھېس قىلدىم:

زالالەت زەخمىسىدە زەپىران زىھنىم زەھەرلەيدۇ زىمىستاننى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 12:15:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبراھىمجان ئەگەر ئىزچىللىقنى ساقلىيالىغان بولسا بۇ كەمگىچە خېلى تونۇلغان شائىر بولۇپ قالاتتى. چۈنكى،1994-1995-يىللىرى ئىككى يىل ئىچىدىلا ››تارىم‹‹ ، ›ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى‹‹،››ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى‹‹،››تۇرپان گېزىتى‹‹،››قەشقەر ئەدەبىياتى‹‹،قاتارلىق گېزىت-ژورناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان .ھەتتا››تەقدىر تەتۈر توقۇلغان چۆچەك‹‹ ناملىق مىكرو داستانى  تۇرپان گېزىتى تەرىپىدىن 2-دەرجىلىك مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشكەن.بۇ داستان ھەققىدە بەزى ئوبزورلار يېزىلىپ ››ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى مىكرو داستان‹‹دەپ يۇقىرى باھالارغىمۇ ئېرىشكەن. بىراق كىچىكىدىن يىتىمچىلىكتە چوڭ بولغان بۇ دوستۇم  تۇرمۇشنىڭ بېسىمى بىلەن 1995-يىلدىن باشلاپ قەلەم بىلەن يىراقلىشىپ كەتكەن  ئىدى. لېكىن، ئەدەبىياتنىڭ ئوتى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان ئوت ئوخشايدۇ. ئۇ ،يېقىندا قەلەمنى قولىغا ئېلىپ ،قايتىدىن بۇ كوچىغا قەدەم باستى.
مەن ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىغىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-3-21 12:47:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئىبراھىمجان تاش (ئىپتىخار) 90-يىللاردىلا 70-يىللاردا تۇغۇلغان ياش شائىرلار ئىچىدە تونۇلغان شائىر ئىدى، ئۇنىڭ شېئىرلىرى ساختىلىق، سۈنئىيلىك ۋە شوئارۋازلىقتىن خالىي ئىدى. بولۇپمۇ لىرىك غەزەللىرى تىل پاساھىتى ۋە ئىپادىلەش ئۆزگىچىلىكى بىلەن كىشىىنىڭ قايىللىقىنى قوزغاييتى. گەرچە ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى سان جەھەتتىن ئاز بولسىمۇ، سۈپەت جەھەتتىن دىققىتىمىزنى قوزغىغانىدى. بىراق نەزەرجان ئېيتقاندەك ئىبراھىمجان بىر مەزگىل جاھان كېزىپ تۇرمۇش ئۆگەندى، بىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتتى. قەلەمنى بىر مەزگىل تاشلىغان بولسىمۇ، كىتابنى ئەزەلدىن تاشلىمىدى. مۇشۇ جەرياندا ناھايىتى جىق كىتاب ئوقۇدى. خاتىرە قالدۇردى. يېقىندا ئۇ قولىغا قەلەمنى قايتىدىن ئېلىپ، ئىچىدىكى ھېسلارنى مارجاندەك تىزىشقا باشلىدى. ئۇنىڭغا ئاپىرىن!
        مەن ئۇزۇن يىللىق بۇ ئاغىنەمنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىجادىيىتىگە بەرىكەت، ئائىلىسىگە بەخت، تېنىگە سالامەتلىك تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-3-21 23:18:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھۇي، بۇ بۇغۇننىڭ بۇ يەردە غەزەللىرىنى كۆرۈپ تولىمۇ خۇش بولدۇم. ئۇنىڭغا ئامەت، بەرىكەت ۋە يەنىمۇ مولھوسۇل يار بولغاي! يۇقىرىدا بېرىلگەن باھالارنىڭ ئەمەلىيكلىكىگە ئۈن قاتىمەن!

ۋاقتى: 2016-4-24 16:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موبارەك بولسۇن،سانائىل ھەرپىلىك غەزەلنى تۇنجى قىتىم كۆرۈشۈم ئىكەن،ھەقىقەتەن قائىل بولدۇم ،ئاپتۇرنىڭ تىل بالاغىتىدىن سۆيۈندۈم.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش