نورۇز گۈللىرى
ئادىل ئابلىكىم ئەلچى
يۆلۈنۈپ قەلبىمنىڭ ھەربىر شېخىغا،
بىخ سۈردۈم ھاياتنىڭ يېشىل كۈيىدە.
چىللىدىم باھارنى نورۇز گۈلۈمنى،
ئولتۇرۇپ مېھىرلىك قۇياش كۆزىدە.
ئېيتىمەن بىر ناخشا ئىچىمدىن كۈلۈپ،
ئىسمىڭدا چېچەكلەپ باھار كەلدى دەپ.
ياساندى باغلارمۇ ئېتىز قىرلارمۇ،
بىر ئاشىق ۋاپادار سۆيگۈنى ئەسلەپ.
يازىمەن سەن ئۈچۈن تاتلىق لىرىكا،
ئوقۇيمەن كۆكلەردە قۇشلار ئۈنىدە.
ناخشىدەك تارايمەن ئاۋۋال يۈرەككە،
مەن بولغاچ بىغۇبار سۆيگۈ ئىچىدە.
ئۆرۈلگەن چېچىنى ئويناپ شامالدا،
كېلىدۇ يىراقتىن نورۇز گۈللىرى.
ئەركەكلەر قولىدا چېچەكلەپ تىلەك،
كېلىدۇ يىراقتىن باھار ئەلچىسى.
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى
يەكەن
|