يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 198|ئىنكاس: 1

زوردۇن ئىمىر: نورۇز جىلۋىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نورۇز جىلۋىسى

زوردۇن ئىمىر

گۈزەللىكتىن ئالغاچقا ئەنداز،
نورۇز كىلىپ قىلدى جىلۋە-ناز.
ئىرىپ قار-مۇز ئىللىپ كائىنات،
قىش ھەيۋىسى قۇيۇۋەتتى گاز.

يېشىللىققا پۈركەندى زىمىن،
باھار قىزى سالدى پايانداز.
قاتارلىشىپ ئۇچتى تۇرنىلار،
قانات قاقتى كۆلدە ئۆردەك-غاز.

ئىش قاينىغان ئېتىز باغرىدا،
قارلىغاچلار قىلدى شوق پەرۋاز،
قوشچىلاغا ئەگىشىپ سايراپ،
قارغۇجىلار چالدى مۇڭلۇق ساز.

چېنىقىشنى باشلىدى سەھەر،
ئەپچىىل«قىلىچ»ئوينۇتۇپ جانباز.
كاككۇك بۇلبۇل ئۈنلەپ باغلاردا،،
گۈللەر ئارا بولدى ئىشقىۋاز.

دېھقان يىگىت كۈي تۈكۈپ تاڭدا،
بەزمسىگە ئىزلىدى ھەمراز.
ھەمرىيىغا بېقىپ ناز بىلەن،
ياندا يانداش تۇتتى چاي گۈلناز.

ئوغلاق تارتىپ چاپتۇرۇپ دۇلدۇل،
بەيگىلەرگە چۈشتى چەۋەنداز.
يايلاقلاردا شوقلۇنۇپ سەكرەپ،
قىيغىتىشتى ئات-كالا،قۇتاز.

قول بىرىشىپ قېيداشقانلارمۇ،
تۈگەپ كەتتى ئارىدا ئاراز.
ئۆم-ئىناقلىق ياشناپ كۈلسۇن دەپ،
ھەر تەرەپتىن كەلدى خۇش ئاۋاز.

قەھرىتاننىڭ چۈشۈپ كۇرسىسى.
تەمكىن نورۇز تىكلىدى ئوبراز،
بۇرۇنلىرىدىن ئېقىتىپ«پوتلا»
ياشلار تۆكتى يىغلاپ قىش-ئاياز.

دېدى ھەممە گۈلگۈن نورۇزنىڭ،
ئەمەس قىلغان ئىنئاملىرى ئاز.
ئۆتسە باھار زوق بىرەر يەنە ،
كىلىپ دوستلار ھارارەتلىك ياز.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 22:13:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ھەممىڭلارنىڭ نورۇز بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش