ئۆزىگە چۆكتى، ئۆزىدىن چىقتى
-شائىر قۇربان باراتقا مەرسىيە
ئابلەت ئەخمەت
ئەرگە خاس ئەركەكلىكنى جەۋلان قىلدۇرۇپ،
ياراتتى بىر پارچە يىشىل دۇنيانى.
ھاڭ-تاڭ قالدۇردى،ھەسرەتكە قويدى،
كەچتى سانسىز قاراڭغۇ دەريانى.
شۇنچە يىللار داۋراڭسىز ياشاپ،
بىر چوققىدا يۇمدى كۆزىنى.
ئۆزىنى تاغ دەپ يۈكسەك بىلگەنلەر،
قايتا كۆرسۇن ئۇنىڭ ئىزىنى.
ئۇنىڭ گۈلخانلىرىدا كۆيسەڭ ئەرزىيدۇ،
ئۇنىڭ دولقۇنلىرىدا ئۈزسەڭ ئەرزىيدۇ،
ئۈمىت،جاسارەت،تىنچلىق، گۈزەللىك...
يالقۇنلىرىدا ئۆلسەڭ ئەرزىيدۇ.
سەن خىيال قىلغۇچە ئۇ يېتىپ بولغان،
سەن قەلەم ئالغۇچە ئۇ يېزىپ بولغان،
سەن ئاياق كىيگۈچە تىخى ئۆيۈڭدە،
ئۇ تالاي چۆللەرنى كېزىپ بولغان.
ئۇنىڭ مىسرالىرىنى ۋاراقلا بىر-بىر،
قىزغىنىش ئىلكىدە قىلىسەن ھەۋەس.
«ئاسىيا ئاسمىنىدا چاقنىغان يۇلتۇز»-
«يوقالماس پەلەستىن»...
بۇ چوققىلارغا يىتىشمەس نەپەس.
ئۇنىڭ دۇنياسىغا شۇڭغۇپ بولغۇچە،
بۇ دۇنيادىن بولدى ئۇ غايىپ.
ئۆزىگە چۆكتى، ئۆزىدىن چىقتى
يىنىمىزدىلا ياشاپ ئاجايىپ.
|