يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1103|ئىنكاس: 45

تۆرىبەگ قىزى: تاتلىققىنا ئىككى لىرىكا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىچىمنىڭ ئىچىدە بىر گۈلىستان بار

پاتىگۈل قاسىم تۆرىبەگ

كۆكلەمدە قىر بويلاپ ئۆسكەن قىياقلار،
قايرىلىپ باققاندا تۆكۈلدى چېچەك.
يۈرىكىم قىزىلگۈل غۇنچىسى ئەمما
ئاق چاچلىق  مومايمەن، بېشىمدا لېچەك.

تاغلارنىڭ باغرىدىن ئۇرۇلۇپ تاشقا،
ئېقىنغا قوشۇلغان سۇلار يېشىمدۇر.
ئىچىمنىڭ ئىچىدە بىر گۈلستان بار،
ئۇ يەردە ياشىغان سۆيگەن كىشىمدۇر.

ھىچكىشى بىلمەيدۇ ساڭا كۆيگەننى،
ئىچىم ھەم تېشىمدا گۈرۈلدەيدۇ ئوت.
سۆڭكىم قۇرىغان قاقشال ئوتۇندۇر،
سەندىلا كۆيمەككە سوقار دائىم چوت.

ۋە لېكىن شۇ قەدەر تەلۋە ئاشىقمەن،
بىر ئۆمۈر ئىزدىدىم، كۆرۈنسەڭ قاچتىم.
بىر دەمدەر ئۈنلەيدۇ تۈڭلۈككە قونۇپ،
مەن ئاڭا ناتىۋان باغرىمنى ئاچتىم.


ئۇنتۇيالمايمەن


كەتسەم كەينىمدىن ئەگىشىدۇ ئاي،
قوغلىسام قاچىدۇ بىردەممۇ تۇرماي.
ئاي بىلەن تىلىڭنى بىر قىلىۋاپسەن،
ياراشماس ئەركەككە بۇنداق قىلىق، راي.

ئاخشامقى چۈشۈمنى ئاڭلىساڭ ئىدى،
(نەقەدەر لەزىز بۇ سۆيگۈنىڭ ھىدى؟!)
مىڭ يىللىق توغراقتەك كەتسەم ئۇيقۇغا
كۆڭلۈم سېنى ھوجرامنىڭ قۇياشى دېدى.

يۇلتۇز بول، كۆڭلۈمنىڭ ئاي، قۇياشى بول،
ۋە ياكى ئېچىلسام ئۇخلىغان بۇلبۇل
سەن بىلەن بېزىدىم ئىچى-تېشىمنى،
ئېگىلدىم سۇ بولساڭ مەن بولۇپ سۇمبۇل.

ئۆتۈكۈڭ قوينۇمغا تۇتسا قونجىنى،
نە تاپسا، نە بولسا تۆكسە شۇنچىنى...
بىلمەيسەن بىر ئۆمۈر ئۇنتۇيالمايمەن
سەن ئاخشام لىۋىمدىن ئۈزگەن غۇنچىنى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +100 يىغىش سەۋەبى
ئەلرام + 100 --------گۈزەل!

باھا خاتىرىسى

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-21 11:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قەلىمىڭىزدىن ھەقىقەتەن تاتلىق لېرىكا پۈتۈلۈپتۇ، بولۇپمۇ ئىككىنچىسى. ئەمما، ئۆز شېئىرىڭىزنى ئۆزىڭىز «تاتلىققىنە ئىككى لېرىكا» دەپ سۇنغىنىڭىز خۇددى چاربازارچىنىڭ قىلىقىلا بوپتۇ. (ئىلگىرى توردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر شېئىرىڭىزنىمۇ مۇشۇنداق كۆپۈك شۆھرەت تاماسىدا يوللىغىنىڭىزدا نۇرغۇن پىكىرگە سەۋەپچى بولغان ئىدىڭىز، بۇ ئىككىنچى قېتىملىقى). يۇرتداشلىق ھەم يولداشلىق سالاھىيىتىم بىلەن كەمتەر بولۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن پاتىگۈل!

ۋاقتى: 2016-3-21 12:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 11:23 AM
قەلىمىڭىزدىن ھەقىقەتەن تاتلىق لېرىكا پۈتۈلۈپتۇ، بول ...

ئەنۋەرجان تىكىنى بار گەپ قىلماڭ .ئەدىبى ئەسەر قەلەمكەشنىڭ پەرزەنتىگە ئوخشايدۇ.يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى بولغان پەرزەنتىنى ھەممە ئادەم ئۇماق بالام ،چىرايلىق بالام دەپ ئەركىلىتىدۇ.تاتلىق چىققان بۇ لىرىكىنى ‹‹تاتلىققىنا ئىككى لىرىكا››دىگەننىڭ نەرى يامانكەن ،دەرۋەقە  دوسىت يىغلىتىپ ئېيتار دۈشمەن كۈلدرۈپ دەيدىغان ھىكمەت بار ،لىكىن يىغلىتىپ ئېيتىشنىڭمۇ يۇلى بار.بۇ يەردە كۈپۈك شۆھرەتنىڭ گىپىنى قىلىشنىڭ زۈرۈريىتى يوق.يەنە كىلىپ پاتىگۇل سىز بىلەن قۇرداش بولسىمۇ ئىجادىيەتتە سىزگە ئۇستاز بۇلالىغۇدەك شىئىرى دىتقا ئىگە شائىرە ھەم مىنىڭ نەزىرىمدە پەزىلەتلىك بىر ئايال.كۈپۈك شان-شۆھرەت دەپ بىر پارچە پىسپاس يازمىنى تېپىۋالسا نەچچە مەتبۇئاتقا تەڭ ئەۋەتىپ ئۈزىنى بازارغا سېلىشنى دىسە بۇلىدۇ.سەمىڭىزدە بولسۇن ھېچكىمنىڭ سەت بالىسى يوق.

باھا سۆز

«پوقباش دېمە جۇمۇ، پوخباش!» دېگەندەكلا گەپ بوپتۇغۇ بۇ، ھا... ھا... ھا...  ۋاقتى: 2016-3-21 01:17 PM
ۋاقتى: 2016-3-21 13:12:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمەت يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 12:37 PM
ئەنۋەرجان تىكىنى بار گەپ قىلماڭ .ئەدىبى ئەسەر قەلەمكە ...


  بۇرادەر، مەن تىكىنى بار گەپ قىلۋاتقىنىم يوق، خۇدايىم ئەقىل دېگەن نەرسىنى دۈمبىڭىزگە ئەمەس مېڭىڭىزگە بەرگەن. بايقاپ ھەم ئويلاپ سۆزلەڭ!
  ئەسەرنىڭ قەلەمكەشنىڭ پەرزەنتىگە ئوخشايدىغانلىقى دەرھەقىقەت. ئەمما، ئۆزى يازغاننى ئۆزى ماختاش بۇ باشقا گەپ!
  مەن پاتىگۈلنىڭ مەن بىلەن قۇرداش ئىكەنلىكىنى ھەم بەلگىلىك شېئىرىي دىتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېنكار قىلىۋاتمايمەن. ئەمما،  رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى ھەقىقەتەن "كۆپۈك شۆھرەت تاماسى" دېمەي ئىلاجىمىز يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تۈنجى قېتىملىقىمۇ ئەمەس. بىلسىڭىز شۇنىڭ ئۆزىمۇ بىر پەزىلەتسىزلىكتۇر، پەزىلەتسىز كىشى ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇستازلىققا مۇناسىپ ئەمەستۇر. چۈنكى، چوڭلىرىمىز دېگەن: «ئالىم بولغىچە ئادەم بول» دەپ. شۇڭا، سىزنىڭمۇ ئارتۇقچە مايلامچىلىق قىلىپ يۈرۈشىڭىز ھاجەتسىز.
  ئەمدى "تىكىنى بار گەپ" نىڭ نەق ئۆزىگە كەلسەك، مەن بىر پارچە ئەسىرىمنىڭ بىر نەچچە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغىنىنىڭ سەۋەبىنى "مۇنداق تەكلىپىم بار" ناملىق تېمامدا ئاللىقاچان سەمىمىيلىك بىلەن ئىزاھلاپ ئۆتكەن. يەنە كېلىپ يەرلىك مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلارغا سۇنۇشمۇ ئەيىپ ئىش ئەمەس. گېزىت-ژورنال مۇھەررىرلىرىمۇ ئەسەر ياخشى بولسا ئىشلىتىدۇ، بولمىسا ئەخلەتخانىغا تاشلايدۇ. يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ. قالغىنىنى ئۆزىڭىز ھەزىم قىلۋېلىڭ.

  ئاخىردا ئەسكەرتىپ قويىدىغىنىم، ئەسەرلىرىمنىڭ ئىچىدە سىز دېگەندەك قانداقتۇر «تېپىۋالغان نەرسە» مەۋجۇت ئەمەس، ئۇلارمۇ ھەم ئۆزىڭىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك مېنىڭ پەرزەنىتلىرىمدۇر. ئۇلاردىن ئىستىتىك زوق ئېلىش-ئالالماسلىق بولسا پۈتۈنلەي ئۆز سەۋىيىڭىزگە باغلىق. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن تىكەنلىك تىلىڭىزنى يىغىۋېلىپ، بىر-بىرىگە زىت ئالجۇقا گەپلەرنى جۆيلۈپ يۈرمەي، كاللىڭىزنى بىرەر پارچە بولسىمۇ «پىسپاس ئەمەس» ئەسەر ئىجاد قىلىپ بېقىشقا ئىشلىتىشىڭىزنى سەمىمىي ئەسكەرتىمەن. گەپ تامام!


ۋاقتى: 2016-3-21 13:58:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرتېكىن يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 01:12 PM
بۇرادەر، مەن تىكىنى بار گەپ قىلۋاتقىنىم يوق، خۇدايى ...

مەن تېخى سىزنى گەپنى توغرىدىن -توغىرغىلا سۆزلەيدىغان، ئۆزىمۇ ھەق سۆزلەپ رەنجىتەلەيدىغان ھەم شۇنداق سۆزلەرنى دادىل قۇبۇل قىلالايدىغان ئەركەك مىجەز ئادەم ئوخشايدۇ دەپ ئارتۇق سۆزلەپ سىزنى رەنجىتىپ قۇيۇپتىمەن.كەچۈرۈڭ خاتالىشىپتىمەن.
يەنە بىر گەپ مەن بۇ تىمىدا ئىنكاسىنى پاتىگۈلغا مايلامچىلىق قىلاي دەپ يازمىدىم.پاتىگۇلنىڭ يۈرەككە تەككۈدەك ئەسەرلىرىنىڭ ئۇقۇرمىنى بولغۇنۇم ئۈچۈن خالىس سۆزلەۋاتىمەن.سىز مايلامچىلق دەپ چۈشەنسىڭىزمۇ بۇنىڭ كارايىتى چاغلىق.چۈنكى دانىشمەنلىرىمىز مۇنداق دىگەنكەن.

ياخشىدۇر خۇنۈكنىڭ تۇتقان گۈلىدىن،
گۈزەلنىڭ ئاغزىدىن پۇرىغان پىياز.


ۋاقتى: 2016-3-21 21:10:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسمەت يوللىغان ۋاقتى  2016-3-21 01:58 PM
مەن تېخى سىزنى گەپنى توغرىدىن -توغىرغىلا سۆزلەيدىغان ...


  كەچۈرۈڭ، چۈشىنىش قابلىيتىڭىز ھەقىقەتەن تۆۋەنكەن. چۈنكى سىز نېمىنىڭ مايلامچىلىق (ئەسلى سىلغايتىپراق ئېيتقان ئىدىم) بولىدىغانلىقىنى، خالىس سۆزلەشنىڭ قانداق گەپ، قانداق شارائىتقا ماس كېلىدىغىنىنىمۇ بىلمىگۈدەك دەرىجىدە ئىكەنسىز. ھەتتا، دانىشمەنلىرىمىزنىڭ ئاۋۇ بىر چىرايلىق ھېكىمىتىنى يادلىۋالغان تۇرۇقلۇق جايىغا ئىشلىتەلمەپسىز. ئەپسۇس...

ۋاقتى: 2016-3-21 22:36:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى شىئېرلىرىڭىزغا ئوخشاشلا قويۇق شىئېرى پۇراققا ۋە پىكىر تىرەنلىكىگە ئىگە بۇ شىئېرلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن تاتلىققىنە دەپ تەرىپلىگۈچىلىكى باركەن. يەنە شۇنىمۇ قوشۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، شىئېرلىرىڭىزغۇ مۇنبەرگە يوللىنىۋاتقان نۇرغۇن شىئېرلارغا قارىغاندا راستىنلا تاتلىق دەپ تەرىپلىگۈچىلىكى باركەن، ناۋادا بالىڭىز سەت-كۆرۈمسىز تۇغۇلۇپ قالسىمۇ گۈزەل دەپ ئىسىم قويۇش تامامەن ئۆز ئەركىڭىز ئىدى. قېرىنداشلىرىمىز سىزگە ئىشىنىپ سىزدىن تېخىمۇ ئىسىل ئەسەرلەرنى كۈتكەچكە تەلەپنى يوقۇرى قويۇۋېلىپ تازا رازىمەنلىك ھېس قىلالمايۋاتقان بولسا بۇنىڭمۇ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق.

ۋاقتى: 2016-3-21 23:05:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەرجان مەن جايىغا ئىشلەتكەن ئىدىم ،چۈشىنەلمىگەندەك تۇرىسىز .ئۇنداقتا تەرجىمە قىلىپ بىرەي.
مەن پاتىگۇل قاسىم تۆرىبەگنى 80-يىللىق  ياش شائىرلار ئىچىدىكى شىئىرىيەت تالانتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ئەڭ سەرخىلى دەپ تۇنۇيمەن.ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم سەۋەپلىك سىزنىڭ ئۇنىڭغا كۈپۈك شان-شۆھرەتنىڭ تەمەسىدە دىگەندەك زەھەردەك سۆزلىرىڭىزگە سەل چېچىلىپ قالدىم.
ئەسەرگە چىرايلىق ماۋزۇ قۇيۇش بالىغا گۈزەل ئىسملارنى تاللاپ قويغاندەك ئەقەللى بىر ئۇقۇم.بۇنىڭ ئۈچۈن كۈپۈك شان-شۆھرەت تاماسىدا بولدۇڭ دىيىش ئاشۇرۋەتكەنلىك،سىزمۇ پاتىگۇلدەك يۇرەككە تەككۈدەك مۇناجاتلارنى ئېيتالىسىڭىز ،ئۇقۇرمەنلەر تىلىدا تاتلىق شىۋىرلىيالىسىڭىز شۇنداق گۈزەل ،يارقىن تىملاردا ئەسىرىڭىزنى يۇرۇتسىڭىز بۇلىدۇ.بۇ ھەرگىزمۇ ماختانچاقلىق،شۈھرەت تەمەسىدە بولغانلىق ھىساپلانمايدۇ.
سىز بىلەن ھىچقانداق ئاداۋىتىم يوق پاتىگۇل بىلەنمۇ  تۇنۇشمايمەن،(بەلكىم يېنىمدىن ئۈتۈپ قالسىمۇ تۇنۇماسلىقىم مۇمكىن) ھېلىقى بېيىتتا كۆزدە تۇتقىنىم ھىسياتتىن ئەسەريوق  قۇراشتۇرما ،چاسا بىر پاتمان يازمىلاردىن ، يۈرەككە تەككۈدەك ئىككى قۇر شىئر ياخشى دىمەكچى.مۇنداقچە ئېيتقاندا زەھەرخەندە ئىنكاسلارغا سۈكۈت قلىپ سىزگە ئەگەشكەندىن ،كۆڭلۈمنى ئاغرىتىۋالساممۇتوغرىنى توغرا دەپ پاتىگۇلغا مايلامچى بولغىنىم ئەۋزەل دىمەكچى.

كۈپۈك شان-شۇھرەت تەمەسىدە ئۇچ ئۇرۇندا ئىلان قىلغان بىر شىئىرىڭىز بۇلىدىغان مۇنبەردىن ئۈچۈرگۈزگەندەك تۇرىسىز ،بوپتۇ سىزگىمۇ يالغان ئالىجاناپلىق كۈپلەپ نىسىپ بولغاي.

باھا سۆز

يەنە سۆڭەك غاجاشقا چۈشۈپسىز، بولدى سىز بىلەن دە-تالاش قىلغۇدەك ۋاقتىم يوق.  ۋاقتى: 2016-3-22 09:57 AM
ۋاقتى: 2016-3-22 00:05:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   راستىنلا تاتلىق دېگۈچىلىكى بار يېقىشلىق لىرىكىلار ئىكەن، ياقتۇرغۇنۇمدىن بىر نەچچە قېتىم ئوقۇدۇم. سەۋەپ، سۆزلەرنىڭ تاللاپ ئىشلىتىلىشى شېئىر ئىچىدىكى «مەن»نىڭ تۇيغۇسىنى تارتىمىلىق ھەم  تاتلىق ھالەتتە يېقىشلىق ئىپادىلەپ  گۈزەل بىر شېئىرى كەيپىياتنى يارىتىپتۇ!

ۋاقتى: 2016-3-22 09:22:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاتىگۇل ئۆزىمۇ تاتلىق قىز، ئىلگىرى تارىم،تەڭرىتاغ ۋە باشقا ژورناللاردا نۇرغۇن ئېسىل شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان،ھازىر تور ئەدەبىياتىغا بەكرەك كۈچەۋاتىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-22 09:59:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاغلارنىڭ باغرىدىن ئۇرۇلۇپ تاشقا،
ئېقىنغا قوشۇلغان سۇلار يېشىمدۇر.
ئىچىمنىڭ ئىچىدە بىر گۈلستان بار،
ئۇ يەردە ياشىغان سۆيگەن كىشىمدۇر.


ئىنسان ئىچىدىكى گۈلۈستان - ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىۋىي ئىندىرگىيىسى.  بۇ خىل ئىنىرگىيە ئىنسان قەلبىدىن مۇشۇنداق چىرايلىق ئۈنچىلەرنى ئىنسان تەپەككۈرىگە ياقۇتتەك چاچىدۇ  سىڭلىم.  بۇ پىنھان ، گۈزەل گۈلۈستانىڭىزغا تەشەككۈر! چۈنكى  ئۇنىڭدىن لېرىكىلا ئۇرغۇپ چىقىدۇ.

ۋاقتى: 2016-3-22 10:09:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستىنلا تاتلىق لىرىكىلاركەن، پاتىگۈل تاتلىق لىرىكىلاردىن سۇنۇپ تۇرۇڭ، بىزمۇ ئوقۇپ تىلىمىزنى تاتلىق قىلىپ تۇرايلى.

ۋاقتى: 2016-3-23 15:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق شېئىرىڭىزنىڭ ھۇزۇرى دىلىمدا قالدى .

ۋاقتى: 2016-3-23 16:22:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق تەمى لىۋىمدە قالدى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-25 18:36:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈستىدىكى تېمامغا نەزەر ئاغدۇرغان ۋە ئىزنى قالدۇرغان قەدىردانلارغا چەكسىز تەشەككۈر. شېئىرىمنى ياقتۇرغانلارغا يەنە تېخىمۇ تاتلىق لىرىكىلارنى سۇنۇش ئۈچۈن تېرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش