يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 168|ئىنكاس: 0

ئالىم ياسىن: باھار لىرىكىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باھار لىرىكىسى
QONG  BAG.jpg

ئالىمجان ياسىن ئارمانى

قىسلىچىدىن چىقىپ سەھەرنىڭ،
ئىللىق كۈلۈپ چىقماقتا قوياش.
شەپىسىنى بىرىپ باھارنىڭ،
نۇرلىرىنى چاچار شۇنچە شاش.

ئۇيقۇسىنى ئاچار ھەممىنىڭ،
چۈشلىرىدە يىنىك ئېتىپ قاش.
سوۋغا قىلىپ مەجنۇنتاللارغا،
ئونبەش ياشلىق ئۇيغۇر قىزىنىڭ
ساغرىسىغا چۈشكىنىدەك ساش.

سۈرۈپ كېلەر يېشىللىقنى ئۇ،
ياساندۇرۇپ بارچە ئالەمنى.
سۈكۈت بىلەن ۋىلىقلاپ كۈلۈپ،
ئېرىتمەكتە سوغ دىل خانەمنى.

چېچەكلەرگە ئاتتىم ئۆزۈمنى،
شۇ نۇرلارنىڭ باغرىغا سىڭىپ.
پىچىرلىدىم ئاستا باھارغا-
«سەنلا ماڭا بولغىنچۇ نىسىپ».

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش