ئىككى شېئىر
ئەنقەر ئەيساجان كۆكيار
يېشىل ھايات
كۆز ئالدىم يېشىل،كۆڭلۈم يېشىل،
ئۇپۇققا تۇتاشقان مەنزىلىم يېشىل.
بۇ دەقىق
شۇنچە يېقىشلىق
يۈرىكىم مەجنۇنتال يېشىل،
چۈشلىرىم بەرگى-قىياق
ئارمىنىم يۇپۇرماق يېشىل،
ھايات يېشىل،ئۆمۈرىم يېشىل.
ياپيېشىل...
2015-يىل 7-ئاي
بولارمۇ؟
ئېھ
سۈت كەبى ئاپئاق قار،
ماڭا بولغىن بىردەم يار.
ساڭا ھېچكىمگە ئېيتىپ باقمىغان
ئۇزۇندىن-ئۇزۇن سۆزۈم بار.
مەڭزىڭگە
پىشانەمگە پۈتۈلگەن،
مەنچۈن كۆيەر جانانىمنىڭ
سىزىپ قويسام ئاي يۈزىنى،
قاپقارا خۇمار قوي كۆزلىرىنى،
يېزىپ قويسام ئىسمىنى،
سۆيۈپ قويسام ئاستاغىنە
ئالما-ئاناردەك گۈل لېۋىنى،
ئارقىدىن ئامانەت قىلسام يۈرىكىمنى،
بولارمۇ؟
...
ئېھ
لېچەك كەبى ئاپئاق قار،
ماڭا بولغىن بىردەم يار.
ساڭا ھېچبىركىمگە سۇنۇپ باقمىغان،
ئۆزۈم ئەڭنىدەك كۆڭلۈم بار.
مېھرىڭگە
ۋۇجۇدتا كۆكلىگەن تەنھالىقىمنىڭ،
يېپىپ قويسام تال-تال شېخىنى،
سۈرتۈپ قويسام ياپراقلىرىنى،
كېچىدەك يالغۇز سوغۇق-جىمجىتلىقىنى،
كېتىپ چاك يېرىلغان ئۈمىدلىرىنى،
ئوتقا ئوت بولۇپ يانغان-يېقىلغان ئىچى-تېشىنى،
بېرىپ قويسام مىسكىن دەردىنى،
بولارمۇ؟
...
ئېھ
چىچەك كەبى ئاپئاق قار،
ماڭا بولغىن بىردەم يار.
ساڭا ھېچكىمگە تۇيدۇرمىغان،
ئوي-ھېسلىرىم تۇيغۇم بىلەن
ھەممىدىن مۇقەددەس دىلدا سۆيگۈم بار.
كۈيۈڭگە
قوشۇپ قويسام چەكسىز سېغىنىشىمنىڭ،
پىغان بىلەن تولغان ئاھ-مۇڭلىرىنى،
قاچىسى دەز كۈتۈشلىرىنى،
سېلىپ قويسام لىپاپقا ھەسرەت يېشىنى،
قىلمىسا شامال كەپسىزلىكىنى،
بۇدەم كۈتۈۋالسام بىلىپ ئۆمۈر ھەمراھى،
پەقەت بىر سېنى پەقەت بىر سېنى.
بولارمۇ؟
...
يېنىڭغا كەلدىم بۈگۈن يا باغاشلا كۆڭۈل-ئىشقىمنى،
ۋەيا كۆمۈۋەت ھەممە-ھەممىنى...
2015-يىل 11-ئاي
|