نورۇز
ئابدۇخالىق ئوبۇل
نورۇز بۈگۈن؛ ئارمانسىزغا ئارمان بار،
نورۇز بۈگۈن؛ پىقىرلارغا دەرمان بار،
نورۇز بۈگۈن؛ ئاشىقلارغا جانان بار،
نورۇز بۈگۈن؛ ھەر كىشىگە ئاق نان بار،
نورۇز بۈگۈن؛ بارچە جانغا بايرام بار.
نورۇز بۈگۈن؛ كەتتى ئەنە قەھرىتان،
نورۇز بۈگۈن؛ بولماس ھىچكىم پەرىشان،
نورۇز بۈگۈن؛ كۈلدى ئەزىز بۇ ماكان،
نورۇز بۈگۈن؛ كۈلۈڭ ئاتا-ئانىجان،
نورۇز بۈگۈن؛ بارچە جانغا بايرام بار.
نورۇز بۈگۈن؛ بايرام بولار ھەرياندا،
نورۇز بۈگۈن؛ مۇقام ياڭرار ھەرجايدا،
نورۇز بۈگۈن؛ ساما قاينار مەيداندا،
نورۇز بۈگۈن؛ بۇلبۇل سايرار خەنداندا،
نورۇز بۈگۈن؛ بارچە جانغا بايرام بار.
نورۇز بۈگۈن؛ قۇياش كۈلدى زىمىنغا،
نورۇز بۈگۈن؛ بەخت قوندى بېشىمغا،
نورۇز بۈگۈن؛ جان قېتىلدى جېنىمغا،
نورۇز بۈگۈن؛ بولدى ئەلگە تاماششا،
نورۇز بۈگۈن؛ بارچە جانغا بايرام بار.
نورۇز بۈگۈن؛ غەش كۆڭۈللەر يايرايدۇ،
نورۇز بۈگۈن؛ گۈل-گىياھلار ئاينايدۇ،
نورۇز بۈگۈن؛ ئەلنى بەركەت قاپلايدۇ،
نورۇز بۈگۈن؛ نورۇز ئېشى قاينايدۇ،
نورۇز بۈگۈن؛ بارچە جانغا بايرام بار.
نورۇز بۈگۈن؛ سىر-تۈگۈنلەر يېشىلسۇن،
نورۇز بۈگۈن؛ بەخت نۇرى چېچىلسۇن،
نورۇز بۈگۈن؛ ئۆملۈك گۈلى ئېچىلسۇن،
نورۇز بۈگۈن؛ سۆيگۈ كۈيى ئىيتىلسۇن،
نورۇز بۈگۈن؛ بارچە جانغا بايرام بار.
|