ئۈزۈك تىنىقلار
ئۈمىدجان قادىرى
چىغىر ئەسلىمىسى
ئاي ئۆتۈپ،يىللار ئۆتۈپ،كەلدىم چىغىرغا قايتىدىن،
سىنچىلاپ سالدىم نەزەر دەريا،ئىدىرغا قايتىدىن.
نەۋقىران چاغلاردا باسقان ئىزلىرىم بارمۇ ئامان؟!
شۇل مۇرادىمدىن نىدا تۆكتۈم خىزىرغا قايتىدىن.
كەچمىشىم ئىكرانى يورۇپ،يار بىلەن مەن ئىككىمىز،
ۋەسلى گۈلزاردا كۈلۈپ قوندۇق شېئىرغا قايتىدىن.
«زەر ئۈزۈك،ياقۇت كۆزى»دەپلا ناۋالار ئەيلىگەن،
قۇش كۈيى ياڭراپ يەنە باقتى پېقىرغا قايتىدىن.
چەيلىنىپ كەتكەن ساداقەت راھىتى دۇنيا ئۈچۈن،
ئۇچلىنىپ ھىجران تىغى پاتتى بېغىرغا قايتىدىن.
جىلمىيار تۆت ئىز جۇلالاپ ياۋا گۈللەر باغرىدا،
ۋاقتى مۆچەلدىن ئۇزۇن چۆكتۈم سېپىرغا قايتىدىن.
بولغۇسى تاڭنا ئۈمىدجان ئوغلى دىشۋاردىن يىراق،
قويمىغاي مەندەك ئۇنى كۈنلەر ئېغىرغا قايتىدىن.
ھەسرەتنامە
ئىشەنچتىن پەرلىسەم مەشئەل،ۋىسالسىز سۆيگۈ لەت ئەتتى.
مۇھەببەتلىك پىيالەمنى شېرىن شەربەتمۇ چەت ئەتتى.
كۆڭۈل باغچام ئارا ياشناپ تۇرارغا ئىزدىسەم بىر گۈل،
تىكەنمۇ يوق،گۈلى تۇرماق؛قاقاس تاقىر تەلەت ئەتتى.
ئۈنى پۈتكەن غېرىپ بۇلبۇل ماداردىن كەتتى قان يىغلاپ،
نىشانغا تاللىغان شاخمۇ قۇرۇشمالدا غەلەت ئەتتى.
خۇشال-غەمسىز يۈرەتتىمغۇ بالاغەت ياشى كەلمەستە،
قاچان چۈشتى ماڭا سەۋدا،شۇ كۈندىن بى سەھەت ئەتتى.
پېتىپ چوڭقۇر خىياللارغا،دۇچار بولدۇم قاماللارغا،
يۈرۈشكەن شۇل تالاي جۈپلەر دىلىمدا مىڭ ھەسەت ئەتتى.
كۆچۈپ ئېزگۈم،بوشاپ سەزگۈم،ئۆزۈمنى ھاڭدا ھېس قىلدىم،
مېنى دۇنيا تىرىك يۈرگەن گويا مۇردا-جەسەت ئەتتى.
سەھەر بىر چۈش نېسىپ بولسا،دىڭىزدىن يۇلقۇنۇپ چىقسام،
دېگەي ئەللەر ئۈمىدجانغا ئۆمۈر قايتا مەدەت ئەتتى.
2016.يىل 20.مارت، پىيالما