باھارنىڭ ئىسمى
مۇتىللا ئەبەد قىرانى
قىشنىڭ يالىڭاچلىقى
باھارنىڭ تىنىقلىرىدا بوغۇلىدۇ.
سۈكۈتتىكى دەرەخلەرنىڭ شاخلىرىدا
ھەسرىتىنى يوشۇرغاندەك ئاچچىق تولغىنىدۇ.
باھار ئىزدەپ كەتكەن يۈرەكلەر
سوئالسىز ۋېسالنىڭ كۆز ياشلىرىدەك
يوپۇرماق بولۇپ تۇغۇلىدۇ.
بىدە كۆكى
ۋاقىتنىڭ يېڭىلىقى
ئىشىكى تاقالمىغان قەلبنىڭ ئىچىدىكى.
غېرىبلىقنىڭ ئاسمىنى تار
تونۇش شەھەرنىڭ يېتىم بۇرچىكىدە
بەلكىم سېزىلمىغان خەرىتىسى بار.
باھارنىڭ ئىسمى
قويۇلغانمۇ پىنھان كېچىدە
تېخى تۇغۇلمىغان ھىجراننىڭ كەينىدە.
ئۆزۈمنىڭ كەچمىشىدەك
تۇغۇلماقتا يۇلتۇز بولۇپ جىممىدە.
باھارنىڭ ئىسمى- شېرىن
ئىسىمنىڭ كەينىدە ئىسمىڭدىنمۇ شېرىنلىكى.
يېقىلىمەن بىر دەستە نۇردەك
نىشانغا ئالغۇچە ئوقيا كىرپىكى.
كېلىمەن بىر قۇچاق مېھىرنى ئاتاپ
سېنى ئۇنتۇش ئەڭ تەس ئۆلۈمدەك
دىل بەرگىدە غۇنچىدەك قاناپ.
مىليۇن چېچەك تۇتقان قول بىلەن
مېڭ قېتىم قىرقىلغان مۇھەببەت ئۈچۈن
قىرىق تال چېچىڭدەك تۇنگە پىچىرلاپ.
|