يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 218|ئىنكاس: 4

تاغداش: نورۇز كەلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نورۇز كەلدى
مەتيۈسۈپ ئابدۇسەمەت


مەرھابا، چىللاپ باھار نورۇز كەلدى،
بارچىگە ھىممەت ياغار نورۇز كەلدى.
ئويغىنىپ ئۇيقۇسىدىن بار مەۋجۇدات،
تورنىلار ئۇچتى قاتار نورۇز كەلدى.


ئېرىقتا ئاقتى ئەگىز ئېرىپ قار- مۇز،
زىمىستان كۆزى ياشلاپ نورۇز كەلدى.
ياپ-يېشىل لىباس كەيدى دالا، تاغلار،
تال- تېرەك پوتلا تاشلاپ نورۇز كەلدى.


بىخ سۈرۈپ تال- نوتىلار ياساندى ئۇز،
خۇشپۇراق چاچتى چېچەك نورۇز كەلدى.
جانلاندى ئېتىز- قىرلار بۆلەكچىلا،
دېھقىنىم تۈردى بېلەك نورۇز كەلدى.


يېڭىچە پارلاپ قۇياش باقتى كۈلۈپ،
كۈنۇ- تۈن بولۇپ ‹‹تەڭلىك›› نورۇز كەلدى.
مايسىلار قايرىپ لېچەك چىقاردى باش،
قىز- يىگىت تۇتۇپ ئەڭلىك نورۇز كەلدى.


ئۇ ياقتا قاينىماقتا نورۇز ئېشى،
بۇ ياقتا نەغمە- ناۋا نورۇز كەلدى.
قېرى- ياش چۈشتى بۈگۈن شاد بەزمىگە،
يۇرتمۇ- يۇرت راسلاپ ساما نورۇز كەلدى.


بەيگىگە چۈشتى ئەنە ئوغلاقچىلار،
چېلىشچى بەلنى باغلاپ نورۇز كەلدى.
جۇۋانلار تۈگۈشۈپ كۆك چۆچۈرىسى،
مېھماننى تۆرگە باشلاپ نورۇز كەلدى.


بالىلار كەڭلىكلەردە چۇرقىرىشىپ،
تۆتقۇلاق تېرىپ ‹‹بۆك››كە نورۇز كەلدى.
قۇشلارمۇ سايرىماقتا بەس- بەس بىلەن،
قوزىلار تويۇپ كۆككە نورۇز كەلدى.


باشلاندى يېڭى بىر يىل، يېڭى ھايات،
كۈچكە- كۈچ قوشۇپ دەرمان نورۇز كەلدى.
پارلايدۇ چېھرىمىزدە ئۈمۈد، ھەيھات،
يۈرەكتە يېڭى ئارمان نورۇز كەلدى.


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 22:25:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز كەلدى
مەتيۈسۈپ ئابدۇسەمەت


مەرھابا، چىللاپ باھار نورۇز كەلدى،
بارچىگە ھىممەت ياغار نورۇز كەلدى.
ئويغىنىپ ئۇيقۇسىدىن بار مەۋجۇداد،
تورنىلار ئۇچتى قاتار، نورۇز كەلدى.


ئېرىقتا ئاقتى ئەگىز، ئېرىپ قار- مۇز،
زىمىستان كۆزى ياشلاپ نورۇز كەلدى.
ياپيېشىل لىباس كەيدى دالا، تاغلار،
تال - تېرەك پوتلا تاشلاپ نورۇز كەلدى.


بىخ سۈرۈپ تال- نوتىلار ياساندى ئۇز،
خۇشپۇراق چاچتى چېچەك، نورۇز كەلدى.
جانلاندى ئېتىز- قىرلار بۆلەكچىلا،
دېھقىنىم تۈردى بېلەك، نورۇز كەلدى.


يېڭىچە پارلاپ قۇياش باقتى كۈلۈپ،
كۈنۇ - تۈن بولۇپ تەڭلىك، نورۇز كەلدى.
مايسىلار قايرىپ لېچەك؛ چىقاردى باش،
قىز- يىگىت تۇتۇپ ئەڭلىك، نورۇز كەلدى.


ئۇ ياقتا قاينىماقتا نورۇز ئېشى،
بۇ ياقتا نەغمە- ناۋا، نورۇز كەلدى.
قېرى- ياش چۈشتى بۈگۈن شاد بەزمىگە،
يۇرتمۇ- يۇرت راسلاپ ساما، نورۇز كەلدى.


بەيگىگە چۈشتى ئەنە ئوغلاقچىلار،
چېلىشچى بەلنى باغلاپ نورۇز كەلدى.
جۇۋانلار تۈگۈشۈپ كۆك چۆچۈرىسى،
مېھماننى تۆرگە باشلاپ نورۇز كەلدى.


بالىلار كەڭلىكلەردە چۇرقىرىشىپ،
تۆتقۇلاق تېرىپ  بۆككە، نورۇز كەلدى.
قۇشلارمۇ سايرىماقتا بەس- بەس بىلەن،
قوزىلار تويۇپ كۆككە، نورۇز كەلدى.


باشلاندى يېڭى بىر يىل، يېڭى ھايات،
كۈچكە كۈچ قوشۇپ دەرمان، نورۇز كەلدى.
پارلايدۇ چېھرىمىزدە ئۈمىد، ھەيھات،
يۈرەكتە يېڭى ئارمان، نورۇز كەلدى.

ۋاقتى: 2016-3-20 22:48:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقىي يىتەكلەش دىگەن مانا شۇ! رەھمەت

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-21 00:15:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىن ئۇستازنىڭ مېنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىگە  كۆپ رەھمەت، بۇنىڭدىن كېيىن ئىملاغا قاتتىق دىققەت قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-4-6 22:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نورۇز كەلدى
مەتيۈسۈپ ئابدۇسەمەت


مەرھابا، چىللاپ باھار نورۇز كەلدى،
بارچىغا ھىممەت ياغار نورۇز كەلدى.
ئويغىنىپ ئۇيقۇسىدىن بار مەۋجۇداد،
تورنىلار ئۇچتى قاتار، نورۇز كەلدى.


ئېرىقتا ئاقتى ئەگىز، ئېرىپ قار- مۇز،
زىمىستان كۆزى ياشلاپ نورۇز كەلدى.
ياپيېشىل لىباس كىيدى دالا، تاغلار،
تال - تېرەك پوتلا تاشلاپ نورۇز كەلدى.


بىخ سۈرۈپ تال- نوتىلار ياساندى ئۇز،
خۇشپۇراق چاچتى چېچەك، نورۇز كەلدى.
جانلاندى ئېتىز- قىرلار بۆلەكچىلا،
دېھقىنىم تۈردى بېلەك، نورۇز كەلدى.


يېڭىچە پارلاپ قۇياش باقتى كۈلۈپ،
كۈنۇ تۈن بولۇپ تەڭلىك، نورۇز كەلدى.
مايسىلار قايرىپ لېچەك، چىقاردى باش،
قىز- يىگىت تۇتۇپ ئەڭلىك، نورۇز كەلدى.


ئۇ ياقتا قاينىماقتا نورۇز ئېشى،
بۇ ياقتا نەغمە- ناۋا، نورۇز كەلدى.
قېرى- ياش چۈشتى بۈگۈن شاد بەزمىگە،
يۇرتمۇ يۇرت راسلاپ ساما، نورۇز كەلدى.


بەيگىگە چۈشتى ئەنە ئوغلاقچىلار،
چېلىشچى بەلنى باغلاپ نورۇز كەلدى.
جۇۋانلار تۈگۈشۈپ كۆك چۆچۈرىسى،
مېھماننى تۆرگە باشلاپ نورۇز كەلدى.


بالىلار كەڭلىكلەردە چۇرقىرىشىپ،
تۆتقۇلاق تېرىپ  بۆككە، نورۇز كەلدى.
قۇشلارمۇ سايرىماقتا بەس- بەس بىلەن،
قوزىلار تويۇپ كۆككە، نورۇز كەلدى.


باشلاندى يېڭى بىر يىل، يېڭى ھايات،
كۈچكە كۈچ قوشۇپ دەرمان، نورۇز كەلدى.
پارلايدۇ چېھرىمىزدە ئۈمىد، ھەيھات،
يۈرەكتە يېڭى ئارمان، نورۇز كەلدى.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش