ئادەمدۇرمىز ياكى بىر ھايۋان
ئەھەت مامۇت چوغدان
مەن شېئىرغا كىرگەن چېغىمدا
ئىبلىس شورا ئاچار بېغىمغا.
تۇيغۇم تىنماي كۆتۈرەر غەلىيان
مىسرالاردا ئازار ھاياجان .
«رەببىم مېنى بولدى قىل» دەيدۇ
«غەيرەت قىل دەپ» ئۈندەيدۇ شەيتان .
شېئىر بىر تۈپ چەكلەنگەن دەرەخ
ئىلھام گويا رەزىل بىر ئەبلەخ .
قۇرۇق شۆھرەت ،يا قۇرۇق گەپتۇر
ئۆملەپ يۈرۈپ سۆز دۆۋىسىدە
يا ئۆملىتىپ ئانا تىلىنى
ئەلدىن بىغەم، شائىر ئاتالغان .
ھايات بىزنى كۆندۈرمەكتىدۇر
ئەڭ ، ئەڭ مەشھۇر ئادەم بولۇشقا .
ئۆلۈم بىزنى ئۈندىمەكتىدۇر
ھەقىقەتتە مەھكەم تۇرۇشقا .
نىيەت قىلماي ئىتائەت بولماس
ئىتائەتسىز ئىبادەت بولماس .
ئاي ئۆرلەيدۇ ، كۈنمۇ كۆكلەيدۇ
كىبىر بولماي قىيامەت بولماس .
قىپقىزىل قان ياكى بىر چوغدۇر
سۈپسۈزۈك سۇ ياكى ئىماندۇر .
قاپقارا تۈن ، يوپيۇرۇق بىر تاڭ
ياكى ئادەم ياكى ھايۋاندۇر .
تىكلىۋالسا ئۆز نوپوزىنى
ئاسانلىشار ياشاشتا ئىمكان .
ئاسايىشلىق شۇ تۆت كۈن ئۈچۈن
تۇتقان يولى بولسىمۇ خاتا
كۈيلەشلەرگە جۆر بۇلار ئىنسان .
پۇل تاپقانلار پۇلنى كۈيلەيدۇ
يول تاپقانلار يولنى كۈيلەيدۇ .
يۈز تاپقانلار قىلىپ تەنتەنە
ناتىق مۇنبەر ، سۆزنى كۈيلەيدۇ .
مەن ئېيتىمەن ھەق مەڭگۈ ھەقتۇر
ھەق بولغاچقا ھاياتتا ئاخىر
ئەللەر بىر كۈن بىزنى كۈيلەيدۇ .
ياشاش شەرتسىز ، چەكسىز بىر بەدەل
ئۆلۈم جاندا نۇرلانغان قەرەل .
ھەق ئەل ئۈچۈن ، ئەل ھەق ئۈچۈندۇر
شېئىر بىر ئوت ، تۇيغۇ تۈتۈندۇر .
ئاقىل بولغىن ئادەم بولغىلى
كامىل بولغىن شائىر بولغىلى.
بولساڭ بولغىن ھەق ئۈچۈن قۇربان
ئۇندىن باشقا ھەممىسى يالغان .
2016-3-17
|