يازغىنىم يازغان
ئابدۇۋەلى راخمان ھەققانىي
ئىللەت تۇرۇپ ئىگىلسەڭمۇ يازغىنىم يازغان،
تەنبىھلەردىن تىرىكسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
چىقىپ بولغان سەن بۇرۇنلا ئادەمىلىكتىن،
مىڭ ئەمەلگە ئىرىشسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
كۆرەڭلىكتىن پاتمان-پاتمان ھەسرەت قولتۇقلاپ،
دۆڭدىن پەسكە سىرىلسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
بەتتام سۆزۈڭ ئۆز-ئۆزۈڭگە ھەسەل بىلىنىپ،
مەن يازغاندىن زىرىكسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
ئىچى زەھەر قۇۋنى كۆرسەم يازماي تۇرامدىم،
تىغ كۆتۈرۈپ دىۋىنسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
نومۇس قىلماي ئۈگەنگەن خۇي،يامان خاھىشتىن،
ھېچ ئىش يوقتەك كېرىلسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
كۆرەلمەستىن مەرتنى تىللاپ ئېغىز يالىشىپ،
نەچچە ئىپلاس بىرىكسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
ئىچ-ئىچىمدىن رەزىللىككە ئۆچ مەن شۇ قەدەر،
نەچچە ئۆلۈپ تىرىلسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
ھەر قاچان ھەم ھەر زاماندا رەسۋا ساختىغا،
ۋەھشى«دۈشمەن» كۆرۈنسەممۇ يازغىنىم يازغان.
ئىتنىڭ پىتقا ئۆزگەرگىنى قېنى نەدە بار؟
تۈزەلگەندەك بىلىنسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
چايان ئوتتا كۆيسە ھەرگىز ئىچىم ئاغرىماس،
پۇتتا دەسسەپ ئىزىلسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
كەتكەن ئىدى ئەسلى سىنىڭ ئىچىڭ قارىداپ،
ئاق ئۇپىغا مىلىنسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
قىلمىشىغا توۋا قىلماس ئەقلى كەمتۈكلەر،
شوڭا گالدىن ئىلىنسەڭمۇ يازغىنىم يازغان.
****
|