يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 229|ئىنكاس: 2

نۇربىيە ئابدۇكېرىم: قارا رەڭلىك شائىرە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏قارا رەڭلىك شائىرە

‏نۇربىيە ئابدۇكېرىم

‏                  (1)

‏پىلسىرات كۆۋرىكىدەك سۈرلۈك بىر كېچىدە  
ۋاقىتنىڭ ئۇزۇنلىقى بىلەن نەچچە رەت بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدۈم
‏ئىنتايىن سەمىمىي غەزەپ بىلەن
‏قاراڭغۇ دەرىزىگە ھومايدىم
قۇلاقلىرىمنى تۈزەپ
تاشقىي دۇنيادىكى ئاۋازلارغا زەن قويدۇم
سول قۇلىقىمغا ئېنىق يېتىپ كەلگەن  
ھۈ-ھۈ-ھۈ
بىر ئايالنىڭ ئاۋازىدەك باشلىنىپ
گاھ جەڭگە ھازىرلانغان پالۋانلارنىڭ شۇئارىسىمان ھەيۋىسى   
گاھ بۆرىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇق تەنتەنىسىدىكى يىقىلماس ئۈنى
كەبى دەبدەبىلىك ئاڭلاندى
دېمەك مەن تۇرىۋاتقان ئۇزۇن كېچە  
سېرتماق بولۇپ سول قۇلىقىمنى قورۇلدۇرۇپ
جىددىيلىك بىلەن مېڭەمدە جەڭ قىلىۋاتاتتى ئۆزۈم بىلەن

                              (2)  

پولات ئارغامچىدەك قاتتىق، سوغۇق بىر كېچىدىن
ئۆزۈمنى ئۈچىنچى قېتىپ يۆلەپ تۇرغۇزغىنىمدا  
ئوڭ قۇلىقىم زىڭىلداپ ئاغرىدى
ئۇنى سىلىدىم  
نېلۇپەر ياپرىقىدەك كېڭەيگەن كۆمۈرچەك تەنچىسى
ئوڭ مۆرەمگە يېيىلىپ ياتاتتى
قورقۇشقا، ۋارقىراشقا ئۈلگۈرەلمىدىم
چۈنكى مۇڭلۇق قىرائەت بىلەن
بىرەيلەننىڭ مېيىت نامىزى چۈشۈرۈلىۋاتاتتى
ئىچىمنى جىملەپ <ئۈش ش ش> قىلدىم
ياپراقسىمان ئوڭ قۇلىقىم ساڭگىلاپ جەينىكىمگە يەتكەنىدى
ياخشى ئەمەللەرنى سۆزلەشلەر، رازىلىق بېرىشلەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى
بۇ قېتىم دەرىزىنى ئۇلۇغ ئاچتىم
زومچاق-زومچاق قەبرىلەر ئارىسىدا
ھور ئۆرلەۋاتقان ئورەككە تەلمۈرۈپ تۇرغان  
بايىقى نامازچىلارنى كۆردۈم  
كۆزۈمنى قايمۇقتۇرغان چىۋىن پوقىدەك ئۇششاق چېكىتلەر
ئۇلارنى تونۇشۇمغا پۇتلىشاتتى، كۆزۈمنى يىڭناغۇچ قانتىدەك چىمچىقلاتساممۇ
بېشىمنى تىقىشىم بىلەن  
ئوڭ قۇلىقىم پۈتۈن تېنىمدىن بىر سۇڭ ئۇزۇن ھالەتتە ئاقىرىپ
مېنى تۈرۈپ ھېلىقى ئورەككە كۆتۈرۈپ ماڭدى....

                               (3)

سەھەردىكى چۈشۈمدە
سۈت قاچىسىنىڭ داۋالغۇپ كەتكىنىنى كۆردۈم  
بىر تامچە سۈت كېچىنى بويىۋەتتى
كۈندۈز سۇيۇلۇپ نېرۋىلىرىمغا ئېقىپ كىرىشكە باشلىدى
قوڭغۇراقلىق سائىتىم قاپاقلىرىمنى يىراتتى بەلگىلەنگەن سان ئۇچى بىلەن
دادامدىن ئۆگەنگىنىم بويىچە ئوڭ قولۇمنىڭ ئۈچ بارمىقىدا  
تۇمۇرۇمنىڭ سوقۇشىنى ئۆلچەپ باقتىم
ئادەتتىكىدەك قوينۇمدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقان قىزىمغا بۇرالدىم ۋە ئۇنى سۆيدۈم
ئاياللىق مەتانىتىم بىلەن قىپقىزىل كېچىلىك كىيىمىمدە
ھاياتلىقىمغا ئۈنسىز تەنتەنە قىلدىم
شاقىراتمىلاردىن سېرىلىۋاتقان سۇغا تاشلانغۇم كەلدى ...

                                    (4)

قۇياش
ياشاشقا ئاشكارە ئەلچى بولۇپ تۇراتتى  
شائىرە ھەم
تېخىچە ھايات ئىدى
ئۇنىڭ تېنىنى كېپەنلىگەن ئاپئاق ئوڭ قۇلىقى ئۈستىگە
ھاياتنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇن كېچىلىرىگە مەپتۇنكار سول قۇلىقى
بىر سۆيۈملۈك قارا يوپۇقنى يېپىۋاتاتتى جان ـ جەھلى بىلەن  

2016-20-مارت كېچە  ئۈرۈمچى  

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-20 21:45:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئىزدىنىشلىرىڭىزغا قۇتلۇق بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-3-20 23:36:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇربىيەنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇساملا بەك جىق بىر نەرسىلەرنى دىگۈم كېلىپ كېتىدۇ. لېكىن دىيەلمەيمەن .چۈنكى شېئىردىن بەھر ئالالىغىنىم بىلەن ،شۇ شېئىر توغرۇلۇق بىر نىمە دىگۈدەك بەدىئى دىت مەندە كەمچىل.
شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى  نۇربىيەگە ئۇتۇق -ئامەت، قەلىمىگە بەرىكەت تىلىگىنىم ياخشىدەك تۇرىدۇ.
سىڭلىم نۇربىيە، ئىجادىيىتىڭىز ھەرگىز ھەربى مەشىققە ئوخىشاپ قالمىسۇن.
1-2-1 ئەمەس، 1-2-3  بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش