ئوپېرانىڭ مۇقەددىمىسى
تاھىر ھامۇت
ھەر قېتىم ياۋا قوتازلار تاغدىن چۈشكەندە
جىلغىدىكى مەھەللىدە
قوتاز چۈشتى ، دەپ ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ
كىشىلەر دەرھال ئۆيلىرىگە كىرىپ
ئىشىكلىرىنى چىڭ تاقىۋالىدۇ
تۇياقلارنىڭ قارا يامغۇردەك شارقىرىشىنى
تىنىقلارنىڭ زەھەرلىك يىلانلاردەك كۈشۇلدىشىنى
يۇڭلارنىڭ شامالدىكى شەمشەرلەردەك ۋىشىلدىشىنى
ئۇلار ئاڭلاپ تۇرىدۇ
لېكىن ھېچكىممۇ دەرىزىلەردىن ياكى يوچۇقلاردىن قاراشقا پېتىنالمايدۇ
ئەمما ھەممە ئادەم مۇنداق خىيال قىلىدۇ:
كۆزلىرىگە قان تولغان ۋەھشى بىر ياۋا قوتاز
ھىجايغان ھالدا ئۆيىمىزگە باستۇرۇپ كىرسە
مەن چاققانلىق بىلەن ئۇنىڭ مۈڭگۈزىدىن تۇتۇۋېلىپ
تالاغا ئىتتىرىپ چىقىرىۋەتسەم
سىرىتتىن كەلگەن
بېشىدىن ناھايىتى جىق ئىش ئۆتكەن ئادەممۇ
بۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ
ئۇ تاغ ئۈستىگە قاراپ قويۇپ
قوللىرىنى كېرىپ تۇرۇپ
مۇنداق دەپ ناخشا ئېيتىدۇ:
تاغقا پاتمىغان ئاشۇ ياۋا قوتازلار
شەيتان پاتمايدىغان ئىشىكىڭلارغا قانداق پاتىدۇ؟
خىياللىرىڭلاردىن ئۆرگىلەي
ئىشىكلىرىڭلاردىن چۆرگىلەي
(شۇنىڭ بىلەن پەردە ئېچىلىدۇ)
2016 ـ يىل 3 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى
|