يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 249|ئىنكاس: 5

ن.ھاشىم :بالىلار ۋە يۇشۇرۇن ئاڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نۇرمۇھەممەت ھاشىم                 
         

                     بالىلار ۋە يۇشۇرۇن ئاڭ                           

    «بالىڭىزنى دۆت دېمەڭ،دۆت دەۋەرسىڭىز دۆت بولۇپ قالىدۇ»بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغانلار كۆپ بولسا كىرەك،مۇشۇ سۆز قۇلىقىمىزغا ئاڭلانغاندىن بىرى باللىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى ياكى ئىمتىھاندىن ئالغان تۆۋەن نومۇرىنى كۆرۈپ ئېغىزىنىڭ ئۇچىغا كېلىپ قالغان«دۆت»دېگەن سۆزنى ئىچىگە يۇتىۋىتىدىغانلار
  بارغانسىرى كۆپەيدى. ئەلۋەتتە ،بۇ سۆزنىڭ پىسخىكىلىق تەسىرلىنىش جەريانى ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمىسىمۇ ،دۆت دەۋەرسە بالىسىنىڭ دۆتلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلار كۆپ.                                                                     
   ئەمىلىيەتتە بۇ بىر ھەقىقەت،بالاڭنى دۆت دەۋەرسەڭ دۆتلىشىپ قالىدۇ،چۈنكى بالىلارنىڭ چوڭ مىڭىسى تولۇق تەرەققىي قىلىپ بولالمىغانلىغى،
تەجىربە- ساۋاقلىرى كۆپ بولمىغانلىغى ئۈچۈن ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالىلار كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز ئەتراپىدىكىلەردىن ،بولۇپمۇ ئاتا- ئانىسىن ئۆگۈنىدىغان ، نۇرغۇن تەسىرلەرنى شۇلاردىن قوبۇل قىلىدىغان بولۇپ، دۆتلۈكنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىگىنى چۈشىنىدىغان بالىلار ئاتا-ئانىسى ياكى ئۆزىگە يېقىن ئادەملەر تەرىپىدىن دۆت دەپ ئاتىلىۋەرسە،كۆڭلىدە مەن راستىنلا دۆت ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قالىدۇ ۋە يۇشۇرۇن ئېڭى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ،ھەممە ئىشلاردا دۆتلۈك قىلىدىغان بىر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.              
     ئادەتتە بالىلار فىزولوگىلىيىلىك ۋە پىسخىكىلىق جەھەتتە تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىق ھەم تەجىربىلىرىنىڭ ئازلىقى سەۋەبىدىن بەزى خاتالىقلارنى
  سادىر قىلىدۇ،ئەلۋەتتە بۇ خاتالىقلار چوڭلارنىڭ نەزىرىدىكى خاتالىق بولۇپ ئاشۇ سەبىيلەر ئۇنداق ئىشلارنى خاتالىق دەپ قارىمايدۇ.بالىلار ئەركىن ھالەتتە يېتەكلنىپ تەربىيىلىنىشكە مۇھتاج،شۇنىڭ بىرگە تېخىمۇ بەك ئىلھاملاندۇرۇشقا ،ئېچىلىشقا مۇھتاج.شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلارغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ تالانتىنى ئۇرغۇتىشى كېرەك.ئەڭ موھىمى ئاتا-ئانىلار باللىرىغا «سەن دۆت»، «يارىماس» دېگەندەك بالىلارنىڭ يېتىلىۋاتقان روھىغا زەربە بېرىپ ،كۆپ دېيىلىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئۇلارغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسىتىدىغان ،ھەتتا پۈتكۈل ئۆمرىنى نابۇت قىلىدىغان بۇنداق پاسىپ ۋە سەلبىي سۆزلەردىن ساقلىنىش كېرەك.ئەگەر بىر بالا شۇنداق سەلبىي سۆزلەر بىلەن ئەيىپلىنىۋەرسە ،«مەن راستىنلا دۆت ئوخشايمەن»دېگەن قاراش بالىلارنىڭ ئىدىيىسىگە سىڭىپ كېتىدۇ –دە،دۆتلۈك بىلەن بىشارەتلەنگەن يۇشۇرۇن ئاڭ بۇ بالا چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇنى داۋاملىق ھەممە ئىشلاردا دۆتلۈك قىلىدىغان يولدا يېتەكلەپ ئېلىپ ماڭىدۇ.ئۇنىڭ ئەكسىچە بالىلارنى ئىزچىل ماختاش ھەم ئىلھاملاندۇرۇش ئۇلارنى ئەقىل بىلەن ئىش قىلىپ ئىجادىي تەپەككۇر بىلەن يېڭىلىق يارىتىدىغان تالانت ئىگىسىگە ئايلاندۇرىدۇ.بالىلار بەزى ئىشلارنى خاتا قىلىپ قويغاندا «بۇ ئىشنى مۇنداق ياكى ئۇنداق قىلغان بولساڭ ياخشى بولغان بولاتتى،سەن دېگەن ئەقىللىق،كېلەر قېتىم بۇ ئىشنى ئىنتايىن ياخشى قىلالايسەن» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىلھاملاندۇرۇش ۋە مۇۋاپىق شەكىلدە يېتەكلەش كېرەك. ئەلۋەتتە ،بالىلارنى ھەددىدىن زىيادە ۋە مۇۋاپىق بولمىغان شەكىللەر بىلەن ماختاش ئۇلارغا ئوخشاشلا زىيان يەتكۈزۈپ ناچار ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.         
     بالىلارنى تەربىيىلەپ يېتەكلەش ئەمىلىيەتتە بالىلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنى –يەنى يۇشۇرۇن ئېڭىنى پىروگىراممىلاش بولۇپ ،بالىلار يېتەكلەنگەن ھەر
  بىر يول ،ھەر بىر قەدەم بىر خىل ھەركەت تەرتىپ سېستىمىسى سۈپىتىدە بالىلارنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنىڭ ھەركەت يۆنىلىشىنى ،مىجەز-خۇلقى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. بالىلىق دەۋىردە چوڭ مېڭە تولۇق يېتىلىپ بولالمىغانلىغى ئۈچۈن بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى چوڭلارغا قارىغاندا چەكلىك بولىدۇ،لېكىن بالىلار ئاق قەغەزگە ئوخشىغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قوبۇل قىلىدىغان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ،ئادەم ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويۇشتىن بۇرۇن مىجەز- خۇلقى،ئادەت ،قاراشلىرى-ئىچكى ئالىمىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسى جەھەتتىن پۈتۈپ مۇقىم بىر شەكىلگە كىرىپ بولغان بولىدۇ.ئۇندىن كېيىنكى –يەنى ئادەم ياشلىق دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن باشلاپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرسىغىچە قوبۇل قىلىدىغان نەرسىلەر كىشىلىك خارەكتىرىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، پەقەت كىيم- كېچەكتەك زىننەت رولىنىلا ئوينايدۇ.ئادەم ھەرخىل كىيىملەرنى كىيىپ ئۆزگەرگەندەك قىلغىنى بىلەن كىيىملەر يېپىپ تۇرغان بەدەن ئۆزگەرمىگەندەكلا بىر ئىش.شۇڭا دەل بالىلىق دەۋىردىكى تەربىيە خۇددى كومپىيوتىر پىروگىراممىلىرىدەك بالىلارنىڭ يۇشۇرن ئېڭىغا كىرىپ ئۇلارنىڭ ھاياتلىق يولىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.   
    ئادەملەرنىڭ پىسخىك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بالىلىق دەۋىردە يۇشۇرن ئاڭغا كىرگۈزۈلگەن ئۇچۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ،پىسخىك
  دوختۇرلار ياكى گىپنۇز ئۇستىلىرىنىڭ پىسخىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئەسلىمىسىنى بالىلىق دەۋىرگە قايتۇرۇپ ،بالىلىق خاتىرسىدا قالغان ئازاب ،ئۈمىدسىزلىك،زەربە دېگەندەك جاراھەت ئىزلىرىنى يۇيىۋىتىش ئارقىلىق پىسخىك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى ئەڭ ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيدۇ.ئادەم ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا نېمىلەرنىڭ ساقلانغانلىغىنى ئەسلا بىلمەيدۇ،ئەمما ئادەم بەش سەزگۈسى ئارقىلىق ئۇچراشقانلىكى جىمى نەرسە ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا ساقلىنىدۇ  .بىر گىپنۇز ئۇستىسى مۇنداق بىر «غەمكىنلىك كېسىلى»گە گىرىپتار بولغۇچى داۋالىغان.                                                         
      ئوتتۇز ياشلارغا كىرگەن بىر ئايال بولۇپ،ئۇنىڭ بىر بالىسى ۋە كۆيۈمچان ئېرى بار ئىكەن .بىراق بىر كۈنلەر كېلىپ بۇ ئايال توساتتىن ھېچكىم بىلەن
  ئارلىشىشنى خالىمايدىغان ،ئېرى ۋە بالىسىدىنمۇ قاچىدىغان،كىچىككىنە ئىشلاردىمۇ يىغلاپ قاخشايدىغان ،كۆپ ۋاقىت ئۆيگە يالغۇز سولىنىۋىلىپ مۇڭغا چۆكۈپ يىغلاپ ئولتۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ.ئېرى پىسخىك كېسەللىكلەردىن ئاز-تولا خەۋرى بار ئادەم بولغانلىقتىن ئايالىنى پىسخىك دوختۇرنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىپتۇ. ئەلۋەتتە ،ئۇ ئايال ئەسلا ئۆزىدە پىسخىك كېسەللىك بار دەپ قارىمايدىكەن. پىسخىك دوختۇرنىڭ سوئاللىرىغىمۇ شۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ،ئايالنىڭ ئېرىمۇ ئۆزلىرى توي قىلغاندىن بېرى ئايالىغا روھى زەربە بولىدىغان بىرەر ئىش بولمىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ ۋە ئۇ ئايالمۇ بۇنى ئېتراپ قىلىپتۇ.پىسخىك دوختۇر ئۇ ئايلنىڭ دېگەن سۆزلىرى ۋە ئېرىنىڭ بايانىغا ئاساسەن ئۇ ئايالنى «غەمكىنلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان »دەپ قاراپ ،بالىلىق دەۋرىدە سادىر بولغان مەلۇم بىر كۆڭۈلسىزلىك كىچىك قىزنىڭ قەلبىدە ئازابلىق ياكى قورقۇنچلىق بىر تۈگۈنگە ئايلىنىپ ،ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا تاكى ھازىرغىچە ساقلىنىش جەريانىدا خۇددى قار پومزىكىدەك ئۈزلۈكسىز چوڭىيىپ ،بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ بىر كېسەلىككە ئايلانغانلىغىنى جەزىملەشتۈرۈپ،بۇ ئايالنى گىپنۇزلاپ داۋالاشنى ئېيتقان. ئۇلار قوشۇلغاندىن كېيىن پىسخىك دوختۇر ئايالنى گىپنۇزلاپ ،ئۇنڭ خاتىرسىنى بالىلىق دەۋرىگە قايتۇرغان. ئۇ ئايال گىپنۇز ھالىتىدە بالىلىق دەۋرىگە قايتىپ ئۆزىنىڭ ئالتە ياشلىق ۋاقتىدىكى ئاچىسى بىلەن تۇرغان ھالىتىنى كۆرگەن.پىسخىك دوختۇر ئاچىسىنىڭ ئۆزىگە نېمە دېگەنلىگىنى سورىغاندا،ئاچىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بىر خاتالىغى سەۋەبىدىن « سەن مېنىڭ سىڭلىم ئەمەس،ئاپاممۇ ساڭا ئۆچ.بۈگۈندىن باشلاپ بىز ساڭا ھەرگىزمۇ قارىمايمىز»دېگەنلىگىنى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئۆزىنىڭ بەكلا قورقۇپ كەتكەنلىگىنى ئېيتىپ ،ئۇ ئايال گىپنۇز ھالىتىدە ھەسرەتلىك يىغلاپ كەتكەن. پىسخىك دوختۇر بۇ ئايالنىڭ «غەمكىنلىك كېسىلى»نىڭ مەنبەسىنىڭ دەل ئاچىسى ئېيتقان ئاشۇ سۆزلەر ئىكەنلىگىگە جەزىم قىلىپ ،ئۇ ئايالنى گىپنۇز ھالىتىدە باشقا بىر ئۆيگە يېتەكلەپ ئەكىرىپ ،ئۇ ئالتە ياشلىق قىزنى ئاچىسى ۋە ئاپىسى بىلەن خۇشال كۆرۈشتۈرۈپ ،ئۇلارنىڭ« بىز سېنى بەك ياخشى كۆرۈمىز،سەندىن مەڭگۈ ئايرىلمايمىز» دېگەن سۆزنى ئاڭلاتقۇزغان.ئۇ ئايال ئالتە ياش ۋاقتىدا ئاڭلىغان ئاچىسىنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ساددىلىق سەۋەبىدىن ئاچام ئاچچىقتا دېگەن سۆزلەر دەپ چۈشەنمەستىن،ئۇلار راستىنلا مېنى تاشلىۋىتىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ۋە بۇ سەۋەپتىن بەك قورقۇپ ھەم ئازابلىنىپ ئۈمىدسىزلىكتە قالغان.ئەلۋەتتە ئۇ ئالتە ياشلىق قىزنىڭ ئاچىسدىن ئاڭلىغان سۆزلىرى يۈز بەرمىگەن ،بىر ئائىلە كىشىلىك ھاياتىنى ئىناق داۋاملاشتۇرۇپ ھازىرغا كەلگەن بولسىمۇ ،لېكىن ئۇنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىغا تەسىر كۆرسەتكەن «ئۆيدىكىلەردىن ئايرىلىپ قېلىش قورقۇنچى» ئۇنىڭ خەۋرىسىز ھالدا ئىزچىل يۇشۇرۇن ئېڭىدا ساقلنىپ ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن خۇددى دەرەختەك ئاستا- ئاستا چوڭىيىپ،بۈگۈنگە كېلىپ بىر پىسخىك كېسەلگە ئايلانغان.ئۇ ئايال گىپنۇزلىنىپ يېتەكلەنگەندىن كېيىن «غەمكىنلىك كېسىلى»دىن پۈتۈنلەي ساقايغان.                                            
     يۇقۇردىكى مىسالدىن شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، بالىلىق دەۋىردە قوبۇل قىلغان نەرسىلەر مەيلى ئىجابىي بولسۇن ياكى سەلبىي بولسۇن ئادەمنىڭ
ھاياتىغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.شۇڭا بالىلارنى توختىماستىن ئىلھاملاندۇرۇش،مۇۋاپىق شەكىلدە ماختاش ئىجابىي ۋە ئاكتىپ پۇزىتسىيەدە يېتەكلەش پۈتكۈل ھاياتىغا ئەڭ ياخشى ،ئەڭ مۇستەھكەم ئۇل سېلىشتۇر.ئېسىڭىزدە بولسۇن بالىلارغا ئىشلىتىدىغان «سۆز-ئىبارىلەر لۇغىتى»ڭىزدىن بارلىق سەلبىي ،پاسىپ ئىبارىلەرنى ئۆچۈرىۋىتىڭ.                                            
     بالىلارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن موھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان بولۇپ،بولۇپمۇ ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بوۋاقلار ئۈچۈن
ئانىنىڭ ساغلاملىقى بولۇپمۇ روھىي ساغلاملىقى بەكمۇ موھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.بوۋاقلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئانىنىڭ بەدىنىدىن كېلىدىغان بولۇپ ،ئانىنىڭ بەدىنىدە بار ئوزۇقلۇق تەركىپلەرلا ئەمەس،كېسەللىك ۋىروسلىرىمۇ سۈت بىلەن بوۋاقلارنىڭ بەدىنىگە يېتىپ بارىدۇ،شۇڭا بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ساغلاملىقى ۋو ئوزۇقلۇقىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنىڭ ئوخشاشلا بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك بولىدىغانلىغىدىن ئىبارەت بۇ خىل ساۋات خىلى ئومۇملاشقان ساۋات بولدى. بىراق ئانىلارنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئانىلارنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىدەك بوۋاقلارنىڭ جىسمانى ھەم پىسخىك ساغلاملىقىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلىدىغانلار كۆپ بولمىسا كېرەك.                          
     ئادەمنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭى ياكى قەلب ئىندۇكسىيىسى ئۆزىدىكى پاسىپ ياكى ئاكتىپ  تەسىرلىنىشلەر سەۋەبىدىن ئۆز ئەتراپىغا مەلۇم بىر خىل
كۈچ تەسىرىنى ياكى ماگنىت مەيدان تەسىرنى چىقىرىدىغان بولۇپ ،بۇ خىل تەسىر كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىغى بويىچە ئەتراپىدىكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئادەتتە چوڭ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق تەسىرلەر ئالاھىدە مەشىقلەنمىگەن ئادەملەر بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر-بىرىگە ئۇنداق كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ.بىراق جىسمانى ۋە پىسخىك جەھەتتە ئىنتايىن ئاجىز ئانىسىنى ئېمىۋاتقان بوۋاقلار ئۈچۈن ئانىنىڭ ئۇنداق ئاكتىپ ياكى پاسىپ ئىندۇكسىيىسىنىڭ تەسىرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ.ھەتتا ئانىنىڭ كۈچلۈك پاسىپ كەيپىياتىنىڭ تەسىرىدە قويۇپ بېرىلگەن سەلبىي قەلب ئىندۇكىسىيىسى بالىلارنى كېسەل قىلىپ قويۇش دەرىجىسىگە بېرىدىپ يېتىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى ۋەقەنى كۆرۈپ چىقىڭ:                                          
     بىر ئايالنىڭ بوۋىقىى قىزىپ قېلىپ ئوكۇل سالدۇرۇپ ،دورا يىگۈزۈپ قىلمىغان ئامالى قالمىغان ،بىراق بالىسىنىڭ قىزىتمىسى زادى يانمىغان.بۇنىڭدىن
  قانداق قىلىشنى بىلمەي قالغان ئانا،يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ كۈچى ۋە ئۇنىڭ سىرلىق كېسەل داۋالاش رولى ھەققىدە لىكسىيە سۆزلەپ يۈرگەن يۇسۇپ مورفىي ئەپەندىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلگەن.مورفىي ئەپەندى بالىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلى ئۇققاندىن كېيىن ئانىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداقلىغىنى سورىغان. ئۇ ئانا شۇ ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى-يەنى ئېرىنىڭ تالاغا قاراپ قالغانلىغىدىن گۇمانلانغان ئايال ئېرى بىلەن ئاجرىشىپ كېتىش ياكى داۋاملىق مۇشۇ ھالدا ياشاۋېرىشتىن ئىبارەت ئىككى قېيىن تاللاشقا دۇچ كېلىپ ،قانداق قىلىشنى بلەلمەي ئازابلنىپ،ئۈمىدسىزلىنىپ ئىچى تىتىلداپ كەيپىياتى بەكلا ناچار ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىغىدىن ئىبارەت  پىسخىك بىنورماللىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.مورفىي ئەپەندى ئۇ ئايالنى پىسخىك تەرەپتىن ئاكتىپ ھالەتكە يېتەكلەپ،كەيپىياتىنى خاتىرجەم ،سەۋىرچان ،كەڭ قورساق ۋە مېھرى –شەپقەتلىك تەرەپكە ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن،ئۇ ئايالنىڭ قىزىتمىسى ھېچبىر ئامال بىلەن يانمايۋاتقان بوۋىقىنىڭ قىزىتمىسى ئۆزلىگىدىن يوقاپ كەتكەن.                              
    يۇقارقىدەك مىساللار كۆپ بولۇپ،ھەر بىر كىشى بولۇپمۇ بوۋىقىنى قۇچىقىدا كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئانىلار بوۋاقلىرىنى ئۆزىنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدىن كېلىدىغان
پاسىپ ئېنىرگىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچۇرتىپ سېلىشىدىن قەتئىي ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-19 21:59:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنسانلاردا راستىنلا ‹‹يوشۈرۈن ئاڭ ››بارمىدۇ ...
ۋاقتى: 2016-3-19 23:37:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قېتىم تولۇق ئوقۇپ ، ئوقۇغاندىمۇ ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ ، تۇرمۇشىمىزدا ھەر زامان يۈز بېرىش مومكىنچىلىكى بار بولغان «خاتا»لىقلىرىمىزنى توسۇش ئۈچۈن قالقان قىلغۇدەك تېما ئىكەن . بۇ تېمىنى ئوقۇۋېتىپ ، تېخى نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدىلا ئۇكىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان چوڭ ئوغلۇمنى ئەيىبلەپ قىلغان گەپلىرىم ئېسىمگە كېلىپ يۈزۈم قىزىرىپ كەتتى .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-20 15:06:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپتان يوللىغان ۋاقتى  2016-3-19 09:59 PM
ئىنسانلاردا راستىنلا ‹‹يوشۈرۈن ئاڭ ››بارمىدۇ ...

    ئادەمنىڭ چۈش كۆرۈش ئىقتىدارى بىلەن ئەستە تۇتىش ئىقتىدارىنى كۈزەتسىڭىزلا يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ مەۋجۇتلىغىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز.چۈش كۆرۈش يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ پائالىيىتى، قارىماققا چۈشنى سىز كۆرگەندەك قىلغان بىلەن ئەمىلىيەتتە چۈش يۇشۇرۇن ئاڭ توقۇپ چىققان ھېكايە.سىز چۈشىڭىزنىڭ تەپسىلاتىنى ،قانداق چۈش كۆرۈشنى ۋە قاچان چۈش كۆرۈشنى دېگەندەك ھېچقانداق ئەھۋالنى ئىدارە قىلالمايسىز.بىر قارىسىڭىز چۈشىڭىز سىزنىڭ ئويىڭىز ياكى كەچۈرمىشىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەك،چۈنكى نۇرغۇن سىزگە تونۇش نەرسىلەر بار؛يەنە بىر قارىسىڭىز سىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك،چۈنكى نۇرغۇن نەرسىلەر سىزگە پۈتۈنلەي ناتونۇش.يۇشۇرۇن ئاڭ ئاڭنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يۇشۇرۇنغان ئاڭدىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىدىغان ھەم يەنە ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل كۈچكە ئىگە بىر خىل قابىلىيەت.ئادەم يۇشۇرۇن ئېڭىدا ساقلانغان ئۇچۇرلار ئاساسىدا ھايات كەچۈرۈپ ياشىيالايدۇ،ئادەمنىڭ ھەممە پائالىيىتى،ھەتتا ئورگانىزىملىرىنىڭ فونكىتسىيىسىگىچە يۇشۇۇرن ئاڭنىڭ كونتىروللىغىدا ئۆز خىزمىتىنى جارى قىلدۇرىدۇ.سىز بەزى ۋاقىتلاردا يول مېڭىۋىتىپ ،يول مېڭىشنى ئاڭلىق ئىدارە قىلمىسىڭىزمۇ يولىڭىز يۆنىلىشلىك ھالدا داۋاملىشىۋىرىدۇ،پۇتلىرىڭىز ھەركىتىنى توختاتماي كېتىۋېرىدۇ.بۇ چاغدا پۇتىڭىزنىڭ ھەركىتىنى ئىدارە قىلىۋاتقىنى زادى قايسى كۈچ بولۇشى مۇمكىن؟يەنە سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىسمىنىمۇ ئەسلەپ ئېسىڭىزگە ئېلىشتىن ئىبارەت يۇشۇرۇن ئاڭدا ساقلانغان ئىسمىڭىزنى ئېڭىڭىزغا كەلتۈرۈش ھەركىتىنى ئادا قىلمىسىڭىز،ئىسمىڭىزنىڭمۇ تىلىڭىزنىڭ ئۇچىدا ياكى ئېڭىڭىزنىڭ سىز كۆرەلەيدىغان يەردە ئىشلىتىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرمايدىغانلىغىنى بىلىپ يېتەلەيسىز.
   سىز ئۆزىڭىزنى كۆزەتسىڭىز سىزدە سىز بىۋاستە كونتىرول قىلمايۋاتقان بىر كۈچ-يۇشۇرۇن ئاڭ بارلىغىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز.

باھا سۆز

تۇتىش-تۇتۇش، يۇشۇرۇن-يوشۇرۇن، مەۋجۇتلىغىنى-مەۋجۇتلۇقىنى...  ۋاقتى: 2016-3-20 03:21 PM
ۋاقتى: 2016-3-21 10:53:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنىلا گۈمانلىنىمەن ،مەسىلەن دىننى كىتاپلاردا بايان قىلىنىشچە ۋەھى ئاۋال چۇش ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن .ۋەھى يالغان بولمايدۇ ....دېمەك ھەممە چۇش يالغان ئەمەس ....بىزنىڭ يېزىۋاتقان شېئىرلىرىمز ۋە باشقا ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنىڭ كۆپ قىسىمى توقۇلما ۋەقەدىن تەشكىل تاپقان .شۇڭا چۈشنى ياكى خاتىرىنى يالغان ياكى يوشۈرۈن ئاڭنىڭ ئالامىتى دەپ قارىىساق .ئۇ ھالدا بارلىق سەنئەتكارلار ئەسەر يازغاندا تەپەككۈرىنى ئەمەس بەلكى يوشۇرۇن ئېڭىنى ئىشقا سېلىپ ئەسەر يازغان بولۇپ قالىدۇ .... فىرويىتىنىڭ  قاراشلىرىنى  ئىسپاتلاپ  بېرىش مۇشكۈل ئىش ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش