كۆيگەن تىنىق
ئەنۋەرجان ساۋۇت
ئىنىق ئېسىمدە
ئاشۇ چاغ
كۆز ياشلىرىڭغا بېرەلمەي بەرداش،
تاراملاپ تۆكۈلگەن باغرىمغا قۇياش.
تىلىمنىڭ ئۇچىدا چاينالغان سۆزنى ،
باغرىمنى چوغلىغان سېھىرلىك كۆزنى،
ئەل قىلىشقا كۆزۈم يەتمىگەچ،
مەنىسىنى يوقاتقان ياشاش.
شۇندىمۇ
ئۈمۈدنىڭ پېشىغا ئېسىلىپ مەھكەم،
دىگۈم كىلەتتى سېنى
يىگانەمسەن، مېنىڭ مەلىكەم.
ئوت ئىچىدە تولغۇنۇپ،
پىراقىڭدىن يۇلقۇنۇپ،
كۆيۈك دىلنى پارە-پار ئەيلەپ،
پىنھان كۆڭلۈمنى ئاشكارە قىلىپ،
تۇتقۇن يۈرەكنى ئىشقىڭدا تىلىپ،
باھارنىڭ لىۋىگە يازغانتىم گۈلۈم
ساڭا بېشلانغان تۇنجى شېئىرنى.
ئەمما
جۈرئىتىم يوق ئىدى
كۆزلىرىڭگە قاراپ تۇرۇپ ئوقۇپ بەرگۈدەك،
كۆڭۈل گۈلزارلىقىڭدىن گۈللەر تەرگۈدەك.
ئەمما، ئوقۇمايمۇ قانداق چىدىسۇن
ئاشىقلىقتا ياناتتى يۈرەك.
بارلىق جاسارېتىمنى يىغىپ تىلفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم
كۇنۇپكا ئۈستىدىكى بارماقلىرىم توختاۋسىز تىترەيىتتى،
بارلىق ئەزالىرىم بەزگەك كېسىلى بار بىماردەك تىنىمسىز جۇغۇلدايىتتى،
ئالقانچىلىك چوڭلۇقتىكى
مېھرىمدىن سۇغىرىلغان ئەشئار تىزمىلىرىنى ئالدىم،
يەنە شۇ بىر خىل ساراسىمە ئىچىدە
قولۇم تىترەيىتتى،
ئاۋازىم تىترەيىتتى ،
تىنىقلىرىم لاۋۇلداپ كۆيەتتى.
كۆكسۈمنى توشقۇزۇپ ئۇلۇغ كىچىك نەپەس ئالدىم
دىماقلىرىمدا پۇچۇلىنىپ چىقىۋاتقان تاۋۇشلار تىروپكا ئارقىلىق ئېقىشقا باشلىدى
«كۆرۈپ قالدىم كۆزلىرىڭدە ياش…»
…………………………………
بوغۇلىۋاتقان ئاۋازىمغا ئەگىشىپ سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ بوغۇلىۋاتاتتى
ئاھ پەرىشتەم!
سەن ئاتا-ئانىسىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان يىتىم بالىدەك بۇقۇلداپ يىغلاۋاتاتتىڭ،
شۇتاپتا يۈرىكىم لەختە-لەختە بولدى ،
شۇتاپتا يۈرىكىم ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز بىر خۇشاللىققا تولدى،
تۇيغۇلىرىم ئەنسىز تىپىرلايىتتى،
تىنىقلىرىم چوغدەك لاۋۇلدايىتتى.
ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپ بىزنىڭ روھىمىز قوشۇلدى،
بۇ بۈيۈك بىر باشلىنىش ئىدى،
بۇ ئۇلۇغ بىر يارىلىش ئىدى.
…………………………
2016-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى، جۈمە.
|