]
شامال بالا
ئۆيدىن شامالدەك چىقىپ كېتىسەن،
ئۆيگە شامالدەك ئۇچۇپ كىرىسەن.
ئۆيىمىزنىڭ يۇلتۇزى بولۇپ،
كۆكىمىزدە چاقناپ كۈلىسەن.
دالا سېنىڭ، دەريالار سېنىڭ،
ھەممە نەرسىدە بەخت جىلۋىسى.
يوللىرىڭغا سالار پايانداز،
داداڭنىڭ ئېسى، ئاناڭنىڭ ئېسى.
جاھاندا بىرلا خۈش پۇراق گۈلسەن،
يېنىش-يېنىشلاپ قانماي پۇرايمىز.
مېھىر قاينىغان كۆزلىرىمىزدە،
ئاتەش چاقنىتىپ تويماي قارايمىز.
سېنى سۆيگەندە سەگىيدۇ يۈرەك،
قىشتا بېرىسەن ھارارەت چوغدەك.
زېممىمىزدە بار بۇرچ تۇيغۇمىز،
ئوينا، بىز كەڭلىك، سەن شوخ شامالدەك.
1999-يىلى 4-ئىيۇل، ئۈرۈمچى
ئاپتورنىڭ <ئاۋازلىق ئوقيا> ناملىق توپلىمىدىن