كۆرۈش: 99|ئىنكاس: 0

زوردۇن ئىمىر: باھار بەرگەن ئىلھاملار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
باھار بەرگەن ئىلھاملار

زوردۇن ئىمىر

مەن ئۈچۈن شۇنچىلىك گۈزەلدۇر باھار،
باھار دەپ قەلبىمدە گۈلخانلار يانار.
ئىچسەم گەر باھارنىڭ قەترە سۈيىدىن،
شەربىتى-بەھرىگە يۈرەكىم قانار.

باھارنىڭ ئۆزگىچە خىسلىتى باردۇر،
ھۆسنىدە ئۆزگە رەڭ-زىننىتى باردۇر.
ھەللىسەڭ تەر بىلەن باغرىنى كۈزدە،
بىرەرگە شەربەتلىك نېئمىتى باردۇر،

باھاردا پۈركىنەر كائىنات گۈلگە،
ئەگىزدىن تۇلىدۇ شەربەتلەر كۆلگە.
ئېلىپ زوق ھېكمىتى-بەھرىدىن ئىلھام،
قاتىدۇ شائىرلار تەبرىكلەپ كۈيگە.

باھاردا باغلاردا سايرار بۇلبۇللار،
ئېتىزدا كىشنىشىپ چاپار دۇلدۇللار.
قۇتلۇقلاپ نەۋ باھار ھېكمەتلىرىنى،
جۈش ئۇرۇپ تاڭلاردا ياڭرار مەرغۇللار.

باھار دەپ تېۋىنار قەلبىم باغلىرى،
باھاردۇر پەسلىمنىڭ گۈلدەك چاغلىرى.
باھار دەپ بىر ئۆمۈر نۇرلىنىپ كۈلۈپ،
ئاتىدۇ باھار دەپ بەختىم تاڭلىرى.

ئۆمرۈمنىڭ باھاردەك چاغلىرى كەتتى،
بوستاندەك رەيھانە باغلىرى كەتتى.
ۋەلىكىن كۆز سالسام مېۋىلىرىمگە،
كۆڭلۈمدىن پۇشايمان داغلىرى كەتتى.

باھارغا باغلانغان كۆڭلۈمنىڭ رېشتى،
باھاردىن كىلىدۇ نىممىتىم رىزقى.
باھار دەپ باشلىسام ئىلھام كۈيۈمنى،
يانىدۇ لاۋۇلداپ قەلبىمدە ئىشقى.

كەل دوستلار باھارغا بۇلايلى ئۆلپەت،
خىسلەتلىك جامىدا ئىچەيلى شەربەت.
بۇلايلى جۈر ھەمدە قەدەملىرىگە،
بىز ئۈچۈن بۇ بىلسەك قىممەتلىك پۇرسەت.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش