يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 3743|ئىنكاس: 0

مۇقەددەس يەھيا: تاش ئۈستىدە ئۇخلاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
‏          تاش ئۈستىدە ئۇخلاش
‏مۇقەددەس يەھيا‏
‏1
‏  مۇڭلىنىپ قالغان كۆلنىڭ زىنىقىدا شەبنەم بولۇپ،ئالتۇن تاۋاق قۇياشنى بارماقلىرىم ئارىسىغا قىسىۋالدىم.كۆزلىرىم ھەم نۇر بارماقلىرى ئارىسىغا قىسىلدى.كۆزلىرىڭگە چۆكمەك بولغان غاپىل ھېسلىرىم بىر سىقىم لاينى سىقىمدىۋالغان بارمىقىم ئارىسىدىن سىرغىپ قاچتى،ئۇ نەگە بارىدىغاندۇ؟سارغىيىپ كەتكەن تۈننىڭ باغرىغا پالانسا مەيلىكى،ھەرگىزمۇ سېنىڭ كۆلدەك تىنىق كۆڭلۈڭگە سىڭىپ كەتمىسۇن.
‏دولقۇن ئۇرۇۋاتقان دەريالار مېنى قورقۇتالمايدۇ،
‏پۇرقىراپ ئېقىۋاتقان قايناقسۇ مېنى قورقۇتالمايدۇ،
‏ئەپسۇس،ئۆلگىدەك قورقىمەن شۇ جىمجىتلىقىڭدىن.
‏2
  كۆزلىرىمنى يۇمدۇم.قۇلىقىمغا قىيانلارنىڭ شېرىن ھۇۋلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.باھار شامىلىدەك پاكىز ئاھاڭدا خەندان ئۇرۇۋاتقان دولقۇنلار قىياغا يامىشىپ قانىغان قوللىرىمنى ئەمەس پايانىڭ ئارا ئازادىلىك ئىستەۋاتقان چۈشتىن كېيىنىمنى قاناتتى.چەكسىزلىككە باي قايناق سۇغا قولۇمنى تىقتىم.قىرتاق بىر ئېقىم بارماقلىرىم ئۇچىدىن تاراپ ئۈگە-ئۈگىلىرىمنى تىترەتتى.ئەجەبلىنىپ سورىدىم:
-بۇ نېمە؟
-بۇ  ئازاب-دېدىڭ سەن.
-ئازاب دېگەن نېمە؟
ئاۋازىڭ قۇرىدىمۇ قانداق،سۈكۈتكە پاتتۇق،
-ئۇ مەن-دەپ ۋارقىرۋەتتى بىر يۈرەك.
‏3
‏  ئېگىز پاشىنىلىق ئاياغ بىلەن قىياغا ياماشقىنىمنى،مەڭگۈلۈككە سوزۇلغان ئاپئاق قارغا جەسەتتەك تاشلانغىنىمنى،بېشىڭغا بىرنى ئۇرىۋېلىپ قاقاقلاپ كۈلگىنىمنى ساڭىلا قاشاسىز قەلبىم بىلەن ئوراپ،ئېتىراپ قىلغۇمىز كەلمەيدىغان بۇ گۈزەل كۆلگە كۆمۈپ قوياي،جاھاننىڭ يالغانلىرىنى مەندىن مېھىر تالاشقان قۇياشنىڭ بوينىغا ئېسىپ قوياي.قۇياشنىڭ جاۋغىيىدىن شەپەق سىرغىغاندا،ماڭا ئاتالمىغان بۇ گۈزەل تاش ھەم تىنىق كۆلنى ئۆزۈمنىڭ قىلىۋىلاي ۋە بۇ زورلىقىم ئۈچۈن سەۋدالارچە كۈلەي.
‏ئاستا تاش ئۈستىدە ئۇخلاپ قالاي،
‏تاش ئۈستىدە جىمجىت ئۇخلاپ،ھاۋارەڭ پەردىدە تۆكۈلىدىغان يامغۇرنى كۈتەي.
‏تاش ئۈستىدە ئۇخلاپ، تاشقا سىڭىپ كېتەي.
‏كېيىنكى قېتىم كەلگىنىڭدە،بىر توپ شۇمبۇيا كۆكلەپ چىقىپ ساڭا پايانداز بولسۇن.
‏2016-يىلى6-مارت
‏              
سەنسىزلىك
‏      
‏  ھېلقى قېتىمقى تاسادىپىي ئۇچرىشىشتىن كېيىن مەن يۈرۈكۈمنى بوغۇزلىغان كۈندەش-رەشىكلىرىمنى يۈدۈپ،ھاياجان ئىزلىگۈچى سەيياھلاردەك كۆزلىرىڭنىڭ پەسىل قۇشلىرى قونار جايلىرىنى كېزىپ ئۆتتۈم.كۈندۈز بىلەن كېچىنىڭ نۇقسانسىز يېرىقىدا،شەپەقتىن قىزغىن بىر لەۋ چىڭقىلىپ-چىڭقىلىپ سۆزلىمەكتە،مەن پەقەت پۈتمەس ھەسرىتىمنىڭ قاراڭغۇلىقىدا ئېزىپ،تىمتاسلىققا چۆككەن سوغۇق جىسمىڭدا ئېچىلىمەن.
‏2
‏  بىر قىزنىڭ يىرىك قولى ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرىڭنى سىيلاپ ئۆتتى،سەن ئۇنىڭ ساقاللىرىڭنى ئەمەس چاك-چاك يېرىلغان كالپۇكلىرىڭنى يوقلاپ ئۆتۈشىنى ئارزۇ قىلدىڭ.ئەپسۇس،ئۇ ئۇنداق قىلمىدى،كۈمۈش ئۇۋاقلىرىغا كۆمۈلگەن ئازگالنى كۆرسىتىپ (بۇ يەردە ئۇرۇش بولغان)دېدى،سەن داڭقېتىپ قالدىڭ،ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ جايدىن ئىس پۇرقىرىتىپ تۇرغان زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ،قان قېتىپ كەتكەن قىلىچ-شەمشەرنىڭ ئىزناسىنى بايقىيالمىدىڭ.ئەمما،قوپال مەھبۇبىڭنىڭ كۆزىدىن جەسۇر قومانداننىڭ تۇپراققا كۆمۈلگەن ساۋۇتىنى بىچارىلەرچە كۆردۈڭ،ئۇ مەغرۇرانە ھالدا ساڭا(بۇ يەردە ئۇرۇش بولىۋاتىدۇ)دېدى.
‏3
‏  ساڭا بولغان تەلپۈنۈشۈم سېنى مەندىن يىراقلاشتۇردى.ھالاكىتىمگە قەدەم ئالغىنىڭدا،باشلىنىش بەخىش ئېتەلمىگىنىمدىن ئۆكۈنىمەن.ئاپئاق قارنىڭ ئۈستىدە لاۋۇلداپ كۆيىۋاتقان ئىشقىڭ مېنى تۈگەشتۈرىدۇ مەن ھەم مەيدەڭدە پارە-پارە ئۇۋۇلىنىمەن.ئەسىردىن-ئەسىر داۋاملاشقان سەۋدالىقىڭ پۇچۇق ئايدەك سارغايغان ئاسمىنىمدا كۆتۈرۈلىدۇ،مەن بۇ تەلۋىلەرنىڭ ئازغۇن باھارىدا تارىخقا ئايلانغان چۈشكۈنلىكىڭنى سۆيۈپ قالىمەن.
‏دېگىنە،ئەي  مەجنۇن،
‏يامغۇردىن بالدۇرقى گۈلدۈرمامىدەك گۈلدۈرلەپ تۇرۇپ(سەن مېنىڭ!)دىيالامسەن؟
ئەركىنلىكىمدىن قۇتۇلماقچى بولغان ھايۋان تېرىسىنى ئېتىپ،قانسىزلانغان لەۋلىرىڭنى يىمىرىپ تۇرۇپ ساقىلىڭنى سىيلىغان شۇ ئەدەپسىز قىزغا (ياق،لېۋىمنى سىيلا!)دەپ خىتاب قىلالامسەن؟
‏4
‏ۋاقىتنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ئادەملەر قايتا-قايتىلاپ مۇھەببەتنىڭ سەپىرىگە ئاتلىنىدۇ،شۇنچىلىك تەبىئىي،شۇنچىلىك ئاددىي.
‏مارت ئېيىنىڭ سوغۇق سايىلىرى بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشقىنىدا قاراڭغۇلۇق شۇ ھامان رومكىلارغا يوشۇرىنىدۇ،شۇنچىلىك قىززىق،شۇنچىلىك ئىختىيار.
‏  سۆيۈمنىڭ بىپايان دالىسى ئېچىۋېتىلدى،يېزىقسىز تەرجىمھالىم،ئابرۇيسىز شۆھرەتلىرىم ناھايىتىمۇ تۇترۇقسىز بىر تال خاتىرىگە سىزىلغان،
‏كېچىدەك قاپقارا بىر قاغا ئۇچۇپ كەلدى،بىلىمەن،
‏پۇتلىرىغا چوقۇم  جاۋاب خېتىڭ باغلانغان،
‏ئەپسۇس،مەن مەڭگۈ خەۋەرسىز،
‏ئاھ، سەنسىزلىكىم
‏2016-يىلى11-مارت
‏        بەخىت خارابەمدىكى سەرسان روھ
‏  
‏كۈندۈزگە ئاتىغان ئۈمىدۋارلىقىمنى ھەم كېچىگە ئاتىغان جىمجىتلىقىمنى قىزغىن لەۋلىرىڭدىن ئوغۇرلاپ قاچالمىدىم،
‏سەھەرنىڭ قورقۇنچلۇق يالغۇزلىقىدا قۇترىغان كۆيۈكلىرىمنى ھەممىگە بىلدۈرۈپ ساڭا ئېيتالمىدىم،
‏چۈشسىز ئۇيقۇمدەك قاپقارا تۈننىڭ ئوتلۇق تىنىقى گۈپۈلدەپ ئۇرۇلماقتا،
‏مەشۇقىنى مەھكۇملۇققا چىللىغان ئاشىقنىڭ پۇچۇق يۈرىكى شىددەتلىك سوقماقتا،
‏ئۇلۇغۋار پاجىئەنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئازغۇن بولغان بىر ئەرۋاھ،شىرىلداپ ئېقىۋاتقان ئازابىڭ قىرغىقىدا تۇرۇپ قان ئارىلاش كۆز ياشلىرىڭنى تاماشا قىلماقتا.
‏مۇزدەك لېۋىڭدە پورەكلەپ ئېچىلغىنىم ئېسىڭدە بارمۇ؟قەدىرلىكىم
‏ئۇ كۈنى ئاسمان زەڭگەر رەڭدە ئەمەس مۇھەببەت تۈسىدە ئىدى
‏ئۇ كۈنى قۇياش ئالتۇن سىياقىدا ئەمەس لالە رەڭ ئاتەش ئىدى
‏ئۇ كۈنى سەن سەن ئەمەس،مەن ھەم مەن ئەمەس ئىدۇق.
‏ئۇ كۈن تارىختىن بالدۇر ھەم ئۆتمۈشتىن كېيىنكى پەۋقۇلئادە بىر كۈن ئىدى.
‏مېنى يوقلاپ كەلگەن سايەڭ ۋە ھىدىڭنى ئىزدەۋاتقان شاماللىرىم دەل شۇ كۈنى دوقۇرۇشۇپ قالدى.
‏رېئاللىقنىڭ سوغۇق قاناتلىرىدىن پەرلىنىپ چىققان بىچارە ئىككى روھ ئاخىرى بىردەملىك تىمتاسلىققا ئېرىشتى.
‏خازانلىرىغا تەلپۈنۋاتقان يىلتىزى تۇتاش قاقشال دەرەخلەر شۇ تارىخ كۆزنىكىدىكى ئەرزىمەس بىر كۈندە كەچ كۈز شادلىقىغا چۆمدى.
‏تاشقىنداپ قايناۋاتقان ھىجران قىيانى بىلەن بىزنى يېرىم ئەسىرلىك مەجرۇھ قىلغان قارا ئۆتمۈشكە،ئۈمىد جەسەتلىرىگە تولغان بەخىت خارابىمىز ھەدىيە بولسۇن
‏كەچمىش بىزدىن قىزغانسۇن،
‏ئەتە  بىزدىن ئەندىكسۇن،
‏پەقەت بۈگۈن،
‏يالغۇز بۈگۈنلا بىزگە قاراپ يېقىملىق كۈلسۇن ھەتتا تېلىقىپ كۈلسۇن،
‏بۈگۈننىڭ بىزگە ئاتالمىغان مەۋجۇتلىقىدا ،ئۆز يارالمىشىمىزدىن زوقلىنىپ ئوتلۇق سۆيگۈ تەپتىدە ئۆچەيلى كۆيۈپ.
‏ئىسقا ئايلانغان ئازغۇن روھىمىز چۈشكۈنلۈك گىرۋىكىدە ئولتۇرغان لېۋىڭغا قۇيۇلۇپ،غېرىب تىلەكلىرىمىزنىڭ قارىچۇقلىرىدا كۆيەيلى ئۆچۈپ.
‏2016-يىلى16-مارت

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش