سالام ئەرچىن ئەپەندى، ھەر گىز ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن، مەن موشۇ تېمىنى كۆرگەندە ۋە ئىنكاس يېزىش خىيالىمغا كېلىۋاتقان مەزگىللەردىلا، بىر چاغلاردا مۇنبىرىمىزدە قايناپ كەتكەن "سالغا تېشى" نىڭ ئىنگىلىزچە تەرجىمىسى ھەققىدىكى تالاش تارتىشلارنى قايتا ئەسلەپ سۈكۈتكە پاتقان ئىدىم. گەپ قىلماي دېسەم بىرنەرسىنى بىلىپ، توغرا خاتاغا ئوخشاشلا سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرۇش زىيالىينىڭ ئىشى بولماس دەپ قالدىم. ئېغىز ئاچتىم.
ئەمىلىيەتتە، سېلىگە ئارتۇق گەپمۇ قىلمىدىم، ئىنگىلىزتىلىدىن خەۋەرلىرى يوقلىغىنىمۇ ئويلىدىم(بۇ مۇ شارائىتلىرى سەۋەبىدىن بولغان، بولمىسا چەتئەل تىلىدا خېلى ئادەملەرنى بېسىپ چۈشىدىغانلىقلىرىغا ئىشىنىمەن). سىلىگە دېگەن گېپىم پەقەت "سالماق بولسىلا" دېگەن گەپ. چۈنكى سىلى بىزگە ئۇستاز دەرىجىلىك ئادەم، قوللىرىدا بىر ژۇرنال ، بىر ئىلىم بۇلىقى ھاياتقا ئىرىشىپ تۇرىۋاتىدۇ. ئەمدى تەرجىمىگە كەلسەك، مەن دىلمۇراتنى بىلىمەن، تەرجىمىگە بولغان ئېشتىياقىدىنمۇ سۆيىنىمەن. ئۇنىڭ تەرجىمىسى شۇنداقلا سىلىنىڭ تەرجىمە ھەققىدىكى گەپلىرى مېنى بىئارام قىلغىنى يوق، ھەم بىئارام بولمايمەن. ئەكسىچە خۇشال بولىمەن. پەقەت ۋاقىتلىرى چىققاندا ئىنگىلىزچە بىلىدىغان بالىلار بىلەن بۇ شېئىر ھەققىدە سۆھبەتلىشىپ باقسىلا ئەسلى تېكىستتىكى "سېزىق"نى نېمىشقا كۆرەلمىگەنلىكلىرىنى ۋە مېنىڭ نېمىلەرنى دېگەن، يەنە نېمە گەپلەرنى دېمىگەنلىكىمنىمۇ چۈشىنىپ قالىدىلا. قالغان گەپلەرنى مەن سۆھبەت ئېگىلىرىگە ئۆز نۆۋىتىدە بايان قىلىپ ئۆتەي. شېئىر ئۈچۈن قىلىنغان مۇنازىرىلەردە كۆڭۈل ئاغرىمىسۇن. ئامان بولسىلا...