ئەي مىنى ئوتلىرىدا كۆيدۈرگوچى
ئەنۋەر مەڭلىك
كىچىنىڭ قاراڭغۇسى ھىچ گەپ ئەمەس،
دولقۇنلۇق چاچلىرىڭنىڭ ھۇۋلىشىدا،
ئېزىققان تۈنلىرىمنىڭ كەچمىشى بار،
چېھرىمنى سىپاپ ئۆتكەن تىنىقىڭدا.
كىلىشىڭ كىتىشىڭدىن شۇنچە بالدۇر،
يۇلىڭدا دىۋانىدۇر ئاشىق دىلىم.
ئوۋچىدەك ئىزلەپ مېڭىپ ئىزلىرىڭنى،
يەم بۇلار كىملەرگىدۇر ئاھ،كىملىكىم.
جىسمىمنى يۇلەپ تۇرغان دوقمۇشلارغا
دەردىمنى تۇكۈپ يۈردۈم تالاي-تالاي.
كىرەلمەي بوسۇغاڭدىن چاپچىپ تۇرۇپ
كۆك تۇپا بولدى ماڭا ئىللىق ساراي.
ئەي مىنى ئاشىق قىلغان يارتقۇچى،
روھىمغا مەدەت بەرگىن بىر سىلكىنەي.
ئەي مىنى ئوتلىرىدا كۆيدۈرگۈچى،
مېھرىڭنى چاچقىن ماڭا ئېرىپ كىتەي.