سېغىنىشىم چاك-چاك بولدى يېرىلىپ
تۆتتاش
ئارامىمنى بۇزۇپ قويدى كېچىدە،
ۋىچىرلىشىپ خىيالىمنىڭ قۇشلىرى.
ئۆتمۈشىنى سىزىپ چىقار چىرايلىق،
يىغلامسىراپ قالغان كېچە چۈشلىرى.
ھىدلىرىڭنى ئېلىپ قاچار شاماللار،
سۆيمەستىنلا مېھر بىلەن باغاشلاپ.
قارچۇقۇمدا ئەتلەس كۆينەك ناز قىلىپ،
يۈرۈكۈمدىن گۈل تەرمەكتە ئاۋايلاپ.
گەز باغلىدى يۈرۈكۈمنىڭ قات-قېتى،
سېغىنىشىم چاك-چاك بولدى يېرىلىپ.
غېرىپلىقىم مەرغۇلىنى ئېيتماقتا،
سېغىنىشنىڭ كارۋىنىغا قېتىلىپ.
توقسۇ
2016-يىلى 16-مارت
|