باھارغا ئاتاپ
ھوشۇر تۇرسۇن
باھار ئۈچۈن سۇنغان گۈلۈمنىڭ ،
قات -قېتىغا ئىسمىم يېزىلغان .
كۆكسۈڭگە باس ،قانىسۇن يۈرەك،
تىكىنىدە ئۆزۈم ئېچىلغان .
باھار ئۈچۈن چالغان كۆيۈمنىڭ ،
ساداسىدىن چاقماق چېقىلغان .
مەڭگۈ تاشتا ئوقۇلمىغان سۆز،
يەر شارىغا نۇر بوپ چېچىلغان .
باھار ئۈچۈن يازغانلىرىمنىڭ ،
بۇ يىلمۇ ھەم بىر مىسراسى كەم .
كېلەر يىلى پۇتۇدۇ بەلكى
رەڭ ئىچكەندە تومۇردىن قەلەم .
|