گۇلنىسا ئىمىن گۈلخاننىڭ تەرجىمھالى
گۇلنىسا ئىمىن گۈلخان 1976 -يىلى خوتەن ۋېلايىتىنىڭ چىرا ناھىيىسدە توغۇلغان1997.- يىلى خوتەن رادىئو- تېلىۋىزىيە ئۇنۋىرسىتىتىنىڭ كاتىباتلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر چىرا ناھىيلىك 2-ئوتۇرا مەكتەپتە ئىشلەۋاتىدۇ
گۈلنىسا ئىمىن گۈلخاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى 1992-يىلدىن باشلانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ «تەڭرىتاغ»، «تارىم»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، «يىڭى قاشتېشى»، « ئىلى دەرياسى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى »، «تۇرپان» قاتارلىق ئاپتۇنۇم رايۇن تەۋەسىدىكى ھەرقايسى گىزىت- ژورناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئىلان قىلىنغان.
2014-يىلى 10 ئايدا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن «مەشۇقسىز مەكتۈپ» ناملىق بىرلەشمە توپلامى (يەتتە كىشىلىك) نەشر قىلىنغان. 2015- يىلى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتى بىلەن ئىزگۈ تور چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇسابىقىسدە «دادامنىڭ بۇغدايلىقى ۋە ئاكامنىڭ قاشتېشى» ناملىق شېئىرى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن.
ئۇ ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى.