ئەخلاقنىڭ كۈچى
(مەسەل)
ھويلىسىدا دېھقان ئاكامنىڭ،
ياشايدىكەن توخۇ ۋە ئاسلان.
گەپ تالىشىپ قاپتۇ بىر كۈنى،
ئىكەن بىرسى بىرسىدىن يامان!
مۇنازىرە تېمىسى: تۆھپە-
باركەن يەنە ئەخلاق ھەققىدە.
دەپتۇ توخۇ:« ئىگەمگە تۇخۇم-
قىپ تۇرىمەن كۈندە ھەدىيە»
دەپتۇ يەنە:« ئەي ھورۇن ئاسلان،
تۆھپەڭ بارمۇ سېنىڭ مەنچىلىك.
خورەك تارتىپ ئۇخلايسەن كۈندە،
قەدرىڭ يوقتۇر شۇڭا قىلچىلىك.
باقار ئىگەم مېنى ئەزىزلەپ،
يىمەكلىكىم قالمايدۇ ئۆكسۈپ»
شۇ تەرىزدە داڭلاپ ئۆزىنى،
ئاسلانچاقنى كېتىپتۇ سۆكۈپ.
ئاڭلاپتۇدەك بۇگەپنى ئاسلان،
تەپەككۇر قىپ تازا زەن سېلىپ.
توخۇ گەپتىن توختىغان ھامان،
سۆز باشلاپتۇ قىسقا يۆتىلىپ:
«توخۇ ھەدە دېگەنلىرىڭ ھەق،
كۆز يۇممايمەن تۆھپەڭگە ئەسلا.
تۆھپەڭ ئەمەس،ھەتتا جىسمىڭمۇ،
ئىگىمىزگە يىيىشلىك غىزا.
ئويلىمىدىڭ بىر ئىشنى پەقەت،
ئۆزۈڭ شۇنچە تۆھپىكار تۇرۇپ.
كىرەلمەيسەن بوسۇغا ئاتلاپ،
خوجايىنىڭ قوغلايدۇ ئۇرۇپ!
خۇلقۇڭ ئوسال،كۆرگەن نەرسىنى
تاتىلايسەن-قىلىسەن بېزەپ.
ئەشۇ خۇيۇڭ تۆھپەڭنى تۈگەل،
يوق قىلىدۇ پالاسقا يۆگەپ!
ئىگىمىزگە مېنىڭ بەرگىنىم،
سېنىڭ تۆھپەڭ ئالدىدا زەررە.
ئەمما،ياشاپ ئۆتىمەن شاھتەك،
كېچە-كۈندۈز يېنىدا بىللە!
ئاڭلا، تۆھپەڭ بولسىمۇ تاغدەك،
ياخشى خۇلق بولمىسا سەندە.
ئېتىبارىڭ بولۇپ بىر تىيىن،
مەۋجۇتلۇقۇڭ بولار دەپسەندە!»
* * *
توختىۋالاي بولدى قىپ ئەمدى،
ھېس قىلدىڭىز دوستۇم نېمىنى؟
تەپەككۇرغا قالدۇردۇم يوچۇق،
تولۇقلاپ سىز، ياشاڭ كېمىنى!