كۆرۈش: 192|ئىنكاس: 9

ھەزىرەتئەلى ئوسمان: يۈرىكىم ئۇنتۇيلى ئۇنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

   يۈرىكىم ئۇنتۇيلى ئۇنى



ھەزىرەتئەلى ئوسمان تېۋىپ


قايغۇرما،بىھۇدە چەكمىگىن ھەسىرەت،
بولدى بەس يۈرىكىم ئۇنتۇيلى ئۇنى،
ئۆرتۈنۈپ يۈرمىگىن ئەمدى بەرىبىر،
ئاڭلانماس ۋىسالنڭ يامغۇرلۇق ئۈنى.
بولدى بەس يۈرىكىم ئۇنتۇيلى ئۇنى.  



2016- يىل  15- مارت ئۈرۈمچى


   يۈردۈم

     (ناخشا تېكىستى)

كۆرگەنلەر بولسا بىر خەۋەر بەرسۇن،
ئىزدەپ يارىمنى تاپالماي يۈردۈم.
گويا غېرىب مەن سەنەم ۋەسلىدە،
مىسكىن كۆڭلۈمنى ئاچالماي  يۈردۈم.

كىرسەمچۇ كاشكى يارنىڭ  چۈشىگە،
كەلسەمچۇ ياكى ئەقلى -ئېسىگە،
جاننى بېرىمەن سۆيۈنچىسىگە،
يارسىز تۈنلەردە ياتالماي يۈردۈم.
بىر تەڭرىم بىلۇر كىمنڭ يارى  يوق،
كىمنڭ زارى بار، كىمنڭ زارى يوق.
ياردا ئىختىيار مەندە چارە يوق،
يارسز بىر چىراغ ياقالماي يۈردۈم.

باھا سۆز

يۈرىكىم، ئۇنتۇيلى ئۇنى  ۋاقتى: 2016-3-20 06:59 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 23:22:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرچىنكامنىڭ پىكىر بەرگىنىدىن سۆيۈندۈم ...بەدىئيلىكنى يۇقىرى ئۈستۈنگە قۇيۇۋېلىش بەزىدە سەنئەتكە مۇخالىپ ،ئۇ شېئىر بولماي قالىدۇ ،سۆز ئويۇنى  بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن، ئىملا ،تىنىش بەلگىلەرگە دىققەت قىلسام بۇلىدۇ..رەھمەت

باھا سۆز

يەنە شېئىرىي رېتىممۇ بولىدۇ.  ۋاقتى: 2016-3-19 12:23 AM
قاپىيەسىز شېئىرلاردىمۇ بەدىئىيلىك بولىدۇ.  ۋاقتى: 2016-3-18 11:49 PM
بەدىئىيلىكنى قاپىيە، سۆز ئويۇنى دەپ چۈشىنىۋاپسىز.  ۋاقتى: 2016-3-18 11:48 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-18 23:58:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە.تېۋىپ يوللىغان ۋاقتى  2016-3-18 11:22 PM
ئەرچىنكامنىڭ پىكىر بەرگىنىدىن سۆيۈندۈم ...بەدىئيلىكنى  ...

مەن بەزىدە قەستەن شۇنداق قىلدىم .
ئىملا ،تىنىش بەلگىللىرىدە مەن كەتكۈزۈپ قويدۇم بۇنى ئىتىراپ قىلىمەن.تۈزتىشكە تىرشىمەن
بۇنىڭدىمۇ شۇنداق ،چۈنىكى  مۇشۇ شېئىر ئۆزۈمگە ئەڭ ناچار بىلىنىدىغان شېئىرلار ئىدى،بۇ تەستىقتىن ئۆتتى..بۇنداق دېگىنىم ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى يۇقىرى ئۈستۈنگە قويغانلىق ئەمەس.
سەنئەتكە بولۇپمۇ شېئىرغا بولغان مھىر - مۇھەبىتىم ،مەسئۇلىيتىم ھاياتىمدىن ئۈستىن تۇرىدۇ
شۇڭا نېمىنىڭ شېئىر ،نېمىنڭ سەنئەت ئىكەنلىكىنى بۇ يەردە دەپ ئولتۇرشۇمنىڭ قىلچە  ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.بۇنىسى سزدەك ئۇقۇمۇشلۇق زاتقاھەمدە ھەممەيلەنگە ئايدىڭ
...نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى ،تامام.
كېينچە پۇرسەت چىقىپ قالسا پاراڭلىشارمىز  ئاكا

باھا سۆز

بولىدۇ، ئىنىم. ئىملانى چوقۇم ئۆگىنىڭ!  ۋاقتى: 2016-3-19 12:22 AM
ۋاقتى: 2016-3-19 00:22:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2016-3-19 00:23:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش