كۆرۈش: 222|ئىنكاس: 3

خۇدابەردى ئابىخان: ئىككى خىل چىنلىق چۇشەنجىسى توغرىسدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
        خۇدابەردى ئابىخان        

                                ئىككى خىل چىنلىق چۇشەنجىسى توغرىسدا

            ” چىنلىق “ تىل ئىستىمالىمىزدا” راسلىق” “ھەقىقىلىق“دىگەن مەنىلەرنى بىلدۇرۇپ كەلگەن سۆز بولۇپ،ئىلىم- پەن ساھاسىگە كىرگەندىن كىيىن «ھەقىقەت»،«گۇزەللىك» دىگەن ئۇقۇملار بىلەن مەنىدارلىق تالشىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نەزىريىۋى تەپەككۇرغا ھول سالغۇچى ئۇقۇملاردىن بىرى بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەتنىڭ بەدىئى تەپەككۇرنىڭ قانداقلىقىنى باھالاشنىڭمۇ موھىم ئۆلچەملىردىن بىرى بولۇپ كەلدى.بەدىئى تەپەككۇرنى ئۆزگە بىردىن- بىر قانات قىلغان،بەدىئى تەپەككۇرنىڭ ھاسىلاتى ئەدىبىياتنىڭ بۇ ئۇقۇمغا بولغان تاينىشچانلىقى تىخمۇ كۇچلۇك،تىخمۇ زور بولدى.مەيلى قايسى دەۋىر ئەدىبىياتى،ياكى قايسى خىل ئەدىبى ئېقىم، قايسى خىل ئەدىبى ئۇسلۇپ بولمىسۇن بۇ ئۇقۇمغا مۇراجەت قىلدى ۋە بۇ ئۇقۇمدىن ياكى ئۇنداق،ياكى مۇنداق شەكىلدە پايدىلاندى،بۇ ئۇقۇمدىن ئۆزنى قاچۇرمىدى. بۇلۇپمۇ رېئالىستىك ئەدىبىياتنىڭ بۇ ئۇقۇمغا نىسبىتەن تاينىشچانلىقى،تىخمۇ كۇچلۇك، تىخىمۇ كۆرنەرلىك بولدى.رېئالىستىك ئەدىبىيات بۇ ئۇقۇمدىن پايدىلىنىپ ئۆزنى تەبىرلەپلا قالماي يەنە،«چىنلىق ئەدىبىياتنىڭ جېنى»دىگەن ھۆكۇمنى ئوتتۇرغا قويۇپ،بۇ ئۇقۇمنىڭ ئەدىبىياتتىكى يىتەكچى ئورنىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقرى كۆتۇردى.گەرچە بۇ ھۆكۇم باشقا ئەدىبى ئېقىملار تەرپىدىن كەسكىن رەت قىلىنمىغان بولسىمۇ،لىكىن ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى چىنلىق چۇشەنجىستە ئاسمان-زىمىن پەرىق ساقلىنىپ،تالاش- تارتىش ئۇزۇلمىدى. ھەرقايسىسى ئۆز چۇشەنجىستىكى چىنلىقنى تەكىتلەپ ئەدىبىياتنىڭ ئەكىس ئەتتۇرۇش ئوبىكتى قىلىپ كىتىۋەردى.بۇ خىل چۇشەنجە ئەدىبىياتتا نىمىنى چىنلىق دەپ قاراش،ئەدەبىياتتا قايسى خىل چىنلىقنى ئاساسى  ئىپادىلەش ئوبىكتى قىلىش مەسىلىسنى كەلتۇرۇپ چىقارغان بولغاچقا ئەدەبى ئىجادىيەتتىكى يىتەكچى ئىددىيەگە بىرىپ تاقالدى. يىتەكچى ئىددىيە توغرا بولمايدىكەن ئەدەبى ئەسەرنىڭ بۇ «جان» غا ئىگە بولمىقى بەسى مۇشكۇل.شۇڭا بىز تۆۋەندە تالاش –تارتىش ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىكرەك بولغان رېئالىستىك چىنلىق چۇشەنجىسى بىلەن مۇدىرنىستىك چىنلىق چۇشەنجىسى ئۇستىدە قىسقىچە توختۇلۇپ ئۆتىمىز.
                1.رېئالىزىملىق چىنلىق چۇشەنجىسى.
              ئىنسانىيەت ئەدىبىيات تارىخىغا قارايدىغان بولساق رېئالىستىك خائىش ئەدىبىياتتا ئەزەلدىن بار بولسىمۇ، لىكىن ئۇ 19- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياۋرۇپادا غايىنى ئىپادىلەش بىلەن رىياللىقنى ئىپادىلەش ئوتتۇرسىدىكى تالاش تارتىش ئاساسىدا رۇمانتىزىمغا قارشى ئەدبى ئېقىم سۇپتىدە مەيدانغا كىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرغا كەڭ تارقالغان ئاساسلىق ئەدىبى ئېقىمغا ئايلانغان. ئۇلار تۇرمۇشنى ئەسلى قىياپىتى بويچە قايتا ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغاچقا تۇرمۇش چىنلىقى ئەدىبى ئەسەرلەرنى باھالاشنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلانغان.بۇ ھەقتە داڭلىق رۇس تەنقىتچىسى بىلنىسكى «رىېئال شېرلارنىڭ ئالاھىدلىكى؛چىنلىق ۋە ئەڭ يۇكسەك چىنلىق»  دەپ، رېئالىزىمنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلكىنى يىغىنچاقلاش بىلەن بىرگە،رېئالىستىك ئەدىبىياتنىڭ چىنلىق تەلۋىنى قويدى.ئۇ،يەنە «ئۇلارنىڭ پىرسۇناژلىرى ھەقىقى ئادەملەر،ئەمىليەتتە بار بولغان، بولۇشقا تىگىشلىك ئادەملەر؛ئۇنىڭدا تۇرمۇش ئويدۇرۇپ چىقىلمايدۇ،ئەينەن كۇپىيگە ئېلىنىدۇ ۋە قايتا كۆرسۇتۇلدۇ،كۆپۇنكى ئەينەككە ئوخشاش،بىر خىل كۆز قاراش بىلەن تۇرمۇشتىكى مۇرەككەپ،رەڭگا-رەڭ ھادىسلەر ئەكىس ئەتتۇرلىدۇ،بۇ ھادىسلەردىن ئاشۇ مۇكەممەل، جانلىق،بىرلىككە كەلگەن سۇرەتنى بارلىققا كەلتۇرۇشتە لازىم بولدىغان خىلمۇ-خىل نەرسىلەر ئېلىندۇ» (1) دىيىش ئارقىلىق ئۆزنىڭ چىنلىق قارشىنى ئوتتۇرغا قويدۇ.كۆرنۇپ تۇرۇپتىكى بۇيەردە چۇشەندۇرۋاتقان بىلنىسكىنىڭ نەزىردىكى چىنلىق ئوبىكتىپ چىنلىق (تۇرمۇش چىنلىقى) ئىدى.چىخۇپمۇ« رېئالىزىملىق ئەدىبىيات،تۇرمۇشنى ئەسلى قىياپىتى بويچە تەسۋىرلىشى،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى شەرتسىز،بىۋاستە چىنلىقتىن ئىبارەت بولۇشى كىرەك»  دىگەن ئىدى.بۇ خىل قاراش ئەۋىج ئېلىپ گوركى دەۋرىگە كەلگەندە تىخمۇ مۇكەممەللەشتى، ئوموملاشتى.بولۇپمۇ ئۆكتەبىر ئىنقىلاۋىدىن كىيىن ئەدىبىياتنى ئىنقىلاۋىلاشتۇرۇپ «سۇتسىيالىستىك ئەدىبىيات» مەيدانغا كەلدى. سوتسىيالىستىك ئىنقىلاپ ماركىسىزىم –لېنىنىزىم ئىددىسىنى يىتەكچى ئىديە قىلغاچقا  سوتسىيالىستىك ئەدىبىياتمۇ ماركىسىزىم- لىنىنىزىم نەزىريىسى بىلەن قۇراللىنىپ،ئىنقىلاپقا ماسلاشتى.رىيالىزىمنىڭ تۇرمۇشنى ئەسلى قىياپىتى بويچە ئەكىس ئەتتۇرۇش خاھىشى ماركىسىزىمنىڭ ئىنكاس نەزىريىسىگە ئۇيغۇن كەلگەچكە بۇ ئېقىم ئىنقىلاۋى ئەدىبىياتنىڭ سەركىسىگە ئايلاندى، ھەمدە «سوتسىيالىستىك رىېئالىزىم» تاجىنى كىيىپ«ئەدىبىيات ئىجتىمائى تۇرمۇشنىڭ كىشلەر مىڭىستىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى» دىگەندەك نەزىريىۋى ھۆكۇملەر بىلەن تۇينۇپ،مۇكەممەل بولغان ئىنقىلاۋى نەزىريە سىسىتىمىسنى بارلىققا كەلتۇردى. ئەدىبىيات ئىنكاس بولغانكەن ئىنكاسنىڭ توغرا خاتالىقىغا ھۆكۇم قىلىشتا، ئىنكاسنى ئىنكاس قىلىنغۇچى بولغان رېئال تۇرمۇشقا سىلىشتۇرۇش،ئەسلىگە بولغان ئۇيغۇنلۇق دەرجىسنى تەكشۇرۇش ئھتىياجىدىن «چىنلىق» ئەدىبىياتتا قانۇنىيەت بولۇپ شەكىللەندى.بۇ قانۇنىيەتنىڭ ئەدەبىياتنىڭ« ئوبرازلاشتۇرۇش قانۇنىيتى، تىپىكلەشتۇرۇش قانۇنىيتى» غا ئوخشاش باشقا بەدىئى قانۇنىيەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش ئۇچۇن  بەدىئى چىنلىق ئۇقۇمى مەيدانغا كىلىپ،تۇرمۇش چىنلىقى بىلەن ئەدىبى ئەسەر چىنلىقى كەسكىن پەرىقلەندۇرۇلۇپلام قالماي،  رېئالىزىمنىڭ، رېئالىزىمنى چاكىنلاشتۇرۇشقا ئېلىپ ماڭغان ناتۇرالىزىمىنى ئىنكار قىلشىنىڭ نەزىريىۋى ئاساسى بولۇپ قالدى.
               تۇرمۇش چىنلىقى دىگىنىمىز –ئەدىبى ئىجادىيەتكە مەنبە بولغان، ماتىريال         بولغان ئوبىكتىپ  تۇرمۇش رېئاللىقى بولغان بولسا،بەدىئى چىنلىق دىگىنىمىز-ئوبىكتىپ تۇرمۇشنىڭ يازغۇچى مىڭىستىكى سوبىكتىپ ئىنكاسىنڭ مەھسۇلى.يەنى يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىدىن پەيدا بولغان ئىدىۋى تەسىراتى ئاساسىدا،شۇ تۇرمۇشتىن ئالغان تۇرمۇش ماتىرياللىرنى تاللاش،شاللاش، پىشىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق،تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بولمىغان، لىكىن تۇرمۇشنىڭ ئۆزگە ئوخشايدىغان، ئەمما شۇ خىل تۇرمۇش مەنتىقىسكە ئۇيغۇن ھالدا،تۇرمۇشنىڭ ماھيەتلىك تەرەپلىرنى تىخمۇ ئەتراپلىق، تىخمۇ چۇڭقۇر، ،تىخمۇ يارقىن نامايەن قىلىپ بىرەلەيدىغان يىپ- يېڭى بىر تۇقۇلما چىنلىق.
     ئەينى چاغدا جۇڭگۇ رېئالىزىملىق ئەدىبىياتنىڭ پىشىۋالىردىن ھىساپلانغان داڭلىق ئەدىپ لۇشۇنمۇ بەدىئى چىنلىق ئۇستىدە ئالاھىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىگەن:
«بەدىئى چىنلىق تارىختىكى چىنلىق ئەمەس،..چۇنكى تارىختىكى چىنلىقتا شۇ ۋەقەنىڭ بولغان بولشى شەرت،ئىجادىيەتتە بولسا ئومۇملاشتۇرۇش، تەسۋىرلەش مومكىن. ۋەقە چىندەك بولسىلا بولدى،شۇ ۋەقەنىڭ ئۆزنىڭ بولشى شەرت ئەمەس. »(2)
ماۋزىدۇڭمۇ «يەنئەن ئەدىبىيات –سەنئەت سۆھبەت يېغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇق»دا،بەدىئى چىنلىق ئۇستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىگەن:
« ئەدىبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئەتتۇرۇلگەن تۇرمۇش ئادەتتىكى ئەملى تۇرمۇشقا قارغاندا تىخمۇ يۇكسەك،تىخمۇ يارقىن،تىخمۇ يېغىنچاق، تىخمۇ تىپىك،تىخمۇ غايىۋى بولىدۇ ۋە شۇنداق بولشى كىرەك،شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇ تىخمۇ ئومۇمى خاراكتىر ئالغان بولدۇ»
مانا بۇ بايانلاردىن بىز تۇرمۇش چىنلىقىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى،بەدىئى چىنلىقنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى،بەدىئى چىنلىق تۇرمۇش چىنلىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش چىنلىقى ئۇتتۇرۇسقا ھەرگىز تەڭلىك بەلگىسى قويغىلى بولمايدىغانلىقىنى چۇڭقۇر ھىس قىلمىز.
خوش، ئەمدى گېپىمىزگە كەلسەك،بەدىئى چىنلىق مەيلى قانداق ئۇسۇلدا يارتىلغان بولمىسۇن،ئۇ تۇرمۇش چىنلىقنى ئۆزگە مەنبە قىلغان، تۇرمۇش چىنلىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ،تۇرمۇش چىنلىقىنى ئىپادىلگەن بولغاچقا رېئالىزىملىق چىنلىق چۇشەنجىسى تۇرمۇش چىنلىقىدىن كەلگەن ئوبىكتىپ چىنلىق بولۇپ، ئۇنى تاشقى دۇنياغا تەۋە دىيىشكە تامامەن بولدۇ.
2.مۇدىرنىستىك چىنلىق چۇشەنجىسى.
مۇدىرنىزىملىق ئەدىبىيات ئېقىملىرنىڭ نەزىريىۋى بايانلىرىغا قۇلاق سالدىغان بولساق،ئۇلارنىڭمۇ چىنلىقنى ئەدىبىياتنىڭ موھىم بىر ئالاھىدىلكى دەپ قارايدىغان لىقىنى،رېئالىستىك ئەدىبىياتقا ئوخشاشلا چىنلىققا ئىنتىلدىغانلىقىنى،چىنلىقنى ئىپادىلەشنى ئوخشاشلا ئىجادىيەتنىڭ مەۋقەسى،«ئەدىبىياتنىڭ جېنى» دەپ قارايدىغانلىقىنى ھىس قىلىمىز.ئەمما ئۇلارنىڭ نەزىىردىكى ئۇلار ئېغىزغا ئالغان چىنلىق زادى نەدە،ئۇ قايسى خىل چىنلىق؟ بۇ مەسىلە بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەسكىن سۇئال سۇپىتىدە تاشلىندۇ-دە،تەپەككۇرمىز جىددى مۇنازىرگە،قىيىن بىر تاللاشقا دۇچ كىلدۇ.
سىمۇۋۇلىزىمنىڭ بارلىققا كىلشنى مۇدىرنىزىملىقلىق ئەدىبىياتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى دىيىشكە بولدۇ.سىمۇۋۇلىزىم بارلىققا كىلىپلا رىېئالىزىملىق قائىدىلەرنى بۇزۇپ تاشلاپ،تاشقى ماددى دۇنيادىن قول ئۇزۇپ،ئىچكى روھى دۇنياغا يۇزلىنىش چاقىرقىنى ئوتتۇرغا قويغان.مۇرېئاس ئۆز خىتاپنامىسىدە؛«شائىرلار ئىچكى دۇنيادىكى ‹ئەڭ يۇكسەك چىنلىق›نى تىرشىپ بايقىشى ۋە ئۇنىڭغا كونكىرىت شەكىل بىرشى كىرەك» دەپ كۆرسەتكەن.
ئۆزنىڭ نادىر ررۇمانلىرى ۋە يېڭچە نەزىريىۋى قاراشلىرى بىلەن ھازىرقى زامان پىرۇزىچىلقىغا ۋە شۇنداقلا «ئاڭ ئېقىنى»پىرۇزىچىلقىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسەتكەن ئامىرىكىلىق داڭلىق يازغۇچى ۋە نەزىريىچى ھىنرى جامىس،« چىنلىق نەزىريەسىنى» ئوتتۇرغا قويغان.ئۇ« ‹پىرۇزا سەنئىتى›  ناملىق ئەسىرىدە، چىنلىق تۇيغۇسى پىرۇزا ئەسەرلىرىدىكى ئەڭ موھىم ئارتۇقچىلىق»،«ئەگەر بۇ ئارتۇقچىلىق مەۋجۇت  بولمايدىكەن باشقا ئارتۇقچىلىقلار نۆلگە تەڭ بولىدۇ» دەپ قارغان.ئاڭ ئېقىنى پىرزچىلقىنىڭ مەشھۇر ۋەكىللىرى ۋە نەزىريىچىللىرىدىن مارسىل پىرۇسىت،ۋىرگىنيە ۋۇلۇپ قاتارلىقلارمۇ چىنلىق نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويغان ۋە چىنلىق ئۇستىدە ئالاھىدە توختالغان. ئۇنىڭدىن باشقا مەيلى ھالقىما رېئالىزىم ئېقىمى بولسۇن،مەيلى مەۋجۇدىيەتچىلىك ئېقىمى بولسۇن،ۋە ياكى يېڭى پىرۇزىچىلىق ئېقىملىرى بولمىسۇن ئوخشاشلا چىنلىققا ئىنتىلگەن، چىنلىقنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغان.ئەمما ئۇلارنىڭ چىنلىق چۇشەنجىسى بىلەن بىزنىڭ رېئالىزىملىق چىنلىق چۇشەنجىمىز ئوتتۇرسىدا ئاسمان-زىمىن پەرىق بولۇپ،بۇنى ھەرگىزمۇ ئورتاق چۇشەنجە ، ياكى ئەدىبىياتتىكى ئومۇمى ئالاھىدىلىك سۇپتىدە زىددىيەتسىز ،تەنقىتسىز دىگىلى بولمايتى. چۇنكى ئۇقۇم ئوخشاش بولغىنى بىلەن،ئۇقۇم ئىپادىلىگەن ئوبىكىت،ئۇقۇمغا بولغان چۇشەنجە ئوخشاش ئەمەس.مەسىلەن؛جامىس چىنلىق ئۇستىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىگەن :
«‹چىنلىقنىڭ دەرجىسنى بەلگىلەىش ناھايىتى تەس›،‹ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئيتى چەكسىز،چىنلىقمۇ سانسىز شەكىلگە ئىگە› ئۇنداقتا پىرۇزا زادى قايسى خىل چىنلىقنى تەسۋىرلىشى ھەمدە قانداق تەسۋىرلىشى كىرەك؟ دىگەن مەسىلىگە جاۋاپ بىرىشتىن بۇرۇن ئۇ ئەنئەنىۋى پىرۇزىنىڭ ئەسەردىكى ئەھۋال قۇرۇلمىسنى ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە چىنلىق تۇيغۇسنى يوقاتقانلىقىنى ئەيىپلەپ مۇنداق دىگەن:‹نۇرغۇن كىشلەر پىرۇزىنى بىر خىل سۇنئى شەكىل،بىر خىل ياساپ چىقىلغان مەھسۇلات،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى بىزنىڭ ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەرنى ئۆزگەرتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ،ئۇلارنى داۋاملىق ئىشلىتىدىغان ئەنئەنىۋى ئەندىزىگە ئايلاندۇرۇش دەپ قارايدۇ،لىكن بىزپىرۇزا ئەسەرلىرى تەمىنلىگەن نەرسىلەر ئىچىدىن قايتا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان،تۇرمۇشنى قانچە ئۇچراتمىساق،چىنلىققا شۇنچە يېقىنلىشۋاتقانلىقىمىزنى،ئۇنىڭدا قايتا ئۇرۇنلاشتۇرغان نەرسىلەر قانچە كۆپ ئۇچراتساق،شۇنچە ئالدىنۋاتقانلىقىمىزنى ھىس قىلمىز،چۇنكى بىزنىڭ كۆرۋاتقىنمىزبىر خىل ۋاكالەتچى،بىرخىل مۇرەسسە ۋە فورمىلا›».(3)
دىمەك ئۇنىڭ «قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلغان نەرسىلەر» دىگىنى ئەنىئەنىۋى پىرۇزىنىڭ ۋەقە تۇقۇپ تۇرمۇشنى بايان قىلىش،تىپىكلەشتۇرۇپ ئوبراز يارتىش ئۇسۇلى ئەمەسمۇ؟
ئۇنىڭ قارشىچە«پىرۇزا ئەسەرلىرى تۇرمۇشتىن كەلگەن تەجىربە ۋە تەسىراتلارنى ئومۇميۇزلۇك ئەينەن خاتىرلىشى،تۇرمۇشنىڭ ئەسلى رەڭگىنى تۇتۇشى كىرەك»ئۇ مۇنداق دىگەن؛«سەنئەت ساھاسى-پۇتكۇل تۇرمۇش،بارلىق ھىس تۇيغۇ، كۆزۇتۇش، بارلىق تەسەۋۋۇر...سەنئەت- پۇتكۇل تەجىرىبە»« بىر پىرۇزا ئەسىرى ئۇنىڭ كەڭ ئېنىقلىمىسدىن ئېيىتقاندا،شەخىسنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان بىر خىل تەسىراتىدىن ئىبارەت»(4)
بۇنىڭدىن كۆرۋىلىشقا بولدۇكى جامىسنىڭ نەزىردىكى جامىس تەشەببۇس قىلغان چىنلىق ھەرگىزمۇ تاشقى چىنلىق(تاشقى دۇنيا) ئەمەس، بەلكى ئىچكى چىنلىق(ئىچكى دۇنيا).ئۇنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا؛ « شەيئىلەرنىڭ پىرسۇناژ ئېڭىدا قالدۇرغان تەسىراتىنى تەسۋىرلەپ، پىرسۇناژ ئېڭىنىڭ ئاقما ئىزناسىنى خاتىرلەپ، پىرسۇناژنىڭ روھى تۇرمۇش تارىخنى ئىپادىلەش»
ئاڭ ئېقىنى پىرۇزچىلقىنىڭ ئەڭ موھىم ۋەكىللىردىن بىرى بولغان مارسىل پىرسىت «‹سوبىكتىپ چىنلىق› نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويغان.ئۇ رىېئاللىقنى ئىككى تىپقا ئايرىغان.بىرى ئاددى،تاشقى،بىرلىككە كەلگەن،ئوبىكتىپ رىېئاللىق.مەسلەن: بىر ئاشخانىنىڭ ياكى بىر گۇللۇكنىڭ تاشقى كۆرنىشى،ئۇلار ھەر بىر ئادەم ئۇچۇن ئاساسەن ئوخشاش نەرسىلەر.يەنە بىرى ئىچكى، مۇرەككەپ،ئالاھىدە سوبىكتىپ رىېئاللىق.مەسىلەن، مەلۇم بىر ئىش ئادەمدە قالدۇرغان ئالاھىدە تەسىرات،شەخىسكە تەۋە ئۆزگىچە ھىسيات.بۇلار ‹ئەڭ تۇپ›،‹ بىردىنبىر چىن› نەرسىلەر.بۇنداق چىنلىق ئەسلىدىنلا ھەربىر ئادەمدە مەۋجۇت بولىدۇ، يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئۇنى ‹ئىجات قىلىش› ئەمەس بەلكى‹ تەرجىمە قىلىش›،يەنى پىرسۇناژلار ئۆزنىڭ سوبىكتىپ تۇيغۇسى ئارقىلىق ھىس قىلغان نەرسىلەرنى كىتاپخانلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلىش »(5)
        پىرسىت سوبىكتىپ چىنلىق قارشىنى نەزىريە جەھەتتىن شەرھىلەپلا قالماي،«سۇدەك ئۆتكەن يىللارنى ئەسلەش» نىڭ ئاخىرقى تومى«قايتا پەيدا بولغان چاغلار»دا ئۆزنىڭ بۇ ھەقتىكى قارشىنى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئېنىق قىلىپ بايان قىلغان. ئەنئەنۋى پىرۇزچىلىقنىڭ نەزىردىكى رىېئاللىقنىڭ(چىنلىقنىڭ) ئەسلىدە ئەدەبىيات ئۇچۇن ئەكىس ئەتتۇرۇش قىممىتىنىڭ ئەسلا يوقلىقىنى،چۇنكى ئۇلارنىڭ ھەممە ئادەم بىلدىغان،ھەم بىلەلەيدىغان،بىلىپ بولغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى، ھەممە ئادەم بىلشى زۆرۇل بولغان، ياكى بىلىشنى ئىستەيدىغان،ئەمما بىلمەيدىغان زۆرۇرى نەرسىلەر ئەمەسلىكىنى، ئۇنى ئەكىس ئەتتۇرگەن ئەدىبىياتنىڭمۇ ئوقۇرمەن ئۇچۇن زۆرۇر بولغان ماھيەتلىك بىر نەرسىلەرنى بىرەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسۇتۇپ،مۇنداق دىگەن:
« ئەگەر رىېئاللىق بىز ھەر بىر ئادەم ئۇچۇن ئازدۇر- كۆپتۇر ئوخشاشلىققا ئىگە بولدىكەن ،مەسلەن ناچار ھاۋارايى،بىر مەيدان ئۇرۇش،تاكسى توختۇتۇش مەيدانى،چىراقلار ۋالىلداپ تۇرغان رىستۇران،گۇللەر پۇرەكلەپ ئېچىلغان گۇللۇك قاتارلىقلار توغرىسدا سۆزلەيدىكەنمىز،ئۇنداقتا ھەممە ئادەم بىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۇ.ئەگەر رىېئاللىق مۇشۇلارنىلا كۆرسەتسە،شەكىسزكى ئاشۇ نەرسىلەر سۇرەتكە ئېلىنغان بىر قاپ كىنۇ لىنتىسلا بىز ئۇچۇن يىتىپ ئاشىدۇ... ۋاھالەنكى رىېئاللىق راستىنلا مۇشۇ نەرسىلەرنىلا كۆرسۇتەمدۇ؟...»(6)
«...شۇڭا، مەن ئۇچۇن ئاشۇ ئەڭ تۇپكى نەرسىلەرنى، بىردىنبىر چىن ئەسەرلىرىم (بۇ سۆزنىڭ ئادەتتىكى مەنىستىن ئېيىتقاندا) نى بىر بۇيۇك يازغۇچىنىڭ ‹ئىجات قىلشى› ھاجەتسىز-چۇنكى ئۇ نەرسىلەر بىز ھەربىر ئادەمدە مەۋجۇت-پەقەت ئۇلارنى تەرجىمە قىلىپ بەرسىلا كۇپايە» (7)
بۇ يەردە پىرسىتنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ۋە ئەدىبىياتنىڭ ئەكىس ئەتتۇرش ئوبىكتى،ئەدىبىياتنىڭ قوغلاشقان چىنلىقى ئوبىكتىپ رىياللىق ئەمەس،بەلكى سوبىكتىپ رىېئاللىق(سوبىكتىپ چىنلىق).ئۇنى ئۇ «ئەڭ تۇپكى نەرسىلەر»، «بىردىن بىر چىن» دەپ قارغان.ھەمدە، « ئۇنى،‹ ئىجات قىلىش› ھاجەتسىز، ئۇ ‹ھەممىلا ئادەمدە مەۋجۇت›،ئۇنى تەرجىمە قىلپ بەرسىلا كۇپايە»دەپ قارغان.
دىمەك،پىرسىتنىڭ نەزىردىكى يازغۇچىلۇق،«ئىجات قىلىش» «تۇقۇش» «ئەكىس ئەتتۇرۇش» ئەمەس، بەلكى ئىنسان قەلبىنىڭ تەرجىمانلىقى ئىدى.
        ئاڭ ئېقېنى پىروزچىلىقىنىڭ  موھىم ۋەكىللىردىن يەنە بىرى ۋىرگىنيە ۋۇلفمۇ«ئىچكى چىنلىق نەزىريىسى»نى تەشەببۇس قىلغان.ئۇ «ھازىرقى زامان پىرۇزىچىلقى» ناملىق ماقالىسدا ئەنئەنىۋى رېئالىزىملىق ئۇسۇل تۇرمۇش چىنلىقىنى ھەقىقى ئىگەللىيەلمەيدۇ دەپ قارغان.ئۇ مۇنداق دىگەن:«بۇ خىل ئۇسۇل تۇپەيلىدىن بىز ئۆزىمىز ئىزدىگەن نەرسىلەرنى تاپالمايمىز،بەلكى يوقۇتۇپ قويمىز».«ئەسەر قۇرۇلمىسنىڭ پۇختا ۋە ئىخچام،مەزمۇنىنىڭ تىرىك ۋەچىن، سىيۇژىتنىڭ جەلىپكار ۋە جانلىق،ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۇچۇن سەرىپ قىلغان غايەت زور ئەمگىكىمىز زىھنىمىزنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىش بولۇپلا قالماي،بەلكى ئۆز كۇچىمىزنى خاتا ھالدا باشقا جايلارغا ئىشلىتىپ بولۇش بولۇپ قېلىپ،ئىدىيىنىڭ نۇرلىرنى توسۇپ قويمىز».«ھەربىر كۇنىمىز مۇشۇنداق ياساپ –جابدۇشقا تاينىدىغان نەرسىلەر بىلەن ئۆتۇپ كەتكەچكە ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشىگە ئەگىشىپ، بەزىدە مۇنداق ئەھۋاللار دائىم يۇز بىرىدۇ:بىز تۇيۇقسىز ئازراق گۇمانلىنىپ قالىمىز،بىزدە دەرھال ئاسىيلىق تۇيغۇسى پەيدا بولدۇ. تۇرمۇش راستىنلا مۇشۇنداقمۇ؟پىرۇزا ئەسەرلىرى چوقۇم مۇشۇنداق بولشى كىرەكمۇ؟»(8)
تۇرمۇش چىنلىقى دىگەن زادى نىمە؟دىگەن  مەسىلىگە ۋۇلف «ئىلزابىت دەۋرىدىكى بىر درامما توغرىسدا» ناملىق ماقالىسدا مۇنداق دىگەن:« چىنلىقنى ئىنسانىيەت ھىسياتىنىڭ چەكسىز موللىقى بەلگىلەيدۇ».«ئۆزۇمنىڭ بىر ئېغىز ئۆيۇم»ناملىق ماقالىسدا«چىنلىق دەقىقە ئىچىدىكى لەيلەپ تۇرغان تەسىرات ۋە ئۆتمۇشكە بولغان ئەسلىمە»(9).«چىنلىق-دەل بىر كۇننىڭ تاشقى پوستىنى سويۇپ تاشلىغاندىن كىيىن قىپقالغان نەرسىلەر، ئۆتۇپ كەتكەن كۇنلەر ۋە بىزنىڭ مۇھەببەت- نەپرىتىمىزدىن ئېشىپ قالغان نەرسىلەر» دىگەن.«ھازىرقى زامان پىرۇزچىلقى توغرىسدا» ناملىق ماقالسىدا يەنە ئۇ «چىنلىق- قەلىپنىڭ چۇڭقۇر تەكتىدە جۇغلۇنۇپ قالغان ھەر خىل تەسىرات»(10) دىگەن.
دىمەك ،ۋۇلۇفنىڭ نەزىردىكى تۇرمۇش چىنلىقى ئىنساننى ئوراپ تۇردىغان تاشقى دۇنيادا،ئوبىكتىپ رىياللىقتا ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ،ئىنسان قەلبىنىڭ چۇڭقۇر تەكتىدە ئىدى.ئۇ «سوبىكتىپ چىنلىق» نەزىريىسىنى ئوتۇرغا قويۇش بىلەن بىرگە «ماددىچىلىق»قا قارشى تۇرۇپ روھنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغان. رىيالىزىمچى يازغۇچىلارنى،«پەقەت تاشقى ماددى دۇنيانىلا تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئىچكى روھى تۇرمۇشقا سەل قارىدى»،«ئۇلارنىڭ بىزنى ئۇممۇتسىزلەندۇرشىدىكى سەۋەپ شۇكى،ئۇلارنىڭ كۆڭۇل بولدىغىنى روھ ئەمەس تەن»،«ئۇلار ئانچە موھىم بولمىغان نەرسىلەرنى يازدى»(11) دەپ ئەيىپلىگەن.ئۇ،ئىچكى روھنى (سوبىكتىپ چىنلىقنى) يېزىشنىڭ زورۇرىيتى،ئۇنىڭ ھەقىقى تۇرمۇش چىنلىقى بولالىشىدىكى سەۋەپنى چۇشەندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:
«قەلىپ مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئادەتتىكى تەسىراتلارنى قوبۇل قىلىدۇ-بۇلار پارچە –پۇرات، خىيالى،يالىت قىلىپلا ئۆتىدىغان،ياكى ئۆتكۇر تىغ بىلەن يۇرەككە مەھكەم ئويۇلغان تەسىراتلاردۇر.ئۇلار خۇددى توختىماي پەيدا بولدىغان سانسىز ئاتۇملارغا ئوخشاش تەرەپ- تەرەپتىن كىلدۇ.مۇشۇ ئاتۇملار توختىماي شاقىراپ ياققان يامغۇردەك توختىماي تۆكۇلۇپ،دۇشەنبە،ياكى سەيشەنبىدىكى تۇرمۇشنى شەكىللەندۇرگەن، ئۇنىڭ موھىم نوختىسى ئۆتمۇشتىكىگە ئوخشىمايدۇ؛موھىم دەقىقىلەر بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ يەردە...تۇرمۇش ھەرگىزمۇ سىمېىتىرىك قۇراشتۇرۇلغان كۆز ئەينەك ئەمەس،تۇرمۇش بىر پارلاق نۇر ھالقىسى؛تۇرمۇش بىزنىڭ ئېڭىمىز بىلەن باراۋەر ھالدا بىزنى ئوراپ تۇرغان يېرىم سۇزۇك خالتا.ئەجىبا بۇنداق ئۆزگۇرۇشچان،ئوچۇق دىگىلى بولمايدىغان،چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئىچكى روھنى،(قارماققا ئۇ مەيلى قانچىلىك بىنۇرمال ۋە مۇرەككەپ بولسۇن) يېزىق ئارقىلىق ئىپادىلەش،ھەمدە بەزى تاشقى ئەخلەت ـ چاۋارلارنى ئىمكان بار ئاز كىرگۇزۇش دەل يازغۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئەمەسمۇ؟» (12)
بىز يۇقىردىكى بايانلاردىن شۇنى كۆرۋالالايمىزكى،مەيلى جامىسنىڭ «چىنلىق نەزىريىسى» بولسۇن،مەيلى پىرسىتنىڭ «سوبىكتىپ چىنلىق»ى بولسۇن ياكى ۋۇلۇفنىڭ «ئىچكى چىنلىق»ى بۇلمىسۇن ھەممىسى بىر نەرسە،يەنى ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىنىڭ چىنلىقى.ئۇلارنىڭ چۇشەندۇرشچە ئۇ، پىرسۇناژلارنىڭ ئىجتىمائى  تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتىنىڭ يىغىندىسى بولۇپ،ئۇ ئىنساننىڭ كۇندۇلۇك تۇرمۇشى ۋە ھايات مۇساپىسىدە ئۇچراشقان تۇرلۇك تۇمەن شەيئىلەرنىڭ تۇمەنمىڭ ئىنكاسلىرى ئىچىدە بىر قەدەر كۇچلۇك ھاياجانغا سالغان،ئىز قالدۇرغان ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات ۋە تەجىربىلەر.پەقەت مۇشۇ خىل تەسىراتلا ھەقىقى تۇرمۇش چىنلىقىنى ئىپادىلەپ بىرەلەيدۇ،ھەم ئەدەبىياتنىڭ ئوبىكتى بولالايدۇ. چۇنكى ئوبىكتىپ دۇنيا ئۆزگۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان بولىدۇ،ئۇنىڭدىكى ئۆزگۇرۇش شەيئىلەرنىڭ ھەركىتىدىن كەلگەن. شەيئىلەر چەكسىز ھەم ئۆتكۇنچى،ئۇلارنىڭ ھەركەت ھالىتمۇ چەكسىز،ھەم ئۆتكۇنچى.مەلۇم بىر شەيئىنىڭ سىزنى ھاياجانغا سالغان،سىزگە ئەڭ تەسىر قىلغان ھالىتىمۇ ئۆتكۇنچى،سىزنى ھاياجانغا سالغان شۇ دەقىقە سسىزگە نىسبىتەن ئۇنتۇلماس خاتىرە،ئەسلىمە بولۇپ قالدۇكى قايتا تەكرارلانمايدۇ. بۇنداق تەسىرات ۋە تەجىرىبە ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەلبىدە بولىدۇ،ئۇ ماكان زاماننىڭ چەكلىمىسگە ئۇچۇرمىغان ھالدا ھەر بىر ئادەمنىڭ كاللىستا بەزىدە خىيال، بەزىدە ئەسلىمە شەكلىدە زاھىر بولۇپ تۇردۇ.مانا مۇشۇنداق تەسىرات، تەجىربىلەر بىلەن تولغان ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسى، ھەقىقىتەن مۇرەككەپ. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسى شۇئادەمنىڭ ئۆزگە خاس بولغان،باشقىلارغا نامەلۇم سىرلىق بىر دۇنيا،ئۇنىڭغا ھەر بىر ئادەمنىڭ ماھيىتى چۇڭقۇر يۇشۇرۇنغان بولىدۇ. ئەگەر ئەدىبىيات ئوقۇرمەن ئۇچۇن مەلۇم بىر ئەھمىيەتنى، تۇرمۇش ھەقىقىتىنى،چىنلىقنى ئىپادىلەپ بىرىشنى ئىستەيدىكەن ،ئىنساننىڭ ماھىيتىگە يېقىنلاشماقچى بولدىكەن،ھەممىگە تونۇشلۇق بولغان تاشقى دۇنيانىڭ «ئەخلەت- چاۋارلىرى»دىن قول ئۇزۇپ،ئىنساننىڭ قەلىپ دۇنياسىنىڭ سىرىنى ئېچىش ئۇستىدە ئىزدىنىشى كىرەك.
        مانا بۇ، ئۇلارنىڭ ئورتاق چۇشەنجىسى.بۇنى يالغۇز ئۇلارنىڭلا ئورتاق چۇشەنجىسى دەپ قارىماستىن بەلكى مۇدىرنىزىملىق ئەدىبىيات ئېقىملىرنىڭ ئورتاق چۇشەنجىسى دىسەكمۇ ئارتۇق كەتمەس.گەرچە ھەرقايسى ئېقىملارنىڭ ئۆز ئالدىغا نەزىريىۋى ئاساسلىرى،ئىجادىيەت پىرىنسىپلىرى،چۇشەنچىللىرى،ئوخشاش بولمىغان ئىجادىيەت ئالاھىدىلكلىرى بولسىمۇ،لىكىن رىېئاللىققا تۇتقان پوزۇتسىسىدە ئۇلارنى ئورتاقلىققا ئىگە دىيىشكە تامامەن بولدۇ.مەسىلەن: بەزىلەرنىڭ نەزىردە «ماددىچىلىق» دەپ نام ئالغان يېڭى پىرۇزىچىلىق ئېقىمىنىڭ قارشىچە «...‹پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتىرنى،تاشقى قىياپىتىنى ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق قۇشۇمچە نەرسىلەرنى تەسۋىرلەشنى چوقۇم تاشلىۋىتىش ئارقىلىق،كىتاپخانلارنى پىرسۇناژلارنىڭ پىسخىكا رىېئاللىقىغا بىۋاستە كىرەلەيدىغان قىلىش كىرەك.› بۇ خىل نەزىرىيىنىڭ يىتەكچىلكىدە يېڭى پىرۇزچىلىق پىرسۇناژلار ئوبرازىنى يارتىشنى بىكار قىلغان،ئۇلار:‹ پىرسۇناژئاللىقاچان ئۆلدى› »(13) دىگەن.يېڭى  پىرۇزچىلىق ئېقىمىنىڭ موھىم ۋەكىللىردىن بىرى بولغان ناتالى سارۇت، «گۇمانخۇرلۇق دەۋرى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دىگەن :
«ھازىرغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،موھىمى ئەدىبى ئەسەرلەردىكى تىپىك پىرسۇناژلارنى داۋاملىق كۆپەيتىش ئەمەس،بەلكى زىددىيەتلىك ھىسياتلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇدىغانلىقىنى ئىپادىلەش، شۇنداقلا پىسخىك پائالىيەتلەرنىڭ موللۇقىنى،ۋە مۇرەككەپلىكىنى ئىمكانقەدەر ياخشى تەسۋىرلەش. مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ يازغۇچى يەنىلا سەمىمىلىك بىلەن ئۆزنى يېزىشقا مۇھتاج »  (14)
ھالقىما رىيالىزىمچىلارمۇ«رىېئاللىقىنىڭ يۇزە قاتلىمى رېئاللىقنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرەلمەيدۇ،رىېئاللىقتىن ھالقىغان ‹مەلۇم بىر خل بىركىش شەكلى› مەۋجۇت،بۇ خىل شەكىلگە تا ھازىرغا قەدەر كىشىلەر سەل قاراپ كەلدى،بىراق ئۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيتىگە يىتەلەيدۇ.بۇ خىل شەكىلنىڭ بىرى يۇشۇرۇن ئاڭ، يەنە بىرى چۇش.چۇنكى، يۇشۇرۇن ئاڭ ئادەمنىڭ روھىنى ۋە دۇنيانىڭ ئىچكى مەخپىيتىنى ئەكىس ئەتتۇردۇ؛ يۇشۇرۇن ئاڭنى ئىپادىلىگەندىلا ئۆزلۇكنى ئۇزىل-كىسىل تونۇغىلى،رىېئال دۇنيانىڭ سەۋبىنى چۇشەندۇرگىلى بولىدۇ.چۇشكە كەلسەك، ھەرقانداق بىر ساھە چۇش موھىتىدەك مول ۋە رەڭگارەڭ بولمايدۇ،ئۇ ئادەملەر ئاشكارلىيالمايدىغان مەخپىيەتلەرنى ئاشكارلايدۇ،ئۆتمۇش بىلەن ھازىرنى نامايان قىلدۇ،شۇنداقلا كەلگۇسىدىن بىشارەت بىرىدۇ.» دەپ قارايدۇ.(15)  
مەۋجۇدىيەتچىلك؛«بۇرۇنقى يازغۇچىلار ياراتقان ھەرخىل تىپىك پىرسۇناژلار ئەمەلىيەتتە پىشىقلاپ ئىشلەنگەن،چىنلىقى، خاسلىقى يوقالغان پىرسۇناژلار بولۇپ، مەۋجۇدىيەتچىلىك بۇ خىل ساختا ئەقلىلىكنى ئىنكار قىلدۇ،شەخىس سۇپىتىدىكى  ئادەمنىڭ قەلىپ تۇرمۇشنى سەمىمىلىك بىلەن قايتا نامايان قىلىپ،ئۇنىڭ ھەقىقى روھى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۇردۇ» دەپ قارغان.(16)
        ئىپادىزىمچىلارمۇ رىېئاللىقنى ئوبىكتىپ ئەكىس ئەتتۇرۇشكە قارشى تۇرۇپ، سوبىكتىپ رىېئاللىقنى ياكى ئىچكى چىنلىقنى ئىپادىلەشنى تەشەببۇس قىلغان.
دىمەك، ئۇلار ئوتتۇرسىدا مەيلى قانچىلىك ئوخشىماسلىقلار،تالاش تارتىشلىق تەرەپلەر بولسۇن،(بۇنداق تالاش- تارتىش ئۇلارنىڭ ئۆز ئىچىدىمۇ بار)ئۇلار مەيلى «ئىچكى چىنلىق» دىسۇن، مەيلى«سوبىكتىپ چىنلىق» دىسۇن،مەيلى،«سوبىكتىپ رىېئاللىق» ياكى «پىسخكا رىېئللىق» دىسۇن ھەممىسىنىڭ كۆزدە تۇتقىنى، دىمەكچى بولغىنى بىر.شۇڭا چىنلىق مەسىلىستە ئۇلارنىڭ قارشىنى بىردەكلىككە ئىگە دىيىشكە بولىدۇ.يەنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى چىنلىقنى تاشقى دۇنيادىن ئەمەس بەلكى ئادەمنىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئىزدەيدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىردىكى چىنلىق ،ئىچكى چىنلىق-يەنى قەلىپ چىنلىقى بولۇپ،بۇنى رېئالىزىملىق ئەدىبىيات بىلەن مۇدىرنىزىملىق ئەدىبىياتنىڭ ئەڭ رۇشەن بەلگىللىردىن بىرى دىيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز.

نەقىل مەنبەلىرى:
(1) «ئەدىبىياتنىڭ قائىدىللىرى».شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشرى،450 –بەت.
(2) يۇقىرقى كىتاپ 369-بەت
(3) «غەرىپ مۇدىرنىزىم ئەدەىبىياتى ئېقىملىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشرى، 121-بەت.
(4)(5)(6)(7)(8)(9)(10)(11)(12)(13)(14)(15)(16) لار يۇقارقى كىتاپ 122-126-127-139-140-141-408-409-300-بەتلەر.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-3-18 22:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتراپلىق ئىزدىنىپ يېزىلغان، ئەدەبىيات نەزەرىيىسى تەتقىقاتىدا ئىزچىل سەل قارىلىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويالىغان، پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى بولغان ماقالە ئىكەن.

ۋاقتى: 2016-3-19 19:38:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى بولغان ماقالە بولۇپ ئاپتۇر ئەتراپلىق ئىزدەنگەن

ۋاقتى: 2016-3-25 11:57:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يوقىرى بولغان ماقالە ئىكەن ، بىر ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن  .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش