يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 410|ئىنكاس: 15

سەمەندەر: نەس باسسۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نەس باسسۇن
ئابدۇكېرىم داۋۇت سەمەندەر


سۇس تىرىقلىدى قان كىرپىكىدە
ئېزىتقۇ ئىشىك شەبنەم يالتىرىشىدەك
كۆيۈپ كەتتى ۋاقىتنىڭ يۈزى
سوقۇلدى كۈز پەسلىگە
مەڭگۈلۈك ئەگمىسىدە بىر توپ كەپتەر
سىرغىپ چۈشتى جىمجىتلىق يېشى
ئۇچۇپ كەتتى ئەرۋاھ شامالدا
غېرىبلىقنى ئىشتىياق بىلەن كۈيلىگەن
كۆپ ھاللاردا چايان مېھرىدە نەپەس ئالغان
ئىستەك پەرۋازىنىڭ سۈزۈك غازىڭى

ھەقىقەتنىڭ يىمىرىلگەن سېپىللىرىدىن ئۆتۈپ
تەنھالىق چېدىرى ئارا يوقلۇق چېكەتكىلىرى سايرىغاندا
يۈزۈڭنى سىيپاپ ئۆتكەندە ئۇنىڭ ئاۋازى
ئەڭ تېرەن دېرىزىسىدىن قەبرەڭنىڭ
لېۋىڭنىڭ گىرۋىكىدە ساڭگىلىغان يالىڭاچ تەشۋىشنى كۆرۈپ
ھەسرەت بىلەن زەخمىلەندۈرگەندە
ئۆلۈم كۆۋرۈكىنىڭ ئاستىدا يامغۇردىن دالدىلىنىپ
غەزەپنىڭ سارغايغان ئېتىزلىقىغا تازا پىتى يېتىپ بېرىشنى ئويلىما ياكى
پۇشايمان بالكونىغا دەسسەپ
مۈگدەشنىڭ ئىككى پۇتىنى دولاڭغا ئېلىپ
ھورۇنلۇقنىڭ خۇشبۇي ماتكىسىدىن تەسەللىي ئىزدىمە
قەبرەڭنى تاشلاپ كەت
ھەمدە ئېسىلما شۆھرەت بۇقىسىنىڭ قۇيرۇقىغا

ۋاراقلا تىرنىقىم ئاستىغا كەشتىلەنگەن تېرەن قۇرلارنى
چاقماق شولىسى مۇشتۇمۇڭنىڭ جەينىكىگىچە يېتىپ بارسۇن
ئاندىن تەمكىنلىك بىلەن چىنىقىش زالىدا قەبىھ رەقىبىڭنى يىقىتقاندىن كېيىن
قۇلاق سال يارىڭنىڭ ئېسىلىپ سۆيۈشىگە
يۈرىكىڭنىڭ جىنايىتىنى سادىر قىل
قۇزغۇنلارنىڭ تەييار گۆشلىرىگە تارتقۇزۇپ قويماسلىق ئۈچۈن
دەلتە چۈشلىرىنىڭ پاش بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بايرىقىنى چۈشۈرسۇن
سەن سۇئال يەلكىنىنى ياي/غاندا ئۇلار

سېنى قۇدۇققا تاشلىسىمۇ شۇنداق باشلا بۇ غەزەلنى
تىنىچلىق ئىزدەپ يىراق يۇرتلارغا قاچقان مۇساپىرلار
دەرەخ شولىسى ئاستىدا ئۇيقۇغا كىرىشەلمەي ھارغىنلىق دەستىدىن ئىلىشىپ قالاي دېگەندە
كوچا ئاپتۇبۇس دائىم ماڭىدىغان نىشانىدىن ئادىشىپ قالغاندا
بىر ئوقۇغۇچى ئۆيىگە قايتىدىغان يولدا يوتىسىغا كېپىنەك نۇسخىسى چېكىۋالغان
جۇۋاننى ئىندەككە كەلتۈرەلمەي چاتىرىقىنى يوقىتىپ قويغاندا ۋە
ئۇشتۇمتۇت ئېسىنى تاپقاندەك
تارتىنىش مۇنچىنىڭ چۇقانىغا يېتىپ بېرىشتىن بۇرۇن
"تەنھالىقىم ساڭا يەتتى" دەپ ھەييارلىق بىلەن كۆزلىرىنى ئويناتقاندا
بۇلارنىڭ سەۋەبىنى سەندىن كۆرۈپ قارغىسۇن ھەم شاتلانسۇن

كەل ئۆلىسەن بۇ يەردە
دۇغ ھاياتنىڭ بۇرنىغا پۈۋلىمىسەڭ مەنە غايىبلىقى
ياساپ چىقمىساڭ مەرىپەت مېۋىسى بىلەن
تەسەۋۇرنىڭ قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن يالىڭاچ ئايال

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 23:41:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈۋالغۇچى

ھېچبىر ئىزاھاتقا مۇھتاج بولماي
ماڭىمەن ھاڭلىرىدا ئويغاق چۈشلەرنىڭ
بەئەينى بىر شىتانكا كۈتۈرگۈچى كەبى
بېشىمدىن ئېگىز كۆتۈرۈپ ئالەمنىڭ ئېغىرلىقىنى
ئۇزاق تۇتۇپ تۇرىمەن ھاۋادا(كۈلكە)
ئاندىن تەلۋە، مېڭە يىگىلەش كېسىلىگە گىرىپتار بىر ساراڭدەك(ھوۋلاش)
پاچاقلايمەن شىتانكىلارنى، قالپاقلىق مىخلارنى
سىقىلىش، يۇلتۇز، كارۋات،
مېۋە يەنە ئەڭ گۈزەل تەسەۋۇرلارنى

ساڭا دەريالارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن

ھېچبىر ئىزاھاتقا ئېھتىياجلىق بولمىغان بىر ئادەمنىڭ
ئەمالىقىنى، قاراڭغۇلىقىنى، چۈشكۈنلىكىنى،
ئىتقادىنى، كۈلگە ئايلانغان تارىخىنى، شامالدا لەيلىگەن چىرايىنى
قۇياشتەك ئۆزىگە پېتىپ كېتىۋاتقان تۆشۈك نۇرىنى
كۆيۈۋاتقان يامغۇرىنى ھەدىيە قىلىمەن

بەئەينى بىر ئۇستا سېھرىگەر كەبى
ئاداققى، بىردىنبىر ئەينەك پارچىسىنى قورسىقىمغا سېلىپ
پارە - پارە بولغان ھالدا ئويغىنىمەن - دە،
باشقا جايدىن كەلگەن كۆلەڭگە ئىچىدە
سېنى كۆرۈپ تۇرغىنىمنى ھۇزۇرلىنىپ تۇرۇپ بايقايمەن
ھەم يۇمۇلىمەن ئۇنىڭ قاپاقلىرى ئاستىدا……


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-19 23:47:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەيتى كەلدى


يۈگرەپ چىقىپ زېمىنغا
كۇسۇك ئىتلاردەك كېچىنى ھۇۋلاشنىڭ
گۆردەك قۇرۇق دەرەخلەرنىڭ بوينىغا گىرە سېلىشنىڭ
گۇناھنىڭ سېۋىتىدىن يېشىل قۇملارنى ئوغۇرلاشنىڭ پەيتى كەلدى

ھەسرەت تۈرمىسىگە قامالغان ۋە
مارت ئېيىدا ئادېرىسىنى يوقىتىپ قويغان
بىھۇدىچىلىككە يېقىنلا يەردە تاساددىبىي، جىمجىت ئۈنىۋاتقان
تىك، قىرلىق، ئاچچىق، مەھكەم ئازابلارنىڭ ئەڭ ئېسىلى
ئالقىنىنى ئىچىشتۇرماقتا مۇزىكىنىڭ
چاچلىرىڭنىڭ ھۇجرىلىرىدا ساڭا كىرىشنىڭ پەيتى كەلدى

توپلىق يولىغا بۇلغانغان چېچەكنىڭ
ئېگىلگەن پۇتلىرىغا ئەتتىگەننىڭ
ئاياللار ئارىسىدا يەرلەشكەن خەزىنە سۈتىنىڭ
مەيۈس پىشانسىدىن چىرىك سېپىلنى ئېلىۋېتىشنىڭ پەيتى كەلدى

مەغپىرەتنىڭ ئالتۇن شوتىسىنى
ۋايساشنىڭ بىھۇدىلىكى بىلەن ئۇتۇلىۋېلىشنىڭ
ئۈمىدنىڭ نامرات ئېغىزىنى زېرىكىشنىڭ مەرۋايىتى بىلەن تولدۇرۇشنىڭ
ھەم ئۆلۈم تەڭلىمىلىرىنى شېئىر ئۈستىلىگە تاشلاشنىڭ
گۈزەللىكنىڭ پىشانىسىگە چۆل سۇلىرىنى چېكىشنىڭ پەيتى كەلدى

ساڭا ھاڭدەك چۆكۈشنىڭ پەيتى كەلدى


باھا سۆز

ئوغىرلاشنىڭ-ئوغۇرلاشنىڭ...  ۋاقتى: 2016-3-20 12:01 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 16:21:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىرناقلار

ئۆلۈم سىپىللىرىدا،
جاراھەت يامغۇرلىرىدا،
قاباھەت مەۋسۇملىرىدا،
ۋابا قىسماقلىرىدا،
ئىستەك داۋانلىرىدا،
سۈكۈت بارماقلىرىدا،
قانىغان، قانىماقتا، قانار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 16:23:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆلۈم تارازىسى

ئىككى ئالدىراش پەرىشتە  
تارازا تەخسىسىگە تىزىۋاتاتتى

تارازا چوكىسى تەۋرىنىۋاتاتتى
ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى ئارىسىدا

قىسىق ئۆلچىگۈچى
خاتىرلەۋاتقان ياردەمچى خادىم
ۋە ئۈستىدە قاراپ تۇرغۇچى

چوت سوقۇلۇۋاتاتتى
ئېغىرلىق ئۆلچىنىۋاتاتتى
ئىشلەمچى تەرلەۋاتاتتى

"ئۆلچەم بىرلا، بۇ قانداق ئادىللىق ؟"

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 16:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېڭە يۇيۇش

كارۋات يوق.
تېلىۋىزۇر ئوچۇق.
ئۇندا بىرى،
ئېسىمىزگە ئىسكىنە بىلەن
ئويىماقتا مەشغۇلاتلارنى.

گۈل.
لوڭقا.

ئوپراتسىيە ئۈستىلى.
جازا قوراللىرى مۇكەممەل.  
"2+2=5"
ئەن سېلىنغان پادىلاردەك،
(تامغىلىرىمىز نېمىدىگەن كۆپ!)

كومپىيۇتېر.
مېھرىبان قول.
كونۇپكىنىڭ ۋارقىراشلىرى.

مىخ.
قازناق.
كالا تېرىسى.
بۇرغا.
تاش-شېغىل.

تامغىلىمىز نېمىدىگەن كۆپ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 16:33:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھالىق


غولىمىزدا
ئۇچلۇق تۇمشۇقى
تورۇكلار

تاشقىن كەبى يۇپۇرلۇپ كېلەر
ھەر تەرەپتىن
لەيلەپ قالار خىياللىرىمىز
ھۆل ھەم تىتىرەڭگۈ

ئىشىك چېكەر سەھەردە
خوشنىلار/نىڭ ئاۋازى
پېشاۋاندىن ساقىۋاتقان يامغۇر
تىۋىشىنى
بېسىپ چۈشەر

ئېقىن كەبى ئۇرۇلار ھەر زامان
قىرغىقىمىزغا
ئاڭلايمىز ئەمما تېپچەكلىشىنى
كۆپ ھاللاردا كېچىدە
تۇنجۇقۇپ

كىتاب كەبى
قولتۇقىمىزغا قىستۇرىۋېلىپ
تىنىچ جايلاردا
ئاز - تولا ۋاراقلاپ قويىدىغان
ئۈستەلدە
(ئوچۇق، يېپىق، ئوچۇق)

بەزىدە
كۈپكۈندۈزدىلا ۋاراقلايمىز
ئاۋات كوچىلاردا ……



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 16:35:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تام

تىك، مەزمۇت، قىرلىق
يامىشىمەن، چاقىمەن، يۆلىنىمەن
قارايمەن، ئۇنتۇيمەن، قوپۇرىمەن

يانتۇ، ئاجىز، قىرسىز
يۆلەيمەن، ياتىمەن، ئويلايمەن
تۇرىمەن، ماڭىمەن، قارايمەن

يېرىق، بۇرجەك، ئاق
يىقىلىمەن، تۇرىمەن، قارايمەن
ماڭىمەن، توختايمەن، ماڭىمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 16:38:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆي كۆچۈرۈش

ئىشكاپلار ماڭدى، بوسۇغىلار قالدى
رادىئولار ماڭدى، ئاچقۇچلار قالدى
چايدانلار ماڭدى، تەكچىلەر قالدى  
قەنت - ناۋاتلار ماڭدى، قازناقلار قالدى
تەشتەكلەر ماڭدى، مورا - قۇيۇنلار قالدى
ئۇرۇقلار ماڭدى، غازاڭلار قالدى
ساندۇقلار ماڭدى، كىر تانىلار قالدى
كىتابلار ماڭدى، لامپىلار قالدى
تارغاقلار ماڭدى، تارتمىلار قالدى
ئەينەكلەر ماڭدى، قۇتىلار قالدى
چۆگۈنلەر ماڭدى، باغ - چىتلاق قالدى
لۆڭگىلەر ماڭدى، كۈل - سۈپۈرۈندىلەر قالدى
پىچاقلار ماڭدى، دېرىزىلەر قالدى
كۆرپە - يوتقانلار ماڭدى، نان ئۇۋاقلىرى قالدى
قازان - قۇمۇش ماڭدى، تۇز - داشقاللار قالدى
ئۇن - ياغلار ماڭدى، يالاق، سىرتماقلار قالدى
سائەتلەر ماڭدى، كۈچ - ماغدۇر قالدى
ئاشكارە، مۇھىم، ھەرىكەتچانلىرى ماڭدى
يۇشۇرۇن، بىكېرەك، مۇقۇملىرى قالدى…

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-3-28 16:40:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەرىتە پارچىسى

ياۋا ھاۋا
قۇياش يايلىقىدا چىڭدالغان ئىز
شامال، بەرگ، تاش

مۇز كىرپىك
نىدا، ھور ئەينەك
كېچىدىكى مۈشۈك كۆزى
تومپايغان قەدەم

كېسەل جۈمەك
چىۋىق پەي، بىنەپشە
ئاشقازان يىڭنىسى، پىرقىرىغۇچ

ئۆرۈلگەن شام
چۈش قۇدۇقى، يۈرەكسۇ
مۇراسىم يىپى، لاي يىلان …

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-12 19:36:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرۋاھ بايرىمى

1
ئىبادەتخانا يامغۇر ئىچىدە
دۇب دەرىخىنىڭ كاۋىكىدا قۇم
بەئەينى
بىر پىلە قۇرتىدەك
كېچىنىڭ پىلىسىنى قۇسماقتىمەن

چۈش قورسىقىدا
قارا قوڭغۇزنىڭ نۇر ئۆسمىسى
ئۇچۇپ يۈرەر ئۈزۈمزار ئارا
بەئەينى
كۈز بارمىقىدىكى سارغۇچ تەبەسسۇمدەك

لېۋىڭنىڭ لېۋىدە
يىگانە بىر ئاشىقتەك ماڭىمەن
كېچە بويى كىرېستقا مىخلىنىمەن
كونا بەڭگىدەك
چېكىملىكنىڭ پۇرىقىنى پۇرايمەن
روھىمنى چېكىسەن

ئاۋازىڭ -- مۇز قوڭغۇراق

2
ھېس قىلدىم
ئىچىمدە تىپچەكلەۋاتقان
تەشۋىشنى

تۆشۈك كۆنەكتە تۇرۇپ
چۈشۈنۈكسىز غوڭۇلدايدىغان
پىداكارلىقىنى ھەسەل ھەرىسىنىڭ
ئانا ھەرە تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىدىغان
ئازغۇن روھنىڭ
يوقلۇق چېچىكى ئۈستىگە
قونغىنىنى بەخرامان

3
خۇدانىڭ بالىلرى
مەڭگۈ بىلمەيدىغان ئاشۇ دېڭىزغا كېتىمەن

4
ھېلىھەم
كۆتۈرۈلمەكتە يىلان قوينىدىن
چۈشكۈن بىر ناخشا

5
ئەقلىمنى باغلىۋالغاندەك ئات قىلى بىلەن
پاتقاق كوچىسىدا شەھۋەتنىڭ
تېنىدىكى يىرىڭ ئارام تاپقۇزمايۋاتقان بويتاق كەبى
ئېقىن ئەتراپىدا مۆكۈنۈپ ياتقان ئاچ بۆرىدەك
چاتقال ۋە قۇرىغان شاخلار ئارىسىدا سوكۇلدىغىنىم
يېتەر، بولدى بەس!

6
ئىشىكنى قۇلۇپلاپ
مەجبۇرلاش كېسىلى بار ئادەمدەك
نەچچە قېتىم قاراپ باقىمەن
ئاندىن، ئاچقۇچنى سالىمەن چوڭقۇر يانچۇقۇمغا
ئاندىن دېڭىز بويىغا بېرىپ ھېچ كىشى دېققەت قىلمايدىغان،
چەت بىر جايدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ بۇ شېئىرنى يازىمەن
ئاۋۋالقىدەكلا، يېزىپ بولۇپ قەغەزنى موتلاپ ئېغىزىمغا سالىمەن، ياكى دېڭىزغا تاشلىۋېتىمەن
بەلكىم سىلەر بۇ شېئىرىمنى ئوقۇشقا مۇيەسسەر بولالمايسىلەر، ئەمما، بۇنىڭ ھېچ ۋەقەسى يوق
شۇنداق، بىر ساراڭ ئادەممەن
بەزىدە، ئازابنى تەقلىد قىلىۋاتقان ئۇستا بىر سەنئەتكاردەك
بەزىدە، جىنازىغا ئەگىشىپ قەبرىستانغىچە بارىدىغان
يەنە بەزىدە، ھېچ ئىش قىلماي بىر كۈننى ئاخىرلاشتۇرىدىغان
نەچچە قېتىم، يامغۇردا قېلىشنى ئىستەپ ئۆيدىن چىقتىم، بىراق ھاۋا ئوچۇق بولۇپ يامغۇر ياغمىدى
نەچچە قېتىم، يېرىم كېچىدە بىر شەپىنى ئاڭلىدىم، كارۋاتتىن چۈشۈپ كارىدورغا چىقسام:
ھەممە تىمتاسلىققا چۆكۈپ كېتىپتۇ
نەچچە قېتىم، سۇخانىغا چىقىپ ئاللاقاچان سۈيى توختاپ كەتكەن جۈمەكنى شورىدىم...
ھەممە نېمە گويا ماڭا ئىجارە بېرىلگەندەك، تۇيۇقسىزلا مېنى تاشلاپ كەتكەندە،
ھېچكىمدىن ئاغرىنمىدىم « بار بولغان نەرسە يوقايدۇ...» دەپ ئۆزۈمگە تەسەللىي بەردىم
ئىشىكنى قۇلۇپلىشىمنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى يوق
مەن ئەزەلدىن شۇنداق، نىسىۋەمگە شۈكۈر قىلمايدىغىنى
سۆزۈمنىڭ پارچە-پۇرات ھەم مول بولىشىغا بەرىكەت تىلەيدىغىنى
مەن يەنىلا شۇنداق، ئۆلىۋېلىش بىلەن كېلەچەكنىڭ ئەمچىكىنى سىلاۋاتقان قول
بەزىدە، مەنىگە سىلجىيمەن، بەزىدە، مەنىسىزلىك زېمىنىنى جان تىكىپ قوغدايمەن
مەن يەنىلا شۇنداق...

7
تام تەرەپكە قارىدىم
روھىمنى زاۋاللىققا يۈزلەندۈرگەن بىر قىز
ۋە سەپەر ھەققىدىكى بىر كىتاب
قۇلىقىمغا بوشقىنە پىچىرلاۋاتاتتى

بىلدىم، شەھرىزات ئىيتقان قانلىق چۆچەكنى
سەھەرنىڭ قارامتۇل شاخلىرىدا تىتىرىگەن شەبنەم
ئىنىقكى، جاللاتنىڭ قىلىچىدىن يەنە بىر قېتىم سىيرىلىپ چۈشەتتى
تام تەرەپكە قارىدىم

يوقلۇق قۇببىسى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى
ھېچكىم زۇلمەت شوتىسى بىلەن ئۆگزىگە چىقىپ
قۇلىقىنى يۇپۇرۇپ، ئۈچ قېتىم ئەزان توۋلىدى:
ھېچنېمە! ھېچنېمە! ھېچنېمە!


8
سېنى
سىلىغۇدەك بارمىقىم نە قىلسۇن
ئەرۋاھمەن، ئەرۋاھ
كېچىنىڭ تېگىدە ھەر نەرسىدىن قۇرۇق قالغان ھەم
ھەر نەرسىگە ئىرىشكەن

قاراڭغۇ ئورماندا جەسىدىم قۇدۇققا تاشلانغان
ھەمدە روھىمنىڭ ئاق فوسفورى
ئوت ئالغان...كۆيۈۋاتقان...
كۈچلۈك رېئاكسىيەنىڭ تەسىرىدە

ئۈستۈمدە ئاخىرەتلىك كېيىم
كۆز يېشىم ساڭا ئۇسسۇزلۇق بولسۇن، ئەي يوقلۇق!

9
چۈش بىلەن رېئاللىقنىڭ
ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقى بارمۇ

چۈش ۋە مەۋھۇم دۇنيانى قۇچاقلاپ ئويغىمەن
ھەر نەرسە ئاۋۋالقىدەكلا
دۇغلۇق قوينىدىن كۆتۈرۈلىدۇ

بىلمەيمەن، مەن ھاياتمۇ ياكى ئاللاقاچان ئۆلگەن بىر جەسەت

تەسەۋۋۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا
ھەر نېمە شۇ قەدەر كونا، زېرىكىشلىك، توختىغان

تەسەۋۋۇر ھېچنېمىنىڭدۇر!

ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇسنىڭ دېرىزىسىدىن
غىل-پاللا كۆرۈپ قالغىنىم زادى نېمە بولغىيدى
تىلنى يارىدىغان ئەينۇلا
ياق، يامغۇر تامچىلاۋاتقان يارنىڭ لەمپىسى
ياق، ئۆلگەن قۇشنىڭ ئاۋازى
ياق، زەڭگەر كۆز...
ياق، نېرۋا كېسەللەر دوختۇرخانىسى
ياق، ئۆلۈم جىلغىسى
ياق، مېنى تۇتىدىغان ئاسمان!
ياق، مەن ھەممىنى ئارلاشتۇرۇپ قويدۇم

ناۋادا مەن ئۇنى كۆرمەي، ئۇ مېنى كۆرىۋاتقان بولسىچۇ
ئۇ...ئۇ...ئۇ...
ياق، مەن سېنى توغرىمۇ-خاتامۇ دېمەيمەن!

10
بارلىق شېخىدىن سىيرىلدىم
دەرەخ دېدى:
كۆك قەرىدىن ھېچنەگە كېتىۋاتىسەن
يوقلۇق تۇزىغا سىڭىۋاتىسەن
رازىمۇ سەن ھاياتىڭدىن ؟
جاۋاب بەرمىدى، جاۋاب بەرمىدىم
سارغۇچ تىلىدا يۇپۇرماقنىڭ...


11
ئەزەلدىن يوق ئىدىم
ھەمدە ھازىرمۇ بولۇپ باقمىغان...

12
كۆيۈۋاتقان سۆزنىڭ لېۋىگە
ئالدى-كەينىنى ئويلاشماي ھەم
ھۇدۇقىشتىن ئەسەر يوق ھالدا لەۋ سوزغان
قانداق ئىستەك ئۇ ؟

زەينەپنىڭ ئۈزۈمىنى
دەز كەتكەن تۇمۇشۇقۇمدا چىشلەپ دەريادىن ئۆتىۋاتقاندا ئۇسسىغىنىم
ئۈزۈمنىڭ دەريادا ئېقىپ كەتكىنى
مېنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغىنىم راست
زەينەپنىڭ مېنى تاشلاپ كەتكىنى ھەم راست

بۇ يەردە ئۆلۈشنى تاللىدىم
كۆيۈپ، تۇنجۇقۇپ، كۆپكۆك...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-12 19:38:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا ئادەم

شاۋقۇن-سۈرەن ئاڭلانمايدىغان
قاراڭغۇ گەمىدىكى سۇنۇق كارىۋات ئۈستىدە ئۆلۈكتەك ياتقان.
تالادا، قۇم چۆگۈن ئىلىشىپ قالغاندەك ئۆز بوينىغا تېشىۋاتقان.
قۇشلار جەنۇبقا كۆچكىلى ئۇزۇن بولغان.
تامدەك تۈزلەنگەن روھىنى چاڭ-توزان باسقان.
ئىستەك قۇيۇنى بېشىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن.
بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغان ئەينەك ئاۋازى يۈرىكىنى تالقان كەبى ئەزگەن.
ئۇخلاش دورىسىنى ياستۇق ئاستىغا يۇشۇرۇپ قويغان.
ئۇ ھەقىقەتەنمۇ تەنھا، ھەقىقەتەنمۇ تىڭىرقىغاق ئادەم.
ئۇ ئۆزىچە ۋاقىراپ باقىدۇ، ئەمما، ھېچكىم ئاڭلىمايدۇ؛
ئۇ ئۆزىچىلا غۇدۇراپ قويىدۇ، ئەمما، ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ؛
ئۇ ئۆزىچىلا ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، ئەمما، قول سېلىشقا كۆزى يەتمەيدۇ؛
شۇنداق ئازابلىنىپ كۈننىڭ قانداقلارچە كەچ بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-12 19:44:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازابقا تەقلىد

تۇنجى قېتىم كۆرگەن ئىدىم كىرپىنى
ئۆيىمىز ئالدىدىن ئۆتكەندە
بالىلار يۈگرەپ كېلىپ ئورىۋالغان
كالتەك-توقماق بىلەن ئۇرغاندا قاراپ تۇرغان ئىدىم
ئۇ تۈگۈلۈپ باقتى، قاچماقچى بولدى
ئاپىرىپ ئوتقا تاشلاشتى ئۇلار

كېۋەز غولىنىڭ ئاستىدا پاناھلىنىپ ياتقان
پاختەك بالىسىنى تۇتۇۋېلىپ قوشنىمىزنىڭ ئوغلى
پەيلىرىنى بىر-بىرلەپ يۇلۇۋېلىپ قويىۋەتكەن
جانۋار يالىڭاچ ھالدا قار ئۈستىدە
شۈمشۈيۈپ تۇرغاندا قاراپ تۇرغان ئىدىم
كېيىن يول بويىدا ئۇنىڭ جەسىدىنى كۆردۈم
ئېغىزى كۈلگە پۇچۇلانغان ئىدى

ياغاچ كۆۋرۈك ئاستىدىن
سوزۇلۇپ چىققان ئىدى بىر ئاق يىلان
يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىرەيلەن تاش بىلەن
ئۇنىڭ بېشىغا ئۇرغاندا قاراپ تۇرغان ئىدىم

كۆرمىدىم شۇندىن كېيىن
كىرپىنى، پاختەكنى، يىلاننى……



 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-12 19:55:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىمە ئىزاھلىق لۇغىتى

ئۆزۈمنى داق يەرگە تاشلاپ
پورلاشقىنىدىن شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئىڭراۋاتقان
سۆگەتنىڭ ئاستىدا، ئۆتكەن يىگىرمە بەش يىلنى
بەئەينى ئەستايىدىل ھېساۋات قىلىۋاتقان ئادەمدەك
مەسىلىسنى تولۇق تاپشۇرماقچى بولغان كېسەلدەك
مەخپىي يانچۇقۇمغا، كەينىمگە بىر نەرسىنى يۇشۇرۇش ئەھمىيىتىنى يوقاتقاندەك
غازاڭ ئارىسىدىن چىلان تېرىۋاتقان پىشقان ئايالدەك
ئۆتمۈشۈمنى دوپپامغا بىر - بىرلەپ سالدىم
ئاندىن، تىزىمغا قويۇپ، ئىجتىھاتلىق بىلەن
ئىلغاپ، تۈرى بويىچە تىزدىم،بەئەينى رەسىم كۆزگەزمىسى ئىدى
ئاندىن، بۇلار بەئەينى سەھنىدىن ئۆتىۋاتقان پاراتتەك كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى
پەلكۈچنى قولۇمغا ئېلىپ ئۆڭگەن رەڭلىرىنى تۈزەشتۈرمەكچى بولدۇم
يېقىندىلا ئۆلۈپ كەتكەن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئىسمى
يەردىن بىر غىرىچ كۆتۈرۈلدى
ئۇنىڭ ئۈچۈن نەچچە دەپتەرنى شېئىردا توشقۇرغان
ئۇنىڭ ئۈچۈن بەش ۋاخ ناماز ئوقۇغان ئىدىم
قىزنىڭ ئىككى بالىسى سالىمىمنى ئىلىك ئالمىدى
تۈك ئۈنمەيدىغان قىزغۇچ يارا ئېغىزىدەك ئەڭ ئازابلىق ئىشلارنى
ئەسلەش ئارقىلىق
ھېچ نېمە يوق ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ بىردەم بولسىمۇ
مېنى باغلاپ تۇرىدىغان نەرسلەرنىڭ قورشاۋىدىن چىقىپ
دەرەخ ئاستىدىكى جىمجىتلىقتا يۇچۇن خىيال ۋە تەسەۋۇرنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ
سەۋەبسىز كۈلۈپ/يىغلاشقا ئۇرۇنۇپ بېقىشىم
ياكى دەرەخنىڭ بىر تال يۇپۇرمىقىدەك شامالدا لەيلەپ
ھېچ نەرسىنى ئويلىماي ھەم بوش تەۋرىنىپ قاپىقىم ئاستىغا ئۇيقۇنى باستۇرۇپ
قويۇپ بىر ئاز ئۇخلىشىم كېرەك ئىدى
ئىشلار ئۇنچىمۇ ئوڭۇشلۇق بولۇپ كەتمىدى
ئەسلىمنىڭ چوقچىيىپ تۇرغان كۆكسى مەيدەمگە تېگىۋەرگەچكە
ئۇ بوشاڭلىقىمنى مەسخىرە قىلىپ دومسىيىپ تەتۈر قارىۋالغاچقا ھەم
كۆڭلىنى ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ئۇستا ئايالدەك كۆزۈمنىڭ پولىدا
تاشلىنىپ تۇرغان كۆڭلىكى ۋە ھېلىلا يۇيۇلغان چېچىنىڭ رېڭى ۋە ھىدى بىلەن
ساپما كەشنى سۆرەپ ئۇياقتىن - بۇياققا ماڭغاچقا
ئوڭايسىزلىنىش ۋە قوزغىلىش تەڭ مەۋجۇت بولۇپ ئارقىدىنلا
ئارقىسىدىن چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ
راست - يالغان گەپلەرنىڭ تەسىرىدە كارۋاتقا قىيسىيىپ
قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىمىزگە مەڭگۈ تەۋە بولۇشىنى ئىستەپ
چاچلار ئۆز ئارا چېگىشىپ، شېرىن تىتىرەك تەر بىلەن تەڭ چىقىپ كېتىشىنى خالىمغان ھالدا
قۇلاقنى يۇپۇرۇپ، تىلىڭنىڭ بوغۇزۇمغا كەپىلىشىشنى
تېنىم تېنىڭنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئۆلچەۋاتقان ياكى تېنىڭ تېنىمنىڭ چوڭقۇرلىقنى
مۆلچەرلەۋاتقان پەيتتىن پايدىلىنىپ ماڭا تەۋە نېمىنىڭ بارلىقىنى بىلىشنى
ئىككى پۇتۇڭنى قۇچاقلاپ ئۇخلاپ قېلىشى خالايتتىم
بۈگۈن ھەسرەتلىنىشنى كۆڭلۈمگە پۈككەن ئىدىم
تۇيۇقسىزلا ئېسىمىزنى ئوغۇرلاپ قولىمىزنى ئىشقا بارغۇزمايدىغان
كاللىمىزنى قۇپ - قۇرۇق قىلىۋېتىدىغان نۇرغۇن ئاياللار ئىچىدىكى بىر جۇۋاندەك
سەتەڭ، تولغان ئەسلىمە گۈزەلدۇر
بەزىدە، كۈپكۈندۈزدىلا ئىشىكىنى تىرىقلىتىمىز
بەزىدە، ئۇچرىتالماي تىرىكىپ قالىمىز
تازا قىززىق يېرىگە كەلگەندە تۈگەپ قالىدىغان چۆچەك كىتابلاردەك
ياكى تۇيۇقسىز توك كەتكەندەك ئىشىك چېكىلىدۇ
بەزىدە، بازار باشقۇرۇش خادىمىنىڭ قولىغا چۈشكەن پەمسىز يايمىچىدەك تۇتۇلۇپ قالىمىز
بەزىدە، ئىت قوغلىغان بالىدەك ئالدى - كەينىمىزگە قارىماي قېچىپ كېتىمىز ...
ئاندىن، ئالدىمغا تىزغان ئۆتمۈشنى دوپپامغا ئاۋايلاپ سېلىپ بېشىمغا كېيىۋالدىم


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-4-12 20:03:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەۋر-تاقەت

ئوي چېكەتكىلىرىنىڭ شىددەتلىك ئاۋازىنى
مېڭىش بىلەن توختاشنىڭ خەتەرلىك مۇۋازىنەتىنى
روھىڭنىڭ خارابىسى ئۈستىگە كەلگەن ئاپەتنى
گويا دۇغ سۇنىڭ سۈزۈلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان بىر كىشىدەك
ئامال قىلىپ ئويۇڭنى باشقا ياققا بۇراش ئارقىلىق
ئىستەكنىڭ تىما-تالاڭ قىلىشىدىن ساقلانماقچى بولۇشۇڭ
ئاقىلانە تاللاش بولمىسا كېرەك!
بەئەينى تاشلاندۇق قازناقتىكى نەرسىلەردەك
ئۆزۈڭنى ئۇ يەرگە تاشلاپ، ئۇنتۇپ كەتمىگۈچە
توزانغا كۆمۈلۈپ كونىراپ، تىتىلىپ، سالاپىتىڭ چۈشمىگۈچە
ئوغرى چاشقانلار پاخلىڭنى بۇلۇڭغا دۆۋلىمگۈچە
كۆزۈڭگە قاراڭغۇ، زەي، تەمكىن زەدىۋال ئېلىنمىغۇچە
تۈنلۈك سېنى بورىغا يۆگەپ ئوت ياقمىغۇچە
سۈكۈت قايچىسى ساددىلىقنىڭ چېچىدىن كەسمىگۈچە
كەلكۈندە تۇنجۇقمىغۇچە
سەۋىر - تاقەت سېنى پىشقان قىلىپ كۆرسىتىدۇ
ئاستىلىقتا، سۇسلىقتا ھاياتنىڭ ئىچ پۇشىقىنى چىقار
يامغۇر بىسى مايسىلارغا سانجىلىدۇ
گاس تامدىن بىر نەرسە كۈتكىلى بولمايدۇ
ھاۋا ئەخلەت پۇرايدۇ  
شۇنداق، سەن ئۆزۈڭدە سەۋرچانلىقنىڭ پاراستىنىيېتىلدۈرمەي تۇرۇپ
ئاشىقلىقنىڭ، كۈتۈشنىڭ قانداق بىر ئىش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالمايسەن
كەمپۈتى بولۇشنى ئىستىگەن بالىنىڭ قولۇڭدىكى كەمپۈتى بول
ئاۋازىمغا ئۇزات قولۇڭنى ……

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش