ياخشىدۇر
مۇختار يۈسۈپ
ياخشىلارنى ياخشى دەپ ماختىغانلار ياخشىدۇر
ئۈلگە ئېلىپ روھىدىن چاقنىغانلار ياخشىدۇر.
شەپقىتىدىن ياخشىنىڭ نەپ ئالمىغان كىملەربار؟!
ھىممىتىنى تەرىپلەپ ياقلىغانلار ياخشىدۇر.
«نامى ئۆلمەس ياخشىنىڭ» دىگەن ئىدى كونلار
ياخشىلىققا بىر قەدەم تاشلىغانلار ياخشىدۇر.
ياخشى بولماق تەس لېكىن يامانلىقىڭ بىردەملىك
نەسىھەتنى ئەستە چىڭ ساقلىغانلار ياخشىدۇر.
ياخشىلىقىنى يار قىلىپ ئۆتسۇن ھەركىم، ھەرجايدا
يامانلىققا ئالىيىپ باتنىغانلار ياخشىدۇر.
مۇختەر يۈسۈپ مىزانى: ياخشىلىقنى جۆر قىلىپ
ئەجدادلارنىڭ ئۈمىدىن ئاقلىغانلار ياخشىدۇر.
2016- يىلى 3-ئاينىڭ 15- كۈنى.ئاقيار