ئابلىكىم مۇھەممەت ساكارائۇلى
نورۇزنامە
ئويغىتىپ جاھاننىڭ يېشىل چۈشىنى،
ئەركىلەپ كىلەرسەن بىر تاتلىق نورۇز.
قاغجىراق زىمىندىن بىخ ئۇرار ئۈمىد،
ھەربىر ئۆي، قەلبكە سەن شاتلىق نورۇز.
ئۇزاق قىش جۇۋىسى ئېرىپ كېتىدۇ،
يېقىملىق قۇياشىڭ كۈلكىلىرىدە.
زۇمرەتتەك شوخ سۇلار ئېقىنلار ياسار،
يۇرتۇمنىڭ ئۈزۈلمەس ھايات كۈيىدە.
سۆيگەندە سەلكىنىڭ ئىرغىپ يۈزلەرگە،
ھاياجان ئىلكىدە تىترەيدۇ ۋۇجۇد.
ئەينەكتەك سۈپ-سۈزۈك ئاسمىنىڭ چەكسىز،
مىھنەتكەش خەلقىمگە ئېلىپ كىلەر قۇت.
چوكانتال پىچىرلار لەرزان سىلكىنىپ،
مەست بولغان قىز-يىگىت چۈشەر ئۇسۇلغا.
ھەرسەپتە يېڭىچە ناخشىلار ياڭرار،
يېڭى يىل پۈركىنەر گۈلگە،ھوسۇلغا.
مەردانە چېلىشلار ئەۋىج ئالدۇرۇپ،
تەنلەرگە بېرىسەن سەن قۇۋۋەت نورۇز.
ئۆملۈكنىڭ رىشتىسى ئۇلىنار مەھكەم،
چاڭقىغان، ھارغانغا سەن شەربەت نورۇز.
2016-3-18
|